توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دىيابېت كېسىلى كۆپ ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلار ۋە نېرۋا ئۇچلىرى بۇزۇلۇپ، بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆزمۇ بار.
مەيلى بىرىنچى تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ياكى ئىككىنچى تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى بولسۇن، دىيابېت كېسىلى كۆرۈش تور پەردىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قان تومۇرلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئاجىز قان تومۇرلاردا ئاسانلا ياشاڭغۇراش، سۇلۇق ئىششىق، قاناش قاتارلىق قان يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى يۈز بېرىدۇ، بۇ دىيابېت خاراكتېرلىك كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىلىپ «شېكەر تورى» دېيىلىدۇ.
تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە يەنە يېڭىدىن قان تومۇرلار پەيدا بولۇپ، ئۆسۈش خاراكتېرلىك دىيابېت كېسىلىدىكى كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئەينەك تەنچە بوشلۇقى قاناش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى، ھەتتا ئەما بولۇپ قېلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆز تېگىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا بايقاپ، كېسەلگە قاراپ داۋالىتىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17879916.shtml