1) ماشنى تالقانلاپ ، سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۈششۈگەن جاينىڭ سىرتىدىن چېپىشنى داۋام قىلسا ، ئۈششۈكنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئۈنۈم بېرىدۇ .
2) ئۈششۈگەن جاي كۆكەرمىگەن ياكى قارايمىغان بولسا ، كۈنجۈت يېغى ، زەيتۇن يېغى بىلەن سىرتىدىن ياغلاشنى داۋام قىلسا ، ئۈششۈكنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئۈنۈم بېرىدۇ .
3) ئەگەر ئۈششۈگەن جاي ئىششىپ قارايغان بولسا ، بۇغداي سامىنى ، سېرىقچېچەك ، چامغۇر ، بەسەي ، يالپۇز ، ئەمەن ، زىغىرلارنى قاينىتىپ ، ئۈششۈگەن جاينى سۈيى بىلەن يۇيۇشنى داۋام قىلسا ، ئۈششۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ .
4) ئۈششۈگەن جاي ئىششىغان بولسا ، ئىششىق ئۈستىگە لوڭقا قويۇپ ، ئاندىن گىل ئەرمىنىنى ھەسەل ۋە سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا ، يەنە بىرەر سائەتتىن كېيىن سىركە بىلەن ھاراقنى بىر ئاز قىزىتىپ يۇيۇشنى داۋام قىلسا ، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
5) ئۈششۈگەن جاينىڭ گۆشى چىرىپ ئۆلگەن بولسا ، تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقى ياكى ئۆزىنى ۋە كاللەكبەسەينى تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ، بىر ئاز سۇغا چىلاپ ئېلىپ كالا يېغى ياكى مەستەك يېغى بىلەن ئېلىشتۇرۇپ ، قايتا – قايتا تېڭىپ قويۇلسا ، ئۆلگەن گۆشنى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ .