ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقجىنسىيەت تۇرمۇشتىكى بەزى خاتا كۆز قاراشلار

جىنسىيەت تۇرمۇشتىكى بەزى خاتا كۆز قاراشلار

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил
بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

جىنسىيەت تۇرمۇشتىكى بەزى خاتا كۆز قاراشلار

جىنسىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەردە ئادەتتە نۇرمال بولغان ئەھۋاللارنىمۇ نۇرمالسىز دەپ قارايدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلىپ دائىم تەشۋىشتە يۈرۈيدىغان ئەھۋاللار ئېغىر بولماقتا. جىنسىي تۇرمۇش كەيپىياتنىڭ ساز بولۇشى بىلەن ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەبئىي جەريان بولغاچقا يۇقۇردىكىدەك ئۆزىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى نۇرمالسىز دەپ قارايدىغان ئەندىشە كاللىسىغا ئورناپ قالغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى ساغلام، جىنسىي ئىقتىدارى نۇرمال بولسىمۇ نېرۋىسىغا تەسىر قىلىپ بېكىپ كەتكەن تەشۋىش سەۋەبلىك راستىنلا جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولىشى ياكى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قىلىشى مومكىن. بۇ ئەھۋال تەجىربىسىزرەك دوختۇر-تېۋىپلارغا كۆرۈنۈپ جىنسىي ئاجىزلىقى، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، شەھۋىتى كۈچلك ئاچكۆزرەك ئايال زاتى تەرىپىدىن كەمسىتىلىش نەزىرىدە قارالغان مۇشۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ ئەسلىدىكى گۇمانى تېخىمۇ كۈچىيىپ جىسمانىيتى،جىنسىي ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى نۇرمال بولسىمۇ نېرۋا خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا دۇچار بولىشى مومكىن.
1.شەھۋىتى قوزغالغاندا ئەرلىك ئەزا ئۇچىدىن مەزى سۇيۇقلىقى كىلىشنى كېسەللىك دەپ قاراش -ئادەتتە شەھۋەتنى قوزغاشقا سەۋەب بولىدىغان ھەركەت، كۆرۈنۈش، جۆرىسى بىلەن ئوينىشىش، قۇچاقلىشىش دېگەندەك ئەھۋالدا ئەرلىك ئەزا ئۇچىدىن ئازغىنە سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىشى مومكىن. بۇ ئەھۋالدا بەزى ئەرلەردە ئۆزىدە چاتاق چىققاندەك ھېس قىلىپ كۆڭۈل غەشلىكى ئىچىدە شەھۋەت سۇسلايدۇ ، دە- جىنسىي ئەزاسى بوشۇشۇپ نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەھۋەت قوزغالغاندا يىنىك دەرىجىدە سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىش نۇرمال ئەھۋال بولۇپ بۇ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىغانلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس.
مىسال: 20 ياشلاردىكى بىر ياش ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ چەتئەلنىڭ مۇھەببەت ۋەقەلىكى تەسۋىرلەنگەن بىر كىنونى كۆرىۋېتىپ ئارىلىقتا جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر چىققاندا ئەرلىك ئۇچىدىن يېنىك سۇيۇقلۇق ئاجىرلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىدە كېسەللىك بار ئىكەن دېگەن ئەندىشە بىلەن تېۋىپقا بىرىپ ئۆزىدە ئاسانلا مەنىي ئىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېيتىپ دورا تەييارلاپ بىرىشنى ئېيتىدۇ. تېۋىپ ئەتراپلىق پاراڭلىشىش، مىزاجىنى كۆرۈش جەريانىدا مەسىلىنىڭ ئۇ ياش ئېيتقاندەك ئەمەسلىكىنى بايقاپ ئۇنىڭغا مەزى سۇيۇقلۇقى بىلەن مەنىينىڭ ئوخشىمىغان ئىككى گەپ ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە ئەرلەردە شەھۋەت قوزغانلغاندا ئەرلىك ئەزا ئۇچىنىڭ نەملىشىپ قىلىشىنىڭ نۇرمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئۆزىگە پىسخىك بېسىم پەيدا قىلىپ ئازابلىنىپ يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن شەھۋەتنى قوزغايدىغان، سېرىق كىنو-رەسىم دېگەندەكلەرنى تولا كۆرمەسلىكنى ئېيتىپ ھېچقانداق دورا قىلماي مەسىلىنى ھەل قىلىپ ھىلىقى ياشنى يولغا ساپتۇ.
2.ئەرلىك ئەزانى كىچىك دەپ قاراش – بىلىشىمچە بۇ خىل ئەندىشە ئوپچە مۇنچىغا چۈشۈش، ئامېرىكلىقلار ئىشلىگەن سېرىق كىنولارنى كۆرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەرلىك ئەزاسى بىلەن ئۆزىنىڭنىكىنى سىلىشتۇرۇشتىن پەيدا بولىدىكەن. بەزىلەر ھەتتا ئوپچە مۇنچىغا چۈشۈپ ئۆزىنىڭكىنى كىچىك ھېسابلاپ ئىككىنجى قېتىم باشقىلار بىلەن ئوپچە مۇنچىغا بىللە چۈشۈشتىن نۇمۇس قىلغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ بىر-بىرنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا قارىماسلىق، بىر يوتقاندا ياتماسلىق دېگەن ئۇلۇقلار سۆزىگە ئەمەل قىلمىغاندا كىلىپ چىقىدىغان ئۆزىدىن گۇمان قىلىش، ئۆزىنى كەمسىتىش دېگەندەك بىھۇدە ئىچ-پۇشۇقى ۋە باشقا پىسخىك بىنۇرماللىقلار بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، خەتنىگاھنىڭ ئۇزۇن -قىسقا، چوڭ -كىچىك بولىشى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشى ئوتتۇرسىدا ئالاھىدە مۇناسىۋەت يوق دىيەرلىك. چۈنكى ئاياللارنىڭ جىنسىي سەزگۈر رايۇنى دىلچىق ۋە چوڭ-كىچىك جىنسىي لەۋلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىدە بولىدۇ. چەتئەللىك مەخسۇس تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە ئاياللارنىڭ جىنسىي ھوزۇرنى ھېس قىلىش، غىدىقلىنىش چۇڭقۇرلىقى 3cm دىن 5cm غىچە بولۇپ ئۇنىڭدىن ئىچكىرسىنىڭ سەزگۈرلىكى ئاساسەن بولمايدىكەن. شۇڭا زەكىرى كىچىك كىشىلەر جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئايالىنى ھوزۇرلاندۇرالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ پەقەتلا ئورنى يوق.
تېمىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى تۈرلەر ئارقىلىق جانلىق بايان قىلىمىز، نەزىرىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن!
3.بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يەنە تېزلا جىنسىي مۇناسىۋەتكە كىرەلمەسلىكلىنى جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قاراش؛
بەزى ئەرلەر بىرىنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن تېزلا يەنە جىنسىي قوزغىلىش بولماسلىقنى بىر خىل كېسەللىك دەپ قاراپ ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق كۆرىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ ئۆزىگە روھىي بېسىم يۈكلەپ قويىدۇ. ساغلام ئەركەكلەردە ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ تولۇق لەززەت ھېس قىلغاندىن كىيىن مەلۇم ۋاقىت جىنسىي قوزغىلىش بولماسلىق ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلىشى نۇرمال ئەھۋال بولۇپ بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىنىڭ روھىي كەيپىياتى، يېشى، موھىت، سالامەتلىك ئەھۋالى، چارچاش ئەھۋالى، مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ تەسىرى بولۇپ جىنسىي ئاجىزلىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. قارىشىمچە ئەرلەرنىڭ مىزاج پەرقىگە قاراپ جىنسىي ئىشتىھاسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئادەتتە بەلغەم خىلىت (ھۆل سوغۇق مىزاج) لىق كىشىلەرنىڭ جىنسىي ئىشتىھاسى بىر قەدەر تۆۋەنرەك بولۇپ سەپرا خىلىت (قۇرۇق ئىسسىق مىزاج) كىشىلەردەك جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ تەلەپ قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋالنى بىرەر خىل كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق دەپ قارالماستىن بەلكى ئەرلەرنىڭ مىزاجىدىكى پەرق دەپ قاراش مومكىن. ئادەتتە ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى كىشىلەر بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن قانائەتلىنىشى مومكىن. بۇ ھەم شۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ زورلاپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش پايدىسىزدۇر. كۈندۈلۈك تىرىكچىلىك مەشغۇلاتى بىلەن چارچىغاندا تەكرار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىستىكى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ھەر خىل ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ تەكرار جىنسىي تەلەپنىڭ بولماسلىقىنى بۆرەك ئاجىزلىغانلىق دەپ ئۆزىگە روھىي بېسىم قىلماسلىقى كېرەك.
قوشۇمچە: يۇمغاقسۈت، قېتىققا ئوخشاش ھۆللۈك، سوغۇقلۇقنى كۆپەيتىدىغان ئوزۇقلۇق غىزالار ئادەتتە ھۆل سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى بوشۇتۇپ، نېرىپلارنىڭ سەزگۈرلىكىنى ھەم جىنسىي ئىشتىھاسىنى تۆۋەنلەتسە، قۇرۇق، ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ جىنسىي تەلىپىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا مىزاج ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھممىيىتى زور دەپ قارايمىز.
4. ئۇزۇن ۋاقىت ئايالىدىن يىراقتا ئايرىلىپ تۇرۇپ ئۇچراشقان تۇنجى جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنى تېز كېتىشنى جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قاراش؛ بۇ زىيادە ئىچىرقاش، جىنسىي ھاياجان كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرمال ئەھۋال بولۇپ جىنسىي ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىك ئەمەس.
مىسال: بىر ئەر روھىي چۈشكۈن ھالدا تېۋىپنىڭ يېنىغا بىرىپ ئۆزىدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىدىن داتلاپتۇ، مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى سۈرۈشتە قىلسا ئۇ كىشى ئايالى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت يىراقتا بولغانلىقى ئۈچۈن جەم بولغان تۇنجى مۇناسىۋەتتە زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن رەسمى جىماغا كىرىشىپ بولماستىنلا مەنىي يۈرۈپ كەتكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزىدە ئېغىر مەسىلە باردەك تەشۋىشتە قالغان . بۇ ئىش ئۇ كىشىنىڭ نېرۋىسىغا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن بولغاچقا قايتا جىنسىي قوزغىلىش بولالمىغان. تېۋىپ ئۇ كىشىگە، ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يىراق تۇرغان ئەرلەردە بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشىنىڭ نۇرمال ئىش ئىكەنلىكىنى، زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتمەي ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بىرىپ قىلسا ھېچقانداق چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ. دېگەندەك 2-3كۈنلەردىن كىيىن ئۇ كىشى تېۋىپقا ئالاھىتەن رەھمەت ئېيتقىلى كەپتۇ.
5. ئىھتىلام بولۇشنى جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قاراش؛
ئىھتىلام بولۇش جىنسىي تەشنالىقنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىدىكى تەبئىي ئىنكاسى بولۇپ شۇ ئارقىلىق (يەنى شەيتان ئاتلاش) چىڭقىغان نېرىپلارنى بوشىتىدۇ، بويتاقلىقتىكى قۇترىغان جىنسىي ئىستەكلەرگە تەبئىي رەۋىشتە ئارام بىرىدۇ. يېغىلغان ئارتۇق قۇۋۋەتلەرنى تارقىتىدۇ، ھارارەتنى پەسەيتىدۇ. بەزى توي قىلغان ئەرلەردىمۇ ئىھتىلام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قالىدىغان بولۇپ بۇ ئەھۋال ئايالىنىڭ جىنسىي تەلىپىنىڭ تۆۋەن بولىشى ياكى شۇ ئەر جىنسىي غىدىقلىنىش موھىتىنىڭ تەسىرىدىن رىئاللىقتا تولۇق جىنسىي قانائەتلىنىش شارائىتىغا ئىرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن چالا قالغان جىنسىي ئىھتىياجنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالەتتىكى تولۇقلىنىشىدۇر.
6. جىنسىي ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش غەرىزىدە ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزىدىن ئىمتاھان ئىلىپ مەغلۇپ بولسا ئۆزىدە بۆرەك ئاجىزلىقى بار دەپ قاراش؛
بۇ خىل قاراش توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلاردا ئېغىرراق بولۇپ ئۆزىگە قورقۇنۇچلۇق روھىي بېسىم يۈكلىۋالىدۇ. شۇ سەۋەبلىك توي قىلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان، داۋاملىق بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان توي قىلسىمۇ ئالدىدىكى پىسخىك توسالغۇ سەۋەبلىك جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە جىنسىي تۇرمۇش مۇئەييەن مۇھەببەت ئاساسى بولۇشنى، ھېچبولمىغاندا ئازادە كەيپىياتتىكى مەستخۇشلۇق ھەم بىر-بىرىگە ئىنتىلىش ئىستىكىنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى سىناش غەرىزدە <<ئىمتاھان>> ئىلىپ بېقىش مۇسۇلمان پەرزەنتىگە نىسبەتەن بىر ھارام ئىش ھەم بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق مۇھەببەت ئاساسى بولمىغان بولغاچقا گۇناھ تۇيغۇسى ۋە ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى نېرۋىدىكى سەگەكلىك ھالىتى بۇ جىنسىي مۇناسىۋەت (زىنا)نىڭ مۇۋەپىقيەتلىك بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مانا بۇ تۇنجى قېتىملىق يامان ئاقىۋەت تۇنجى قېتىم جىنسىيەت بوسۇغىسىدىن قەدەم ئالغان ياشلارغا نسىبەتەن پىسخىك مەسىلە پەيدا قىلىدۇ، دە ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق بار ئىكەن دەيدىغان خاتا قاراشقا ئىلىپ كىلىدۇ.
7. تېرىكچىلىك مەشغۇلاتى بىلەن چارچاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بىر-قانچە قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قاملاشماي قالسا ئۆزىدە جىنسىي ئىقتىدار چىكىنىپتۇ دەپ قاراش؛
خىزمەت ۋە ھەرخىل روھىي بېسىملار سەۋەبىدىن زىيادە چارچاش ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن زۇكام دېگەندەك ھاللاردىمۇ بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ جىنسىي تەلەپ تۆۋەنلەش، جىنسىي مۇناسىۋەت خوشياقماسلىق ئادەتتە نۇرمال ئەھۋال بولۇپ بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزىنى جىماغا زورلىغاندا ئەرلىك ئەزا چىڭ-يىتەرلىك قاتمايدىغان، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ دە، ئۆزىدە بىرەر چاتاق چىققانلىقىدىن گۇمان قىلىپ ساراسىمىگە چۈشىدۇ. بۇنداق تاسادىپىي يۈز بىرىدىغان <<مەغلۇبىيەت>> لەرنىڭ ئاندا-ساندا كۆرۈلۈپ قىلىشى نۇرمال ئەھۋال بولۇپ بىرەر قېتىم قىنىپ ئۇخلاش ياكى ئارام ئىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كىلىدۇ.
8.ئايالىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر سەۋەبلىك ھېسياتى سۇسلاپ ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرماسلىقى سەۋەبلىك ئۆزىدىمۇ كۆرۈلگەن تۆۋەن جىنسىي قوزغىلىشنى بۆرەك ئاجىزلىق دەپ قاراش؛
ئاياللارنىڭ بەدىنى سوۋۇپ جىنسىي تەلىپىنىڭ ئاجىز بولىشى سەۋەبلىك ئەرلىرىگە يېتەرلىك جىنسىي ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ. بۇ خىل جىنسىي پاسسىپلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت پەقەت ئەرنىڭلا ئىشىدەك بولۇپ قالىدۇ، دە ئەر كىشى يىتەرلىك جىنسىي قوزغىتىشقا ئىرىشەلمەي پىسخىكا جەھەتتىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە شۇ ئەرنىڭ بۆرىكى ئاجىزلىغانلىق بولماستىن ئەكسىچە يىتەرلىك جىنسىي قوزغىتىشقا ئىرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ھەۋىسى كۈچلىنىپ ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتسىلا ئەر كىشىدىكى بۇ ئەھۋال ئەسلىدىكىدەك ساغلام ھالەتتە ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ.
9.پەرزەنتلىك بولالمايدىغان ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ دەپ قاراش؛
ئەرلەرنىڭ ئەرلىك شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشى ئۇرۇقدان ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئەرلىك ھورمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارى بولسا ئۇرۇقدان ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئۇرۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەرلىك ئۇرۇقنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇشى پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ ئاساسى، لىكىن پەرزەنتلىك بولۇش بىلەن ئەرلىك ئىقتىدار ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم بولۇپ ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ تۆۋەن بولىشى پەرزەنتلىك بولالمايدىغانلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ. ھەم ئۇرۇقنىڭ نىسبىتى تۆۋەن ياكى پەقەتلا تېرىك ئۇرۇق بولمىغان سەۋەبلىك پەرزەنتلىك بولالمىغان ئەرلەرنىڭمۇ ئەرلىك ئىقتىدارى تۆۋەن بولىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرسى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى يوق. ئادەتتە ئەرلىك ئەزاسى يىتەرلىك قايىم بولالمايدىغان بىر ئەرنىڭ ئەرلىك ئەزاسى ئايالنىڭ جىنسىي يولىغان تولۇق كىرمىسىمۇ ئاجىرتىپ چىقارغان مەنىي تەركىبىدىكى ئۇرۇق جىنسىي ئەزا ئېغىزىغا چىقىپ كەتكەن بولسا، مۇشۇ ۋاقىت ئايال كىشىنىڭ تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىش ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولسا ھىلىقى ئۇرۇق تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىپ ھامىلە پەيدا قىلىشى تامامەن مومكىن. لىكىن ئەرنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارى ياخشى ھەتتا ئادەتتىكىدىن ئالاھىدىرەك يۇقۇرى بولغان ھالەتتىمۇ ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولسا ياكى ئۇرۇقدان ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالسا بۇ ئەرنىڭ پەرزەنتلىك بولالىشى ناتايىن.
10.ئانانىزىم قىلىپ مەنى تېز چىقىپ كەتسە ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق بار دەپ قاراش؛
11.ساقال چىقماسلىق، ئاۋازىنىڭ زىل چىقماسلىقى، كۆكرىكىنىڭ كەڭرى، چوڭراق بولۇشىنى نۇرمالسىزلىق دەپ قاراش؛
12.جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا تەرلەپ كېتىشنى بۆرەك ئاجىزلىقى دەپ قاراش؛
13. بىر مۇددەت ئىھتىلام بولماسلىقنى كېسەللىك دەپ قاراش؛
14. بەل ئاغرىپ ياكى تالسا بۆرەك ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن دەپ قاراش؛
15.ئاياللارنى خىيال قىلىپ بولغۇچە ئەرلىك قايىم بولمىسا ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق بار دەپ قاراش.
مەنبە: ئۇيغۇر ئەر-ئاياللار ساغلاملىق سالونى
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-02 / 07:07:02

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ