ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرقىزىقارلىق ئۇچۇرلارسۆڭەكتىن ئىلھام ئېلىپ كاۋاك بېتوننىڭ چىدامچانلىقىنى 5-6 ھەسسە كۆتۈردى

سۆڭەكتىن ئىلھام ئېلىپ كاۋاك بېتوننىڭ چىدامچانلىقىنى 5-6 ھەسسە كۆتۈردى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئىنسانلارنىڭ سۆڭەكلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، كاۋاك بېتوننىڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى 5-6 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈردى

پرىنستون ئۇنىۋېرسىتىتى تور بېكىتى خەۋەىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى : ئىنسانلار سۆڭىكىنىڭ قاتتىق سىرتقى قەۋەت قۇرۇلمىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنژېنېرى بىر خىل يېڭى تىپتىكى بېتوننى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ خىل بېتوننىڭ يېرىلىش ۋە تۇيۇقسىز بۇزۇلۇشقا تاقابىل تۇرۇش ، زەخىملىنىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئادەتتىكى بېتوندىن 5-6 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر يېڭى بىر سان «ئىلغار ماتېرىياللار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

سۆڭەكتىن ئىلھام ئېلىپ كاۋاك بېتوننىڭ چىدامچانلىقىنى 5-6 ھەسسە كۆتۈردى

بۇ خىل يېڭى تىپتىكى بېتوننى تەتقىق قىلىپ چىقىشتا، تەتقىقاتچىلار ئىنسان سۆڭەكلىرىنىڭ توقۇلمىسىدىكى زىچلىق شەكلىدىن ئىلھام ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىنسانلارنىڭ يوتا سۆڭىكىنىڭ زىچ سىرتقى قېپى سۆڭەك بىرلىكى دەپ ئاتىلىدىغان ئېللىپىس شەكىللىك نەيچىسىمان قۇرۇلمىدىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تىزىلىش شەكلى بۇ سۆڭەك بىرلىكلىرىنىڭ ئەتراپىدا يېرىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ زەربىگە ئۇچرىغاندا يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

بۇ خىل بىئونىكىلىق بېتوننى قۇيۇش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار پولى ۋىنىل ئالكوگول 3D دىن پايدىلىنىپ تۇرۇبىسىمان قېلىپنى بېسىپ چىقارغان. ئاندىن ئۇلار كاۋچۇكنى قېلىپقا قۇيۇپ ئاساسىي قېلىپىنى ياساپ چىققان. ئاخىرىدا ئۇلار كاۋچۇكنى ئېرىتىپ پولىئۇرېتان سىلىتسىيلىق قېلىپنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بېتون قۇيغان.

بۇ خىل ئەپچىل بىئونىكىلىق لايىھە ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى بېتوننىڭ كاۋاك تۇرۇبىسى يېرىقلارنى «تۇتالايدىكەن» ھەمدە ئۇنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىنى توسۇپ قالالايدىكەن. بۇ بېتونغا تالا، سۇلياۋ قاتارلىق ماتېرىياللارنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ چىداملىقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن. يېڭى ئۇسۇل ھەر بىر يېرىقنىڭ كېڭىيىشىنى كونترول قىلىپ، ماتېرىيالنى بىر قېتىمدىلا پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتمەيدىكەن ھەمدە تەدرىجىي زەخىملىنىشكە بەرداشلىق بېرىپ، ماتېرىيالنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلالايدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئۈچ نۇقتىلىق ئېگىلىش سىنىقى ۋە بىر تەرەپلىك يوچۇق ئېگىلىش سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئۇلار 2 مىللىمېتىر قېلىنلىقتىكى ئالماس ھەرە تىغى ۋە ئۇستىرا بىلەن بېتوندىن تۆشۈك ئاچقان ھەمدە بۇ جەرياننى كۆپ قېتىم تەكرارلاپ، ماتېرىيالنىڭ ئۈزۈلۈش ئەۋرىشىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى بېتوننىڭ زەخىملىنىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئادەتتىكى بېتوندىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولغان. بۇ ئىمارەتلەرنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە بېتون ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىپ، مۇھىت ئاسراشقا زور پايدىسى بار.

مەنبە:
Tougher concrete, inspired by bone

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ