سوئال: كېچىلىك ئۇيقۇدا ئېھتىلام بولغاندا، مەنى بىلەن قان كېلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە ئېھتىلام بولغاندا چىققان مەنىنىڭ توق قىزىل، جىگەر رەڭدە ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مېنىڭدە ئىلگىرى زادى بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، بۇنى داۋالىمايمۇ ساقايتقىلى بولامدۇ، ئەگەر ساقىيالمىسام مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرۈنسەم بولامدۇ-يوق؟

دوختۇر: مەنى ساقلىنىدىغان ئۇرۇق خالتىسىدا ئىنتايىن ئۇششاق تومۇر قەۋەتلىرى بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن ئۇششاق قان تومۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئاسان زەخىملىنىشى مەنىدە ئاز-تولا قان كېلىشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇ بۇرۇندىن قان كەلگەنگە ئوخشايدۇ.
قىزىل قانلا كەلسە، ئادەتتە ئۇنىڭدىن ھودۇقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. داۋالانمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.
بەزىدە ئۇرۇق خالتىسىدا ئاستا خاراكتېرلىق يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل ئالامىتى يۈز بەرسىمۇ، قان كېلىشكە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن كېسەل كىشىلەردە كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ئېغىر بولمىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا دوختۇرغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.
قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق كىشى مەنىنىڭ قان ئارىلاش كەلگەنلىكىنى سەزسە، دەرھال سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈپ، كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تېپىش كېرەك.
شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى