ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرتېرە كېسەللىكلىرىمەقئەت ئەتراپىدىكى قىچىشىشنى قانداق بىتەرەپ قىلسا تېز ساقىيىدۇ؟

مەقئەت ئەتراپىدىكى قىچىشىشنى قانداق بىتەرەپ قىلسا تېز ساقىيىدۇ؟

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۇرمۇشتا مەقئەت نەملىشىپ قىچىشىش، كىچىك مونەك پەيدا بولۇش قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك. ئۇنداقتا مەقئەت قىچىشىشنى قانداق قىلغاندا تېز بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟

مەقئەت ئەتراپى قىچىشىشمۇ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ. مەقئەت ئەتراپى قىچىشىش پەقەت تېرە مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كەينىگە ھەر خىل كېسەللىكلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.

مەقئەت ئەتراپىدىكى قىچىشىشنى قانداق بىتەرەپ قىلسا تېز ساقىيىدۇ؟

1. مەقئەت ئاقمىسى: مەقئەت ئاقمىسى كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشى بولسا، مەقئەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قوزغالغاندا ۋاقتىدا داۋالىماي، سۈزۈك سۇ بىلەنلا يۇيۇپ قويساق ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ، شۇڭا بىز بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

2. مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ بوشىشىشى: بۇ خىل ئەھۋالدا مەقئەت تۈز ئۈچەي ھالقىسىنىڭ چوڭ تەرەتنى كونترول قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، كۆپ قېتىم چوڭ تەرەت قىلىش سېزىمى بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىچكى گېموروي چىقىپ قېلىش، تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسى چىقىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ.

3. مەقئەت ئەتراپى تېرە كېسىلى: بۇ بىر خىل نېرۋا فۇنكسىيەسى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك تېرە كېسىلى بولۇپ، مەقئەت ئەتراپى ۋە چات ئارىلىقى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن يىرىڭلىق ئىششىق يېرىلىپ كېتىش، غەلىتە قىچىشىش قاتارلىقلار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

قانداق قىلغاندا قىچىشىشنى تېز بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟

1. سەۋەبكە قارىتا داۋالاش

ئەگەر قىچىشىش بىر قەدەر ئېغىر بولسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ھەمدە كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا دورا بىلەن داۋالىنىش كېرەك.

2. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش

غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ مەقئەتنى غىدىقلاپ، قىچىشىشنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش، قەھۋە، چاي، كولا، شاكىلات، ئاپېلسىن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىش، مايسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق مەقئەت قىچىشىشنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

3. يەرلىك ئورۇننىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش

چوڭ تەرەتتىن كېيىن ئاق، پۇراقسىز قەغەز بىلەن يېنىك سۈرتۈپ، ئىككىنچى قېتىم يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، مەقئەت نەيچىسىدە قېلىپ قالغان تەرەتتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. ئىچ كىيىمنى پات پات ئالماشتۇرۇش

ھەر كۈنى ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇش ھەم ۋاقتىدا يۇيۇپ ئاپتاپقا سېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئىچ كىيىم ئۈستىدىكى مىكروبلارنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئۆلتۈرۈپ، ئىچ كىيىم پاكىز بولمىغانلىقتىن مەقئەت يۇقۇملىنىش، قىچىشىش كېلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .

مەقئەتتىكى كىچىك مونەكلەرگە ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ، ئۇلار بەلكىم ئۆسمە بولۇشى مۇمكىن. مەقئەت بەدىنىمىزدىكى كۆرۈنمەس رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتە كۆرگىلى بولمىغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر يۇيۇنغاندا ياكى ساغرىسىنى سۈرتكەندە ئاندىن بۇنى بايقايدۇ. مەقئەتتىكى كىچىك مونەك گېموروي بولغاندىن سىرت، يەنە بەلكىم ئۆسمە بولۇشى مۇمكىن، مەقئەت ئەتراپىدا كىچىك مونەك پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغاندا، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرۈپ، داۋالاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويماسلىق لازىم.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17920216.shtml

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-08 / 10:24:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ