ھەيز مەزگىلى ئاياللارنىڭ بىر ئالاھىدە مەزگىلى بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئالاھىدە بولىدۇ شۇڭا ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ ، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرن

سوغۇق ، خام يېمەكلىكلەر: ئاساسلىقى جۇڭگو تېبابىتىدە دېيىلىۋاتقان تەبىئىيىتى سوغۇق يېمەكلىكلەر ، مەسلەن ، نەشپۈت ، بانان ، بىجىك قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇ يېمەكلىكلەرنى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش ، مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەش رولى بار . ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئىستېمال قىلسا پايدىلىق ، لېكىن ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئىستېمال قىلماسلىقى ياكى ئازراق ئىستېمال قىلىشى لازىم . بولمىسا ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ، ھەيز نورمال بولماسلىقتەك كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
ئاچچىق –چۈچۈك يېمەكلىكلەر مەسلەن ، مۇچ ، دارچېن ، كاۋاۋىچىن ، قەلەمپۇر ، قارىمۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەم خۇرۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە قورۇما قورۇغاندا ئازراق قىزىلمۇچ قوشىۋەتسە ، قورۇمىنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . لېكىن ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار بۇنداق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېسە ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ، ھەيز مىقدارى بەك كۆپ بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىكلەر سۇ ياڭىقى ، قاپاق ھۈررىكى ، تەكىيە كاۋا ، جۇڭگو گۈل كاپۇستىسى ، توشقان گۆشى ، قارا مور.