مۈرە ئەتراپ ياللۇغى 肩周炎

0
1611
مۈرە ئەتراپ ياللۇغى 肩周炎

مۈرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغى ئاددىي قىلىپ مۈرە ئەتراپ ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ بۇ ئاساسلىقى مۈرە بوغۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگېرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇسكۇل ، مۇسكۇل پېيى، سىلىق خالتا ۋە مۇسكۇل خالتىسى قاتارلىق مۈرە بوغۇمى ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارغا تارقالغان ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ

تونۇش:

بۇ خىل كېسەللىك ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا، ئوڭ مۈرىگە قارىغاندا سول مۈرىدە نىسبەتەن كوپ كۆرۈلىدۇ. كۆپۈنچە ئەھۋالدا بىر تەرەپ مۈرە بوغۇمى كېسەللىنىدۇ ، ھەر ئىككى تەرەپ مۈرە بوغۇم ئوخشاش كېسەللەنگۈچىلەر %8 نى ئىگىلەيدۇ . 50 ياش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولۇپ ئوتتۇرا ياشلىقلار كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

كېسەللەنگەندىن كىيىن مۈرە بوغۇمى قاتتىقلىشىپ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ . خۇددى قېتىپقالغاندەك بولۇپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا قېتىشىش خاراكتېرلىك مۈرە كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

دىياگنوز ئاساسى :

تىپىك كېلىنكىلىك ئالامىتى يەنى مۈرە بوغۇم ئاغرىش ۋە ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، كېسەللىك تارىخىغا يەنى سوغۇق ئۆتكۈزىۋالغان ، زەخىملەنگەن ، كېسەللەنگەن تەرەپ مۈرە بوغۇمىدا چىقۇق بولغان تارىخىنىڭ بار يوقلىقىغا ئاساسەن دىياگنوز قۇيىلىدۇ

تۈرلەرگە بۆلۈنىشى ۋە ئالامىتى :

كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن بەشكە بۆلۈنىدۇ .

1- بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان مۈرە ئەتراپ ياللۇغى
2- سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان مۈرە ئەتراپ ياللۇغى
3- بەلغەم سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان مۈرە ئەتراپ ياللۇغى
4- سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان مۈرە ئەتراپ ياللۇغى
5- باشقىلار يەنى زەخىملىنىش ، مۈرە بوغۇم چىقۇقى ، سۇنۇق قاتارلىقلارنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ مۈرە ئەتراپ ياللۇغى

كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دەرىجىگە بۆلۈنىشى:

1- دەرىجە يەڭگىل دەۋرى يەنى مۈرە قىسىم ئاغرىش .
2- دەرىجە ئوتتۇرھال دەۋرى يەنى ئاغرىش، كۆرۈنەرلىك ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش .
3- دەرىجە ئېغىر دەۋرى يەنى قېتىشىش دەۋرى .

كېلىنكىلىك ئالامىتى :

مۈرە بوغۇم ئاغرىش ۋە ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، ھەرىكەتلەندۈرگەندە مۈرە ئاغرىش كۈچىيىش ، قىزىش كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . مۈرە قىسىم بېسىلىپ ئاغرىش ، ھەرىكەت قىلىش ئەپسىز بولۇش ، بەزىدە كېچىلىرى ئاغرىپ ئويغىنىپ كېتىش ، ئۇخلىغاندا مۈرىنى بېسىپ ياتالماسلىق . قولىنى كەينىگە ئالالماسلىق چېچىنى تارىيالماسلىق ، كىيىم كىيىش – سېلىش، يۈز يۇيۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلالماسلىق . يەرلىك ئورۇن مۇسكۇللىرى قېتىشىپ قىلىش ، تارتىشىش ياكى يىگلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .

ئۇيغۇر تېبابەت دىياگنوزى: مۈرە ئەتراپ ياللۇغى

غەرب تېبابەت دىياگنوزى: مۈرە ئەتراپ ياللۇغى

داۋالاش پىرىنسىپى :

1 . روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، داۋالاشقا تولۇق ماسلىشىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىپ ، قائىدىلىك پەرۋىش خىزمىتى ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .
3 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .
4 . قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، مۈرە ئەتراپ پەي مۇسكۇللىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .
5 . فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
6 . رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here