قىزىلئۆڭگەچ: ئىنگىلىزچە: Esophagus تۈركچىدە Yemek borusu, ياكى özofagus مۇ دەپ قويىدۇ. خەنزۇچە: 食管 دەپ ئاتايدۇ.
ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمىتىر ئەتراپىدا . قىزىل ئۆڭگەچنىڭ رىتىملىق قىسقىراپ كېيىشى ئارقىلىق بىز بايا ياخشى چايناپ يۇتقان يىمكەلىكلەر ئاستا ئاستا ئاشقازانغا يوللىنىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ 3 تار قىسمى بولىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ 3-تارقىسمى يەنى ئاشقازانغا كىرىدىغان يېرى بىزگە نىسبەتەن مۇھىم.
قىزىل ئۆڭگەچنىڭ رىتىملىق قىسقىراپ كېيىشى ئارقىلىق بىز بايا ياخشى چايناپ يۇتقان يىمكەلىكلەر ئاستا ئاستا ئاشقازانغا يوللىنىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ بىلەن كاناي يولى بىر بىرىگە تام قوشنا، يۇتقۇنچاق قىسىمدا، كاناي يولىنى توسۇپ قالىدىغان كىكىردەك قاپقىقى بار، گەپ قىلغاندا، نەپەس ئالغاندا قاپقاق ئوچۇق تۇرىدۇ، تاماق يىگەندە، سۇ ئىچكەندە قاپقاق ئېتىلىدۇ. شۇڭا ئۆپكىگە سۇ يىمەكلەر ئاسان قېچىپ كىرۋالمايدۇ.
ئەگەر تاماق يىگەندە سۇ ئىچكەندە تولا گەپ قىلسىڭىز، قاپقاق زەخىملەنسە، ياكى شۇ قاپقاقنى كونترول قىلىدىغان نېرۋىلار زەخىملەنسە، قاپقاق يېپىلماي قېلىپ، يېمەكلەر ئۆپكە يولىغا كىرىۋېلىۋالىدۇ، شۇ ۋاقىتتا يۆتىلىپ كىتىمىز، ئۆپكە يۆتىلىش ئارقىلىق شۇ ھاۋا يولىغا كىرىلۋالغان يىمەكلىك يۇقۇندىسى، سۇ ياكى بەلغەم، ۋە ياكى سىرتتىن كىرگەن جىسىمنى تازىلاشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بەك ئىچىگە كىرىپ كەتسە، نەپەس ئالالمايدىغان، ياللۇغىلىنىدىغان، ئۆپكە تىشىلىپ كېتىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ.
قىزىلئۆڭگەچ كېسەللىكلىرى توغرىسىدا بېكىتىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ مەزمونلارنى تاپالايسىز.