ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقكۈندىلىك تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

كۈندىلىك تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۈندىلىك تازىلىق ئائىلە مۇداپىئەسىنىڭ ئاساسى. ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى قايسىلار؟

كۈندىلىك يېمەكلىكلەرنى قانداق قىلغاندا ئىلمىي بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ ئائىلىدە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشتە قايسى ئىنچىكە ھالقىلار بار؟

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرۋاڭ چاڭتۇڭخەۋىرى): ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەتقىق قىلىپ تۈزگەن «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىۋىرۇسى ئاممىۋى مۇداپىئەئاددىيقوللانمىسى» ئائىلە مۇداپىئەسى توغرىسىدا ئەسكەرتمە بەردى.

●ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئايرىش

ئائىلە مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، ھەر كۈنى ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، كىيىم-كېچەكلەرنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك. ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ لۆڭگىسى، چىش چوتكىسى قاتارلىق شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئايرىپ قويۇش كېرەك.

ئاھالىلەر ئىشىكتىن كىرگەندە ئەڭ ئاۋۋال قول يۇيۇشتەك ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە قەغەز بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋېلىش، ئېغىز-بۇرۇندىكى ئاجرالمىلارنى قەغەز بىلەن ئوراپ، ياپقۇچى بار ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش كېرەك.

ئۆيدە تاماق يېگەندە، ئائىلە ئەزالىرى بەلگىلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك، تاماق يېگەندەئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىپ، ئايرىپ غىزالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ياۋايى ھايۋانلار(يەنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشى)غا يېقىنلاشماسلىق، ئۇلارنى سېتىۋالماسلىق ۋە يېمەسلىك؛ تىرىك ھايۋانلار(ئۆي قۇشلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ياۋايى ھايۋانلار)نى ساتىدىغان بازارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

●تاماق ئەتكەندە خام، پىششىقنى ئايرىش

ئاشخانا ئۆينىڭشامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى دېرىزىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. يەر يۈزى ۋە بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان تام قاتارلىق سىرتقى يۈزلەرنى ھەر كۈنى پاكىز تازىلاش، ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ، خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈپ ياكى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرگە ئايرىپ ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، توڭلاتقۇغا سالغان يېمەكلىكلەرنىڭ خاملىرى بىلەن پىششىقىنى ئايرىش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارچە قاچىلانغان سوغۇق گۆشلۈك پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. خام، يېڭى يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقان قاچا، ئەمبەل، پىچاق، سۇ كۆلچىكى ۋە ئورالما قاپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئامال بار تىرىك چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، دېڭىز (سۇ) مەھسۇلاتلىرىنى خام ئىستېمال قىلماسلىق، گۆش، قۇش، تۇخۇمنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك. سوغۇق زەنجىرسىمان خام، يېڭى يېمەكلىكلەرنى مۇنتىزم يول ئارقىلىق سېتىۋېلىپ ۋە ئىستېمال قىلىپ، خام، يېڭى يېمەكلىك مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سېتىۋالغان خام، يېڭى يېمەكلىكنى شۇ ۋاقلىق تاماقتا يەۋېتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەگەر داۋاملىق سوغۇق ساقلىماقچى ياكى توڭلاتماقچى بولغاندا، يېمەكلىكنى ھىم ئوراپ، ئۆزئارا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېقىۋاتقان سۇدا يۇيغاندا، ئاستا يۇيۇش، چاچراپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

●ئائىلىدەدېزىنفېكسىيە قىلىشتابۇ ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك

كۈندىلىك ئائىلىدىكى مۇھىتتا، يان تېلېفون، مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى، ۋىكليۇچاتېل، جۈمەك، ئىشىك تۇتقۇچى، دېرىزە تۇتقۇچى قاتارلىق دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان جايلارنى،بولۇپمۇ تەرەت قاچىسىغا سۇ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىدا ۋاسىتىلىك ۋىرۇس تارقىتىش خەۋپ-خەتىرى يوشۇرۇنغان، شۇنداقلا ئائىلىدە كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەپمىكروب ئۆلتۈرۈشتە ئاسانلا سەل قارىلىدىغان ئىنچىكە ھالقا. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش دېزىنفېكسىيەلەپمىكروب ئۆلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. يېمەك-ئىچمەك سايمانلىرى ۋە چىنە-چەينەكلەرنى ئالدى بىلەن فىزىكىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىپ، 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە قاينىتىش ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش ساندۇقى (ئىشكاپى) ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئۈستەل يۈزى، ئىشىك تۇتقۇچى، تېلېفون، ۋىكليۇچاتېل، چەينەك تۇتقۇچى، تەلەڭگە، تەرەت قاچىسى قاتارلىق دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان جىسىملارنىڭ يۈزىنى خلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈپ، 30 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، پاكىز سۇدا پاكىز چايقىۋېتىش كېرەك.

تازىلىق ئۆيىنىڭ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى دېرىزىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. سۇ چۈشۈرگەندە تەرەت قاچىسىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويۇش، قەرەللىك ھالدا تەركىبىدە خلور بولغان كۆپۈكلىشىدىغان تابلېتكا بىلەن تەرەت قاچىسىنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. يەر ئاستى تۇرۇبا يولى(ئەۋزەر يولى)، تازىلىق ئۆيىدىكى يۇندا تۆشۈكى قاتارلىقلارنىڭ U شەكىللىك سۇ ھىملىگۈچىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، سۇ كەمچىل بولغاندا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش بىلەن قولنى تازىلاپ يۇيۇش زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بىز پات-پات قولنى يۇيۇش تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىتنى پاكىز تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇشىمىزكېرەك.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-15 / 12:07:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ