ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىق11 خىل ئادەت چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن

11 خىل ئادەت چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ياش، ئوتتۇرا ياش ۋاقىتتا قايسى خىل ساغلاملىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرگەندە، ياشانغاندىن كېيىنچوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا پايدىلىق بولىدۇ؟

  1. ئويۇن ئويناش. چوڭ مېڭىنىڭ ئالدىنقى ياپراقچىسىبىر تەرەپ قىلىش ۋەئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ،شاھمات ئويناش ۋە قارتا ئويناش ئارقىلىقچوڭ مېڭىنىڭ بۇ رايونىنىچېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن.ئامېرىكا ۋېسكاڭشىڭ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنى ئوينايدىغانۋە شاھمات ئوينايدىغان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا مەسئۇل رايونىنىڭ سىغىمى بۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىمايدىغان ئوخشاش ياشتىكىلەردىن چوڭ بولىدىكەن.
  2. خىيال سۈرۈش. ھەر كۈنى 12 مىنۇت چوڭقۇر خىيال سۈرسە،چوڭ مېڭىنىڭ قان ئېقىم مىقدارىئېشىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن.
  3. يۈرەكنى ئاسراش. ئامېرىكا مەيئامى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يۈرەكنى قانچە ئاسرىسا، تونۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنچە ئازىيىدىكەن. ساغلام يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى چوڭ مېڭىگە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.
  4. ئوكسىگېنلىق چېنىقىش. ئوكسىگېنلىق چېنىقىش چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا ئەڭ پايدىلىق ئىكەن. ئامېرىكا ۋېكېسېنلىن داشۆسى تىببىي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتكە قاتناشقان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭە سىغىمى ئادەتتىكى چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىدىغانلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدىكەن.
  5. دائىم چوڭقۇر ئويلىنىش. چوڭ مېڭە نېرۋىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىشقا تاينىپ ئاندىن خىزمەت قىلالايدىكەن،ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بۇ ئۇلانمىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولىدىكەن. تەنقىدىي تەپەككۈر ئانالىزى(مەسىلەن: كىتاب ئوقۇش كۇلۇبىغا قاتنىشىش ۋە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش) ئارقىلىق نېرۋىلارئارىسىدىكى ئۇلانمىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن.
  6. مۇزىكا ئاڭلاش. مۇزىكا ئاڭلاش ياكى مۇزىكا چېلىش ھەرىكەت پوستىلاق قەۋىتى، ئاڭلاش سېزىمى پوستىلاق قەۋىتى، ھېسسىيات مەركىزى ۋە يانداش سىستېمىلارنى غىدىقلايدىكەن.
  7. رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش.ئادەتتىكىدەك رەسىم بوياشتىمۇ بوشلۇقنى ئىنچىكە ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ، دىققەتنى ئىنچىكە نۇقتىلارغا يىغىش ئارقىلىقمۇ ياشانغانلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
  8. ياخشى ئۇخلاش. دائىم ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغاندا، چوڭ مېڭە بېسىم پەيدا قىلغان بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارنىتازىلايدىكەن.
  9. ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش. ھەممە ئىشنىڭئاكتىپ تەرىپىنى كۆرۈش كېرەك ئىكەن، چۈنكى بېسىم ۋە سېزىمچان ھورمونياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.
  10. يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇش، كونا دوستلارنى ساقلاپ قېلىش. ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، دوستلۇقنى ساقلاش بىلىش ئىقتىدارىچېكىنىشنىڭئالدىنى ئالىدىكەن. ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەم بەدىنىنىڭ بىر قىسىم ئەڭ مۇرەككەپ تونۇش ئىقتىدارىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىكەن.
  11. ئۇسسۇل ئويناش. ئۇسسۇل ئويناش ھەرىكەت بىلەن مۇزىكىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى جانلاندۇرىدىكەن.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئەركىنجان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-18 / 08:43:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ