سالامەتلىكى نورمال كىشىلەرنىڭ ئۆتىدە سۇ %95، خىمىيىۋى تەركىبلەر %5نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆتتىكى خىمىيىۋى تەركىبلەرنىڭ نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولسا خولېستېرىن ياكى ئۆت بوياقلىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىپ، تويۇنۇش ھالىتى بولىدۇ-دە، ئۇششاق كرىستال ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئۇششاق كىرىستال تەدرىجىي چوڭىيىپ تاشقا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆت خالتىسى ياللۇغلانسا ياكى ئۆت نەيچىسىدە سازاڭسىمان قۇرتلار پەيدا بولسا خولېستېرىن، ئۆت بوياقلىرى ۋە بىر قىسىم كالتسىي ماددىلىرى چوڭىيىپ ئۆت تېشىغا ئايلىنىدۇ.

ئۆت تېشىنىڭ كىچىكى گۈرۈچتەك، چوڭلىرى گۈلىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ، ئۆت تېشى ئاز بولغاندا بىر دانە، كۆپ بولغاندا بىر قانچە يۈز دانە ھەتتا قۇمدەك بولىدۇ، ئۆت تېشى ئۆت خالتىسى ئىچىدىلا تۇرسا، بىمار ھېچقانداق ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ ياكى قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمى ئازراق ئاغرىشتىن باشقا ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. تاش ئەگەر ئۆت يولىغا چىقىۋالسا، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمى قاتتىق ئاغرىش، تۈگۈلۈپ قېلىش، قىزىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ھازىر ئۆت تېشى كېسەللىكنى داۋالاش ئۇسۇللىرى خېلى كۆپ، شۇنداقتىمۇ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۆز ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاللىشى لازىم، ئۆت تېشى كېسەللىكى ئاساسلىقى ئۆت تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان بولغاچقا بىمارلار مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.
ئۆتتىكى تاش قۇمدەك ياكى دىئامېتىرى 0.8 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، ئادەتتىكى ئۇسۇللار بىلەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، ئەگەر 0.8 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، داۋاملىق قوزغىلىپ داۋالانسىمۇ ساقايمىسا ھەم ئۆت ياللۇغى بىلەن بىر قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىپ تاشنى ئالدۇرۇش كېرەك.
ئۆت خالتىسى جىگەردىن كەلگەن ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلايدىغان ۋە قويۇلدۇرىدىغان ئەزا بولۇپ، ئۆت خالتىسى كېسىلگەندىن كېيىن، ئۆت نەيچىسىنى جىگەردىن بىۋاسىتە 12بارماق ئۈچەيگە ئۇلاپ قويسا، جىگەردىن چىققان ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۈچەي ئارقىلىق يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋېرىدۇ. ئەگەر بىمار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنماي، ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئۇنىمىسا ئاغرىش داۋاملىشىۋېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە قىزىش، ئاخىرى جىگەر ئاشقازان بېزىنىڭ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىلەن جىگەر قېتىشىش، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ئۆت خالتىسى تېشىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىشى لازىم.
ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/3072655.shtml


