ئانا سەھىپەبىلىمسىناقلاركۈندىلىك يىمەكلىك ۋە ئېغىرلىق

كۈندىلىك يىمەكلىك ۋە ئېغىرلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۈندىلىك يىمەكلىك ۋە ئېغىرلىق

مەزكۈر ھېساپلىغۇچ ماشىنىسىدا، جىنسىيىتىڭىز، يېشىڭىز، ئېغىرلىقىڭىز، بوي ئىگىزلىكىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلار ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچ قىممىتىڭىزنى ھەم كۈندىلىك كېرەك بولغان ئېنىرگىيە سەرپىياتىڭىزنى ھېساپلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، بىر كۈن ئىچىدە ئىستىمال قىلغان ياكى قىلماقچى بولغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ توپلام ئېنىرگىيىسىنى ھېساپلاپ چىقىرىش ئارقىلىق، سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ئورۇقلاش، سەمىرىشكە توغرىلىق بەزى تەۋسىيىلەر بېرىلىدۇ.

تىزىملىكىگە ھازىرچە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان 23 دىن ئارتۇق ئوۇزۇقلۇقلار قوشۇلدى. يېرىم مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ دىققەت قىلىپ تولدۇرۇپ ھېساپلاپ بېقىڭ. بۇ ئارقىلىق بەدىنىڭىزگە ۋە تاماق ئادىتىڭىزگە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلىڭ.

كۈندىلىك ھەرىكەت مىقتارىنى قانداق تاللايمىز؟

كۈندىلىك ھەرىكەت مىقتارىڭىز سىزنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئاكتىپلىق دەرىجىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بىر كۈن ئىچىدىكى يۈرۈش تۇرۇش، خىزمەت جەريانىدىكى ھالەت-پائالىيىتىڭىز، خىزمەتكە بېرىش كېلىشتە مېڭىش كۆپرەكمۇ ياكى ئاپتوبۇس ماشىنا ئارقىلىق باردىڭىزمۇ ۋە قانچىلىك ماڭدىڭىز، بىر كۈن ئىچىدە چېنىقتىڭىزمۇ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋەيا كومپىيوتېر ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ياكى ھەرىكەت قىلىپ بېرىش… بۇلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئەگەر خىزمەت، مەكتەپكە ئاپتوبۇستا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ بارسىڭىز، خىزمىتىڭىز ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ قىلىدىغان خىزمەت بولسا، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئانچە ھەرىكەت قىلىپ كەتمىسڭىز «مەن ھورۇن، ئانچە ھەرىكەت قىلىپ كەتمەيمەن» نى تاللاڭ.

ئەگەر خىزمەت مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا ئاز دىگەندە 15-20 مىنۇت ماڭسىڭىز، خىزمەت جەريانىدا دائىم ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئۇيان بۇيانغا ماڭسىڭىز، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئاز تولا ھەرىكەت قىلسىڭىز، «يېنىك ھەرىكەت مىقتارى» نى تاللاڭ.

ئەگەر خىزمەت مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا ئاز دىگەندە 30 مىنۇتتىن كۆپرەك ماڭسىڭىز، خىزمەت جەريانىدا دائىم ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئۇيان بۇيانغا ماڭسىڭىز، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بەك ئولتۇرۇپ كەتمىسىڭىز، ۋە رېتىملىق ھەپتىدە 3-4 قېتىم چېنىقسىڭىز «ئوتتۇرا ھەرىكەت مىقتارى» نى تاللاڭ.

ئەگەر خىزمەت مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا ئاز دىگەندە 40 مىنۇتتىن كۆپرەك ماڭسىڭىز، خىزمىتىڭىز كۆپىنچە ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەت بولسا، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بەك ئولتۇرۇپ كەتمىسىڭىز، ۋە رېتىملىق ھەپتىدە 4-5 قېتىم چېنىقسىڭىز «ئېغىر ھەرىكەت مىقتارى» نى تاللاڭ.

ئەگەر خىزمەت مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا ئاز دىگەندە 60 مىنۇتتىن كۆپرەك ماڭسىڭىز، خىزمىتىڭىز ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئېغىر خىزمەت بولسا، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بەك ئولتۇرۇپ كەتمىسىڭىز، ۋە ھەپتىدە ھەركۈن چېنىقسىڭىز «زىيادە ئېغىر ھەرىكەت مىقتارى» نى تاللاڭ.

ئۆزگىرىش، تۈزىتىش، يېڭىلاش تارىخلىرى

2023.چىللە (7.ئاي).7 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. ئەسلى كودقا قىسمەن تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلدى.
  2. قەھۋە، ھەسەل، ياڭاق، بادام، سېرىق ماي، كېپەك ئەكمەك تاللاشلىرى قوشۇلدى.

2023.سەپەر (6.ئاي).29 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. ئەسلى كودقا قىسمەن تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلدى.
  2. ھەربىر تىزىملىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىسقارتىلدى، بەت يىغىنچاق كۆرۈنىدىغان شەكىلدە لاھىيىلەندى. تىزىملىك ئېچىش يېپىش كونۇپكىسى قوشۇلدى.
  3. ھەربىر ئوزۇقلۇق گۇرۇپپىسى باشلىق تېمىسى ئارقىسىغا مەزكۈر تىزىملىكتە قانچە تۈرلۈك ئوزۇقلۇق بارلىقى قوشۇلدى.
  4. ئوزۇقلۇقنىڭ سانىنى قول بىلەن كىرگۈزۈش ئەمەس، بەلكى تاللاش شەكىلدە قىلىپ لايىھىلەندى.
  5. نەتىجە بېتىدىكى مەزمونلار تۈزىتىلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى.

 

2023.سەپەر (6.ئاي).27 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. بەت قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. ئوزۇقلۇقلار چوڭ گۇرۇپقا ئايرىلدى.
  2. قىسمەن چۈشەندۈرۈلۈشلەر قوشۇلدى.
  3. ئەسلى كودقا قىسمەن تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلدى.
  4. ئوخشىمىغان بەدەن شەكىللىرى قوشۇلدى.
  5. تاۋۇز، زەيتۇن، ئۈژمە، ئاق ئەكمەك، چوڭ ئىستاكان ياغسىز سۈت، پەمىدۇر، ھۆل ئۆرۈك … قاتارلىق ئوزۇقلۇقلار قوشۇلدى.

2023.سەپەر (6.ئاي).24 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. html+css+js بەتتىن php بېتىگە ئۆزگەرتىپ قايتىدىن تارقىتىلدى.
  2. پولو، قۇرۇق ئۆرۈك، بانان، ئالما، نەشپۈت، مايمۇن شاپتۇل تاللاشلىرى قوشۇلدى.
  3. ئەسلى كود ئىچىدىكى قىسمەن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.
  4. ئالدى سۇپا كۆرۈنۈش، ئوزۇقلۇق سانى كىرگۈزۈش يەرلىرىدىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

2023.سەپەر (6.ئاي).23 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. دەسلەپكى نۇسخىسى پۈتتى.
  2. ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدىغان بولدى.
  3. كېرەكلىك بولغان ھېساپلاش مەزمونلىرى قوشۇلدى.
  4. بىكەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
6
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

4 باھالار

    • چېنىقىشنى بەدەن ئېغىرلىقىڭىز، كۈندىلىك خىزمەت مىقتارىڭىز، بوش ۋاقتىڭىزغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

      ئەمما مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن ، ھىچ بولمىسا كۈندە 30 مىنۇتتىن ئارتۇقراق مېڭىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

      قالغان تەپسلىي چېنىقىشقا ئائىت مەزمونلارنى تور بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز، ۋە داۋاملىق يېڭىلاپ قوشۇپ تۇرىمىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ