ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىئەرلەرنىڭ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر

ئەرلەرنىڭ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил
ئەرلەرنىڭ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر

1. ئىرسىيەت ئامىلى. ئەرلەردە تاقىرباش ئىرسىيەت گېنى بولمىسا چېچى چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

2. ھورموننىڭ ئاجرىلىشى. چاچ چۈشۈپ كېتىش ياشانغانلارغىلا خاس ئەمەس، ياشلارنىڭمۇ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئەرلىك ھورموننىڭ بەك كۆپ ئاجرىلىشى سەۋەب بولىدۇ.

3. روھىي ھالەت. روھىي زەربىگە ئۇچرىغان، روھىي ھالىتىدە تەشۋىش، جىددىيلىك كۆرۈلگەنلەرنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ.

4. سكلوخوسفامىد، فلۇئوروئۇراتسىل، ئاكتىنومىتسىن D، ۋىنكرستىن، كولخستىن، ستوزىنگە ئوخشاش خىمىيىۋى دورىلار چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. تالېي، سېلېنگە ئوخشاش رەڭلىك مېتاللاردىن زەھەرلەنگەنلەرنىڭمۇ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ.

5. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىسا چاچ ياخشى يېتىلەلمەيدۇ. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ئاقسىل كەم بولسا چاچ ياخشى يېتىلەلمەيدۇ. يېمەكلىك زىيادە ياغلىق بولسا، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ۋىتامىن A كەم بولسا چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ.

6. تەتقىقاتتىن تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈشكە بەدەننىڭ كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ئامىلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. چاچنىڭ تەڭگىسىمان چۈشۈپ كەتكەن قىسمىدىكى تۈك خالتىسىنىڭ ئاستىدا بولىدىغان T ھۈجەيرە نەم بولىدىكەن. بەزىلەرنىڭ قان زەردابىدىن ئانتېتىروئىن (قالقانسىمان بەز ھورمونىغا قارشى ماددا)غا ئوخشاش ئانتېلانىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان.

7. يېتىلىشنىڭ نورمالسىز بولۇشى، يىغىندى كېسەل، بالدۇر قېرىش قاتارلىقلارمۇ چاچنىڭ پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىشىگە ياكى شالاڭ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

8. چاچنى ياخشى ئاسرىماسلىق. 1) باش كىيىمنى كۈن بويى باشتىن چۈشۈرمىسە باش قان تومۇرلىرى بېسىلىپ قېلىپ قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. 2) ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە بەدەننىڭ ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنى سۈمۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، چىرىشكە قارشى ماددىلار چاچنى كۆرۈمسىزلەشتۈرۈۋېىتىدۇ. 3) كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 4) زىيادە كۈچلۈك ھەرىكەت چاچنىڭ يۇمشاپ، ئىنچىكىلەپ كېتىشىگە، ئاخىرىدا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. 5) ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان مۇھىتتا ئۇزاق تۇرغاندىمۇ چاچ ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ.

9. چاچ ئاسراش ۋە چاچ پەردىزى مۇۋاپىق بولماسلىق.
1) چاچ ئۇچىنى تىغ بىلەن قىرغاندا چاچ ئىلىكى، پوسلىقى زەخىملىنىپ چاچ يېرىلىپ ۋە ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ چاچنى قىرقىپ بولۇپلا بۈدرە قىلغاندا زەخىملىنىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. چاچ قايچا بىلەن قىرقىلسا ئۇنىڭ ساغلاملىقىغا ھېچقانداق زەرەر يەتمەيدۇ.
2) بۈدرە قىلىش، بوياش چاچنىڭ پوسلاق قەۋىتىنى زەخىملەندۈرىدۇ، بۈدرە قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق چاچنىڭ پوسلاق قەۋىتىدىكى ئاقسىل ۋە ياغنى ئېرىتىپ يۇمشىتىۋېتىدۇ، بوياق چاچ قارا پىگمېنتىنى يوقىتىپ چاچقا رەڭ كىرگۈزىدۇ. شۇڭا بۈدرە قىلىش سۇيۇقلۇقى، بوياق سۈپىتى، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى چاچنى ئاسراشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىشلىتىش توغرا، مۇۋاپىق بولسا چاچنىڭ زەخىملىنىشى ئازىيىدۇ.
3) توك قۇرۇتقۇچ زىيادە كۆپ ئىشلىتىلسە، چاچ ئىلىكى، پوسلاق ماددىسى زەخىملىنىپ، چاچ قۇرغاقلىشىپ، يېرىلىپ ۋە ئىنچىكىلەپ ئاخىرىدا چۈشۈپ كېتىدۇ.
4) چاچنىڭ زەخىملىنىشىگە تاغاقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىمۇ سەۋەب بولىدۇ. نىلون تاغاقتىن كۈچلۈك زەرەت چىقىدۇ، زەرەت چاچ يىلتىزىغا ئۆتۈپ، تۈك تۆشۈكى بىلەن تۈك يىلتىزى ئوتتۇرىسىدا يەلتاشما پەيدا قىلىپ چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا ياخشىسى، مۈڭگۈز ياكى ياغاچ تاغاق ئىشلىتىش كېرەك.
5) چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىمۇ چاچنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نېفىت تەركىبلىك چاچ سوپۇنى ۋە چاچ ئاسراش مەلھەملىرى باش تېرىسىنىڭ ياغ قاتلىمىنى زەخىملەندۈرۈپ، باشتا كېپەك پەيدا قىلىدۇ، باش تېرىسىنى قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

10. ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش. كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئەرلەرنىڭ چېچى شۇنچە ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەرلەر كومپيۇتېردا ئۇزاق ۋاقىت مەشغۇلات قىلسا ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى جىددىيلىشىپ، ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى قالايمىقانلىشىدۇ، قان تومۇرلار قىسقىراپ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش قان تومۇرلىرىغا قان، ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ – دە، چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ..11 بېسىم ئېغىر بولۇش. تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولسىمۇ چاچ ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-29 / 05:31:30

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ