ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىمەزى بېزىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

مەزى بېزىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

يېمەك – ئىچمەك ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىدىكى مۇھىم ھالقا شوخلا، سەۋزە، كاللەكسەي ۋە يېشىل چېچەكسەي ئەرلەر ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەردۇر

ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 3 ئۈلۈشتىن ئارتۇق شوخلا، يېشىل چېچەكسەي، كاللەكسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى يەپ تۇرسا، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %50 كە يېقىن ئازىيىدىكەن.

سىن تەتقىقات مەركىزى 40 – 64 ياشقىچە بولغان 1230 نەپەر ئەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمى نورمال كىشىلەر، يېرىمى مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىكەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ كۆكتات، مېۋە يېيىش مىقدارىنىڭ كېسەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ 4 – 5 يىل ئىلگىرىكى يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنىمۇ سۈرۈشتۈرگەن.

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ %15 ى كۈندە 3 ئۈلۈشتىن ئارتۇق كۆكتات، مېۋە يەيدىغان كىشىلەر بولۇپ، كۈندە بىر ئۈلۈش كۆكتات، مېۋە يېگەن كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %48 تىن ئارتۇق تۆۋەن بولغان. ھەر ھەپتىدە 3 ئۈلۈشتىن ئارتۇق يېشىل چېچەكسەي، كاللەكسەي يېگەنلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %41 تىن كۆپرەك تۆۋەن بولغان.

تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ قارىشىچە، ئۆسۈملۈكلەردىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ۋە ئالاھىدە ئۆسۈملۈك ماددىسىنىڭ بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغاچقا، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بەدەندە تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن پايدىلىنىپ مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى غىزالىنىش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

1.ناشتا قىلغاندا بىر ئىستاكان شوخلا شىرنىسى ئىچىش؛

2.چۈشتە سەۋزە، كاللەكسەي ياكى چېچەكسەي قوشۇلغان سالات ياكى سۇدا پىشۇرۇلغان كۆكتاتلاردىن بىر تەخسە يېيىش؛

3.كەچلىك تاماقتا پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ياكى قارا ئاشلىقنى قوشۇپ يېيىش.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ