ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى مەخسۇس ئۆسمىگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل تېببىي بۆلۈم بولۇپ، داۋالاش نۇقتىسى ئاساسلىقى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئادەتتە راك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يېقىن ۋە يىراق ئورگانلارغا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا كېڭىيىدۇ ( يۆتكىلىدۇ ). ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ خىزمىتى بولسا ئۆسمىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش، توغرا دىئاگنوز قويۇش، خاس داۋالاش، زىيارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى , ئۆسمە ۋە راك كېسىلى بۆلۈمى , ئۆسمە بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Oncology department
تۈركچە ئىسمى: onkoloji bölümü
خەنزۇچە ئىسمى: 肿瘤科
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرى رېنتگېن بۆلۈمى دوختۇرلىرى، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى، پاتولوگلار ۋە پەرۋىش كوللېكتىپى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىمارلارغا ئەڭ ياخشى داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. ھازىرقى زامان ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىلمى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، يەنە بىمارلارنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ ئاغرىقنى باشقۇرۇش، پىسخىكىلىق قوللاش، ئوزۇقلۇق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە پەرۋىش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بىر تەرەپ قىلىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەمما بۇلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ:
سۈت بېزى راكى : سۈت بېزى راكى پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئاياللاردىكى راك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى سۈت بېزى توقۇلمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالدۇر بايقاش ۋە ۋاقتىدا ئاكتىپ داۋالاش شۇ بىمارنىڭ ياشاش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ.
ئۆپكە راكى : كىچىك ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى ۋە غەيرىي كىچىك ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى دەپ ئايرىلىدۇ، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى راك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈپ كېتىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. تاماكا چېكىش ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىل.
تۈز ئۈچەي راكى : بوغماق ئۈچەي ۋە تۈز ئۈچەيگە تەسىر كۆرسىتىدىغان راك كېسىلى بولۇپ، دائىم ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىدۇ. يېمەك – ئىچمەك ئادىتى، ئىرسىيەت ئامىلى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلۇق ئۈچەي كېسىلى ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
مەزى بېزى راكى : ئاساسلىقى ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياشانغان ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. مەزى بېزى ئالاھىدە ئانتىگېنى ( PSA ) نى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ.
ئاشقازان راكى : ئاسىيا، بولۇپمۇ شەرقىي ئاسىيا رايونلىرىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئادەتتە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاشقازان ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جىگەر راكى : جىگەر ھۈجەيرە راكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تىپ بولۇپ، سوزۇلما B تىپلىق ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. جىگەرنى تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ئۆسمە بەلگە ماددىسىنى تەكشۈرۈش مۇھىم دىئاگنوز قويۇش قورالى ھېسابلىنىدۇ.
ئاق قان كېسىلى : قان ۋە يىلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ، جىددىي خاراكتېرلىك ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، ئادەتتە دەرھال داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
يامان سۈپەتلىك لىمفا ئۆسمىسى : لىمفا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، خودكىن لىمفا ئۆسمىسى ۋە غەيرىي خودكىن لىمفا ئۆسمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. داۋالاش خىمىيىلىك داۋالاش، رادىئاتسىيىلىك داۋالاش ۋە ئىممۇنىتېتلىق داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باشقا راك ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرى
قانداق كېسەللىك ئالامىتى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بارىدۇ؟
بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۆسمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن، بىمارلار ۋاقتىدا ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈشى كېرەك:
سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش : تۇيۇقسىز ھەم كۆرۈنەرلىك بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، بولۇپمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ( مەسىلەن: چېنىقمىغان، ئالاھىدە ئورۇقلاش ئوزۇقلىنىش پىلانى بولمىغان كىشىلەر بىر ئاي ئىچىدە 4-5 كىلوگرام بىنورمال ئورۇقلاش ) يۈز بەرسە، راك كېسىلىنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن.
داۋاملىشىش خاراكتېرلىك چارچاش : روشەن سەۋەبى بولمىغان ئۇزاق مۇددەت چارچاش ھەمدە ئارام ئېلىش ئارقىلىق پەسەيتكىلى بولماسلىق راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.
بەدەن قىسمىدىكى مونەك : بەدەننىڭ ھەر قانداق يېرىدە بايقالغان ئاغرىقسىز مونەكلەر، بولۇپمۇ ئەمچەك، بويۇن، قولتۇق ياكى يىرىق قاتارلىق جايلاردا بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.
سىجىل ئاغرىش : بولۇپمۇ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان سۆڭەك ئاغرىش، دۈمبە ئاغرىش ياكى كۆكرەك ئاغرىش، بولۇپمۇ كېچىدە ئېغىرلاشسا، راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قاناش ياكى ئاجرالمىلار : مەسىلەن، قان تۈكۈرۈش، قان سىيىش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ياكى جىنسىي يولدىن بىنورمال قان كېلىش بولسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
داۋاملىشىش خاراكتېرلىك يۆتىلىش ياكى ئاۋازى بوغۇلۇش : داۋاملىشىش ۋاقتى بىر نەچچە ھەپتىدىن ئېشىپ كەتكەن يۆتەل، بولۇپمۇ قانلىق بەلغەم كېلىش ياكى ئاۋازى بوغۇلۇش ئۆپكە راكى ياكى كېكىردەك راكىنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن.
يۇتۇش قىيىنلىشىش ياكى داۋاملىق ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش : بولۇپمۇ تۆش سۆڭىكىنىڭ ئارقىسى بىئارام بولۇش ياكى يېمەكلىكنى يۇتۇش قىيىنلىشىش قوشۇلۇپ كەلسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى ياكى ئاشقازان راكىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
باشقا شۈبھىلىك ئەھۋاللار
يۇقارقى ئالامەتلەر بولغاندا چوقۇم ئۆسمە ياكى راك دىيەلمىسىمۇ ، ئەمما دوختۇرلارغا كۆرۈنگەندە، كېرەك بولغان ياكى شۈبھىلىك ئەھۋاللاردا ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرىغا كۆرۈنۈشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسى مەسئۇلىيىتى
ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسى ئۆسمىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى پىلانلاشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. كونكرېت مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
دەسلەپكى باھالاش ۋە تاللاپ تەكشۈرۈش : ئۆسمىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى ئائىلە جەمەت كېسەللىك تارىخى بار بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاش، زۆرۈر تېپىلغاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەسۋىر ئىلمى ياكى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
توغرا دىئاگنوز قويۇش : كېسەللىك تارىخى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ئۆسمىنىڭ تىپى، چوڭ – كىچىكلىكى، ئورنى ۋە تارقىلىش دائىرىسىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان دىئاگنوز قويۇش قوراللىرى CT تەسۋىر كۆچۈرۈش ،MRI ،PET – CT ،تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خاس داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈش : بىمارنىڭ كونكرېت ئەھۋالى، جۈملىدىن ئۆسمىنىڭ تۈرى، دەۋرگە بۆلۈنۈشى، بىمارنىڭ ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئەڭ ياخشى داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈش كېرەك. داۋالاش لايىھەسى ئوپېراتسىيە قىلىش، رادىياتسىيەلىك داۋالاش، خىمىيەلىك داۋالاش، نىشانلىق داۋالاش، ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
زىيارەت قىلىش ۋە ئۇزاق مۇددەت باشقۇرۇش : داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمارلارنى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى قەرەللىك زىيارەت قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى نازارەت قىلىپ، قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە داۋالاش ئېلىپ كەلگەن ئەكس تەسىر ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى باشقۇرىدۇ.
قوللاش خاراكتېرلىك داۋالاش : ئاغرىقنى باشقۇرۇش، ئوزۇقلۇق جەھەتتىن قوللاش، پىسخىكىلىق جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۇنىۋېرسال پەرۋىش بىلەن تەمىنلەپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى جىددىي داۋالاشقا تىگىشلىك كېسەللىكلەر
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش كېرەك:
يىلىك بېسىلىش كېسىلى : ئومۇرتقا تۈۋرۈكىگە كېڭەيگەن ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يىلىكنى بېسىۋالسا، پالەچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىپ بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ياكى رادىئاتسىيىلىك داۋالاش كېرەك.
ئۆتكۈر ئاق قان كېسىلى : بولۇپمۇ ئۆتكۈر يىلىك ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى ( AML ) نىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، ئېغىر قاناش، يۇقۇملىنىش ياكى پۈتۈن بەدەن زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە دەرھال خىمىيىلىك داۋالاش ياكى باشقا جىددىي داۋالاشنى باشلاش كېرەك.
يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسىلى : بەزى ئۆسمە ( مەسىلەن:ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى ) قاندىكى كالتسىي سەۋىيەسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئېسى غۇۋالىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ھوشسىزلىنىش ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كالتسىي سەۋىيىسىنى جىددىي تۆۋەنلىتىش كېرەك.
مېڭىگە يۆتكىلىش : ئۆسمە چوڭ مېڭىگە يۆتكەلسە باش ئاغرىش، قۇسۇش، تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىش، ئاڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. داۋالاش رادىئاتسىيىلىك داۋالاش، ئوپېراتسىيە ياكى پۈتۈن بەدەنلىك داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقى كاۋاك ۋېنا سىندرومى : ئۆپكە راكى ياكى لىمفا ئۆسمىسى قاتارلىق ئۆسمىلەرنىڭ يۇقىرىقى كاۋاك ۋېنانى بېسىۋېلىشىدىن كېلىپ چىقىپ، يۈز، بويۇن ۋە يۇقىرىقى مۈچىلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە رادىئاتسىيىلىك داۋالاش ياكى خىمىيىلىك داۋالاش ئارقىلىق زۇلۇمنى يېنىكلىتىش كېرەك.
باشقا جىددىي ئەھۋاللار
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تارىخى
ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنى قەدىمكى دەۋردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن بىر مۇستەقىل تېببىي پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرقى زامان ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى كۆپىنچە 20 – ئەسىردىلا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن. تۆۋەندىكىسى ئۆسمىشۇناسلىقنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى بىر قانچە مۇھىم شەخس ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىسى:
قەدىمكى دەۋردىن ئوتتۇرا ئەسىرگىچە : ئەڭ بۇرۇنقى راك كېسىلى خاتىرىسىنى قەدىمكى مىسىر دەۋرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1600 – يىلىدىكى «ئېبېس تېز يازما كىتابى» دا «ئەمچىكى قاتتىق مونەك» دەپ تەسۋىرلەنگەن بىر خىل كېسەللىك تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، سۈت بېزى راكى بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەينى چاغدا ئۆسمىگە بولغان تونۇش ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك دورا ۋە ئوپېراتسىيەگە تايىنىپ ئاددىي داۋالىناتتى.
19 – ئەسىر : 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيەلىك پاتولوگ رۇدولف ۋىرشوۋ ( Rudolf Virchow ) راك كېسىلىنىڭ ھۈجەيرە ئىلمىنىڭ كېلىپ چىقىش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆسمە ئىلمىگە ئاساس سالغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، راك كېسىلى بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىنورمال كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ نەزەرىيە ھازىرغىچە ئۆسمە ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ كەلمەكتە.
20 – ئەسىرنىڭ باشلىرى : 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رادىئولوگىيە ئىلمىنىڭ بايقىلىشى ئۆسمە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. Marie Curie رادىئولوگىيە تەتقىقاتى رادىئاكتىپ داۋالاش ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى ،ئۇ بايقىغان رادىئاكتىپ ئېلېمېنتلار ( مەسىلەن پولونىي ۋە رادىي ) نى راك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،Paul Ehrlich خىمىيەلىك داۋالاش جەھەتتىكى تەتقىقاتى ھازىرقى زامان راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى ، بولۇپمۇ ئۇ ئاچقان ھۈجەيرە زەھىرى دورىسى خىمىيەلىك داۋالاشقا ئاساس سالدى.
20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن ئاخىرقى مەزگىلىگىچە : Rosalind Franklin ئىسىملىك تەتقىقاتچى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى DNAدىكى قوش بۇرمىلىق قۇرۇلما تەتقىقاتى ئاساسلىقى گېن ئىلمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ، لېكىن راكنىڭ گېن مەنبەسىنى چۈشىنىش ۋە داۋالاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ «ئۆسمىشۇناسلىقنىڭ ئانىسى» دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئۆسمىشۇناسلارنى راك كېسىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يوشۇرۇن داۋالاش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم رامكا بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا ،Sidney Farber «ھازىرقى زامان ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ ئاتىسى» دەپ نام ئالغان ،ئۇنىڭ بالىلار ئاق قان كېسىلىنى خىمىيەلىك داۋالاش ساھەسىدىكى ئىجادىي خىزمىتى ھازىرقى زامان راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى كۆپ ئۇچرايدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى
تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:
X نۇرى : سۆڭەك ئۆسمىسى ۋە بەزى تىپتىكى ئۆپكە راكىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
CT تەسۋىر كۆچۈرۈش ( Computed Tomography ) : كۆپ بۇلۇڭلۇق X نۇرى سۈرىتى ئارقىلىق بەدەننىڭ توغرا كەسمە يۈزىنىڭ تەپسىلىي سۈرىتىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ئادەتتە ئۆسمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
MRI ( Magnetic Resonance Imaging ) : ماگنىت مەيدانى ۋە سىمسىز رادىيو دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ تەپسىلىي سۈرىتىنى ھاسىل قىلىش چوڭ مېڭە، يىلىك ۋە مۇسكۇل ئۆسمىسىنى تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.
PET – CT : پوزىترون قويۇپ بېرىش ئۈزۈك قاتلاملىق تەسۋىر كۆچۈرۈش ( PET ) ۋە CT تەسۋىر كۆچۈرۈش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆسمىنىڭ مېتابولىزم پائالىيىتى ۋە ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، دائىم راك كېسىلىنى مۇددەتكە بۆلۈش ۋە قايتا قوزغىلىشنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش:
قان تەكشۈرۈش : ئۆسمە بەلگە ماددىسىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن : مەزى بېزى ئالاھىدە ئانتىگېنى ( PSA ) مەزى بېزى راكىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئالفا فېتوپروتېن ( AFP ) جىگەر راكىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
گېن تەكشۈرۈش : ئۆسمە ھۈجەيرىسىدىكى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىپ، مۇۋاپىق نىشانلىق داۋالاشنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
توقۇلمىلاردىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش:
يىڭنە بىلەن سۈمۈرۈپ تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش : ئىنچىكە يىڭنە بىلەن مونەكچىدىن ئاز مىقداردا ھۈجەيرە ئېلىپ پاتولوگىيەلىك ئانالىز قىلىنىدۇ.
كېسىپ تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش : ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بىر قىسىم ياكى بارلىق مونەكنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، تەپسىلىي پاتولوگىيەلىك ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، راك كېسىلىنىڭ تىپى ۋە دەۋرگە بۆلۈنۈشىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇش كېرەك.
باشقا تەكشۈرۈشلەر…
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى
ئوپېراتسىيە : ئۆسمىنىڭ تۈرى ۋە مۇددەتكە بۆلۈنۈشىگە ئاساسەن، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش يەنىلا نۇرغۇن ئۆسمىلەرنى داۋالاشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ئوپېراتسىيە يىلتىزىدىن داۋالاش خاراكتېرلىك ( ئۆسمىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىش ) ياكى ئالامەتلەرنى ئازايتىش خاراكتېرلىك بولىدۇ.
رادىياتسىيەلىك داۋالاش : يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك رادىياتسىيە ( مەسىلەن : X نۇرى، گامما نۇرى ياكى پروتون دەستىسى ) ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۆلتۈرۈش ياكى تىزگىنلەش. رادىئاتسىيىلىك داۋالاش يىلتىزىدىن داۋالاش خاراكتېرلىك داۋالاش، ئوپېراتسىيىدىن ئىلگىرى ئۆسمىنى كىچىكلىتىش، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن قالدۇق راك ھۈجەيرىلىرىنى تازىلاش ياكى راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
خىمىيەلىك داۋالاش ئۇسۇلى : ھۈجەيرىنى زەھەرلەيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۆلۈنۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. خىمىيەلىك داۋالاش ۋېنادىن ئوكۇل قىلىش، ئىچىش ياكى قىسمەن ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئادەتتە پۈتۈن بەدەنلىك راك كېسىلىگە ئىشلىتىلىدۇ ياكى ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى قوشۇمچە داۋالاش قىلىنىدۇ.
نىشانلىق داۋالاش : راك ھۈجەيرىلىرىدىكى ئالاھىدە گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ياكى كېسەل ئاقسىلغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ زەخىملىنىشىنى ئازايتىدۇ. نىشانلىق داۋالاش دورىلىرىنى تاللاش ئۆسمىنىڭ گېنىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دائىم ئالاھىدە تىپتىكى راك كېسەللىكلىرىنى، مەسىلەن، سۈت بېزى راكى، غەيرىي كىچىك ھۈجەيرىلىك ئۆپكە راكى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش : بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق. ئىممۇنىتېتلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار ( مەسىلەن، PD-1/PD-L1 تورمۇزلىغۇچى دورىلار ) ئىممۇنىتېتلىق داۋالاشنىڭ بىر خىلى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارا پىگمېنت ئۆسمىسى، ئۆپكە راكى قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
ھورمۇن ئارقىلىق داۋالاش : ھورمۇنغا بېقىنىش تىپىدىكى راك كېسىلىنى، مەسىلەن، سۈت بېزى راكى ۋە مەزى بېزى راكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ رولىنى توسۇش ياكى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى ئاستىلىتىدۇ.
باشقا داۋالاشلار…
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بىر قانچە ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلار
ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتىتى MD ئاندېرسون راك كېسىلى مەركىزى ( MD Anderson Cancer Center ،USA ) : 1941 – يىلى قۇرۇلغان، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ راك كېسىلىنى داۋالاش ۋە تەتقىق قىلىش مەركەزلىرىنىڭ بىرى، يېڭىلىق يارىتىلغان داۋالاش ئۇسۇلى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك كىلىنىكا تەتقىقاتى بىلەن داڭلىق.
سىلون – كاتېرىن راك كېسەللىكلىرى مەركىزى ( Memorial Sloan Kettering Cancer Center ،USA ) : 1884 – يىلى قۇرۇلغان، نيۇ يورك شەھىرىگە جايلاشقان، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان راك كېسەللىكلىرى مەخسۇس دوختۇرخانىسى بولۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كىلىنىكا ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچ چىقارغان بولۇپمۇ راك كېسىلىنى ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ۋە نىشانلىق داۋالاش جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.
مايو ئامبولاتورىيەسى ( Mayo Clinic ،USA ) : مايو ئامبولاتورىيەسىنىڭ راك كېسىلى مەركىزى ئۆزىنىڭ ئومۇميۈزلۈك راك كېسىلى پەرۋىشى ۋە كۆپ پەن كوللېكتىپ ھەمكارلىق ئەندىزىسى بىلەن داڭلىق بولۇپ، بىمارلارنى خاس دىئاگنوز ۋە داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
گېرمانىيە ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى دۆلەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى مەركىزى ( National Center for Tumor Diseases ،Heidelberg ،Germany ) : بۇ مەركەز ئۆزىنىڭ ئىلغار راك كېسىلىنى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە بولغان ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ ئىلغار راك كېسىلىنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى.
ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسىلى مەركىزى ( National Cancer Center ،Japan ) : 1962 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ،ئاسىيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان راك كېسىلى تەتقىقاتى ۋە داۋالاش ئاپپاراتى ،ئۇنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى تۆھپىسى بىلەن خەلقارادا شۆھرەت قازانغان.
ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا مۇھىم نۇقتىلار
ئۆسمە ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاللاپ تەكشۈرۈش : راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆسمە ئىلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سۈت بېزىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، مەسىلەن:سۈت بېزىنى X نۇرىدا تەكشۈرۈش، بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ۋە بالىياتقۇ بوينىنى سىيرىپ تەكشۈرۈش راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ، ساقىيىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.
كۆپ پەنلىك داۋالاش ئەترىتى : ئۆسمە بۆلۈمى ئادەتتە كۆپ پەنلىك مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئۆسمىشۇناسلار، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئۆسمىشۇناسلار، رادىئوئاكتىپلىق ئۆسمىشۇناسلىق، پاتولوگىيە ئالىملىرى، ئۆسمە پەرۋىشچىلىرى ۋە ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرلىكتە بىمارلارنى ئومۇميۈزلۈك پەرۋىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئاخىرقى مەزگىل داۋالىنىش ۋە پەرۋىشى : راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىمارلارغا قارىتا، ئۆسمە بۆلۈمى قوللاش خاراكتېرلىك داۋالاش ۋە پەرۋىش بىلەن تەمىنلەپ، بىمارلارنىڭ ئاغرىق ۋە بىئاراملىقنى يېنىكلىتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ تۈردىكى داۋالاش ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كېسىلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە باشقا داۋالاش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىپ، بىمارنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق ھالىتىنى ياخشىلاشقىمۇ بولىدۇ.
پەن تەتقىقات ۋە كلىنىكىلىق تەجرىبە : ئۆسمە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ئۇزۇن مۇددەتلىك سىجىل پەن تەتقىقات ۋە كلىنىكىلىق تەجرىبىگە تايىنىدۇ. نۇرغۇن داڭلىق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرىنىڭ مەخسۇس تەتقىقات تارماقلىرى بار بولۇپ، يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېچىش ۋە ھازىرقى داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. بىمارلار كلىنىكىلىق تەجرىبىگە قاتناشسا ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭى داۋالاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ مۇھىم نۇقتىلار ئۆسمە بۆلۈمىنىڭ ئەتراپلىقلىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى مۇكەممەل چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ، ئاساسىي تەتقىقاتتىن تارتىپ كىلىنىكىلىق داۋالاشقىچە، ئۆسمە بۆلۈمىنىڭ ھەر بىر ھالقىسى زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىمارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ.