سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرگەندە، دوختۇر ئادەتتە ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز ۋاقتىغا ئاساسەن بالىنىڭ تۇغۇت ۋاقتىنى مۆلچەرلەيدۇ. بوۋاق تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغاندا نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار جىددىيلىشىدۇ ھەم ھاياجانلىنىدۇ. لېكىن بەزى بوۋاقلار كېچىكىپ تۇغۇلۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بوۋاق بالدۇر ياكى كېچىكىپ تۇغۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟
بوۋاق ئاي توشقاندا تۇغۇلسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل قىلغاندا، مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇغۇش ۋاقتى تەخمىنەن 266 كۈن بولىدۇ. دوختۇرلار ھېسابلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن 280 كۈن يەنى 40 ھەپتە قىلىپ بېكىتىدۇ، بىراق كۆپ ساندىكى بوۋاقلار 39 ھەپتە بولغاندا تۇغۇلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، 39 ھەپتىدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ياكى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى بولسۇن ھەممىسى ئىنتايىن مۇكەممەل بولىدىكەن.
بەزى ياشانغان كىشىلەر ئوغۇل بالا مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇلىدۇ، قىز بالا ئايغا قاراپ تۇغۇلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنىڭ جىنسىغا ھۆكۈم قىلغان، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس، بالىنىڭ بالدۇر ۋە كېيىن تۇغۇلۇشى بالىنىڭ جىنسىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، بالىنىڭ جىنسىنى بەلگىلەيدىغىنى خىروموسوما.
كېچىكىپ تۇغۇش ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ھامىلىدار ئانىنىڭ ئانىسى ياكى ئائىلىسى ئىچىدە كېچىكىپ تۇغۇش مىسالى بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ يەڭگىگەندە كېچىكىپ تۇغۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. يەنە بەزىلىرى ھامىلىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، ئەگەر ھامىلىنىڭ ھەجىمى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، بالىنىڭ داس بوشلۇقىغا كىرىش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ تۇغۇت ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17814961.shtml