1. بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن باققان ياخشى ، چۈنكى ئانا سۈتىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ ، بوۋاقنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمايدىغان بوۋاقلارنىڭ سۈتىگە ئازراق يۇمشاق بولكا سېلىۋېتىش ۋە مېۋە شىرنىسىنى كۆپرەك ئىچۈرۈش ، ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا تەركىبىدە ۋىتامىن مول يېمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش بىلەن بىللە ، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچۈرۈش كېرەك . بۇنداق بولغاندا ، قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ۋىتامىن تولۇقلىغىلىبولىدۇ.
3. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ تاماق تاللىمايدىغان قىلىپ يېتىشتۇرۈش ، كۈندە ئىككىقېتىم چوڭ تەرەت قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.
4. بالىنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى تىزگىنلەش ، ئىسسىقلىق تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . بالىنى كۆكتات ۋە مېۋە يېيىشكە ئادەتلەندۈرۈش ، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچۈرمەسلىك كېرەك.
5. ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولغان ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمايدىغان بوۋاقلارنىڭ سۈتىگە كۈندە ئازراق شېكەر سېلىۋېتىش ، كۈندە بىر تالدىن ئىككى تالغىچە بانان يېگۈزۈش ۋە كۈندە ئەتىگەندە ھەسەل سۈيى ئىچۈرۈش كېرەك.
6. ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە بالىغا ئازراق شوۋىگۈرۈچ ياكى يېشىل ماش سۈيى ئىچۈرۈش كېرەك.