ئانا سەھىپەبىلىمفىلىملىرىمىزكورونا ۋىرۇسى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار

كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئالدىنقى ۋىدىئودىكى كام قالغان يەر

كورونا ۋىرۇسى توغرىلىق باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدىنقى ۋىدىئودا بىر يەر ئاز دىيىلىپ قاپتۇ. ۋىرۇسنىڭ دورىسى بارمۇ دىگەن بۆلۈمدە، نەق ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرىدىغان، باشقا ھۈجەيرىلەرگە زەخىم بەرمەيدىغان دورا تېخى يوق دىدۇق. ئەمما قانداق داۋالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇق.

بىر توردىشىمىز بىزدىن زۇكام دورىسى توغرىلىق سوراپتىكەن، شۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ۋىدىئودا كام سۆزلەپ قويغىنىمنى ھىس قىلدىم. بۇ توردىشىمىز مۇنداق دەپتۇ: ئەگەر ۋىرۇسنىڭ دورىسى بولمىسا، زۇكام ئالامەتلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا بارساق، بېرىدىغان دورىلار پەقەت كۈچلەندۈرىدىغان دورىمۇ؟ دەپ بىر سوئال سوراپتۇ. دوختۇرخانىدا ۋىرۇسلۇق زۇكامغا بېرىدىغان دورا كۈچلەندۈرۈش دورىسى ئەمەس، بەلكى بەدەندىكى ئالامەتلەرنى ئازايتىدىغان دورا.

تەپسىلىراق دىسەك

ھازىر دۇنيادا، يەنى غەرىپ مىدىتسىناسىدا ئاساسلىقى ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ۋىرۇسىنى داۋالايدۇ. بىرىنجىسى : ۋاكسىنا ئۇرۇش. ئىككىنجىسى: ۋىرۇس كونترول قىلىش دورىسى ئىشلىتىش، ئۈچىنجىسى: كېسەللىك ئالامىتىنى داۋالاش

ۋاكسىنا ئۇرۇش ئارقىلىق، بەدەندە شۇ خىل ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىت كۈچى شەكىللەندۈرۈش، ۋىرۇس بەدەنگە كىرە كىرمەستىنلا ئۇنى شۇ ئىممۇنىت سىستىمى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى.

ئىككىنجىسى،  ۋىرۇس يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ۋىرۇسنىڭ ھاياتى كۈچىنى ياكى يۇقۇملانغان شۇ ھۈجەيرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ، ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ  كېتىپ كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىمۇ ۋىرۇسىنى ئۇدۇل ئۆلتۈرەلمەيدۇ.

ئۈچىنجىسى: بەدەن ۋىرۇسقا يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ. دوختۇرخانىدا دەل مۇشۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش داۋالىشى ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن قىززىتمىڭىز چىقىپ كەتسە، قىززىتمىنى چۈشۈرۈشكە تىرىشىدۇ. قاتتىق يۆتەل بولسا، يۆتەل توختىتىش دورىسى بېرىدۇ. بەدەندىكى قايسى ئالامەت ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزسە، شۇ ئالامەتنى يىنىكلىتىشكە تىرىشىدۇ.

يەنە بىر قىتىم تەكىتلەيدىغىنىم، ۋىرۇسنىڭ مىكروپقا ئوخشاش ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرۈش دورىسى يوق، يۇقارىدا دەپ ئۆتكەن ئۇسۇللار ھازىرقى غەرىپ مىدىتسىناسىدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرىدۇر.

ئەمدى بۇ قېتىملىق مەزموننى رەسمىي باشلايلى.

كورونا ۋىرۇسى

كورونا ۋىرۇسى، ھازىر دۇنيادا ئەڭ تېز تارقىلىق، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان بىر كىسەللىك.

بۇ ۋىرۇس ئەڭ باشتا، 2019 يىلى دىكابىردە ۋۇخەن شەھىرىدە تۇنجى بىمار بايقالغاچقا، ۋۇخەن ۋىرۇسى، ياكى جۇڭگو ۋىرۇسى ۋە ياكى خىتاي ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2020 يىلى 2 ئاينىڭ 11 كۈنى دۇنيا ساقلىق تەشكىلاتى بۇ يېڭى كېسەللىككە COVID-19 دەپ نام بەردى.

ۋىرۇسقا severe acute respiratory syndrome coronavirus 2  (SARS-CoV-2) دەپ ئىسىم بەردى. يەنى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئېغىر دەرىجىلىك جىددىي نەپەس يولى يىغىندى كېسەللىكلىرى كوروناۋىرۇس 2. 1-سى بولسا 2002 يىلىدىكى سارس 1 دۇر.

2020 يىلى 3 ئاينىڭ 11 كۈنى دۇنيا ساقلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىنىشچانلىق يۇقۇملۇق كىسەل دەپ ئېلان قىلىندى.

دۇنيا ساقلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سىتاتىسكىسىغا ئاساسەن، ھازىرغا كەلگىچە پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 197 دۆلەتكە يامرىدى،  416686  كىشى يۇقۇملاندى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 18589  كىشى ۋاپات بولدى.

3 ئاينىڭ 25 كۈنى سىتاتىسكىسى

يامرىغان دۆلەت: 197 ، يۇقۇملانغان ئادەم: 416686 ، ئۆلگەن ئادەم: 18589

3 ئاينىڭ 27 كۈنى سىتاتىسكىسى

يامرىغان دۆلەت: 200 ، يۇقۇملانغان ئادەم: 465915 ، ئۆلگەن ئادەم: 21031

كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارىخى ۋە تۈرلىرى

كورونا لاتىنچە ئىسىم بولۇپ، تاج مەنىسىدە، يەنى شەكىل قۇرۇلمىسى تاجقا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ۋىرۇسلارغا  بېرىلگەن ئىسىم. بۇ ۋىرۇسلار ھەم ئادەمگە ھەم ھايۋانلارغا يۇقۇملىنالايدىكەن. بۇلار ۋىرۇسلار ئاساسلىقى نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىك ئالامەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يېنىك بولسا زۇكام ، ئېغىر بولسا ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار.

كورونا ۋىرۇس جەمەتىدىكى ۋىرۇسلار ئەڭ باشتا 1960 يىلى بايقالغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا، تىببىي ئالىملار بۇ ۋىرۇسنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك تەتقىق قىلىش جەريانىدا 4 چوڭ تۈرگە يەنى ئالفا، بېتا، گامما، دېلتا دەپ تۆت چوڭ تۈر ئايرىغان. بۇ 4 چوڭ تۈر ئاستىدىمۇ بىرمۇنچە ئىنچىكە تۈرلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 7 سى ئىنسانلار ئىچىدە تارقىلىش ئالاھىدىلىكى بارلىقى ئىسپاتلانغان.

بۇنىڭ ئىچىدە 4 تۈر ۋىرۇس بەدەندە زۇكامغا ئوخشاش يېنىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەمما قالغان 3 ئېغىر كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ھازىر ئەڭ ئىتتىك تارقىلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسلارنىڭ يەتتىنجىسى. بۇنىڭدىن باشقا ئادەمگە يۇقىدىغان خەتەرلىك ئىككىسى بار، ئۇلارنىڭ بىرى 10 نەچچە يىل ئالدىدا تارقالغان SARS، يەنە بىرى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە تارقالغان MERS. رەسىمدىكىسى بۇلارنىڭ ئىسمى ۋە قىسقارتىلما يېزىلىشى.

يىنىك كېسەللىك ۋىرۇسلىرى

ئېغىر كېسەللىك ۋىرۇسلىرى

Common human coronaviruses

229E (alpha coronavirus)

NL63 (alpha coronavirus)

OC43 (beta coronavirus)

HKU1 (beta coronavirus)

Other human coronaviruses

MERS-CoV (MERS)

SARS-CoV (SARS)

SARS-CoV-2 (coronavirus disease 2019, or COVID-19)

كورونا ۋىرۇسى بىلەن باشقا ۋىرۇسلارنىڭ پەرقى؟

ئالدىنقى ۋىدىئودا ۋىرۇس توغرىلىق ئۇچۇر بەردۇق. يەنى ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىسى يوق، گېن ماتىرىيالى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىل قۇرۇلمىسى بار،  تارقىلىشچانلىقى تېز،  قونالغۇ بەدەن لازىم، دورىسى يوق دىگەن ئىدۇق. بۇ يېڭى بايقالغان كورونا ۋىرۇسىمۇ باشقا ۋىرۇسلار بىلەن پەرقلىق ئەمەس. بۇ ۋىرۇسمۇ باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە. باشقا كورونا ۋىرۇسلىرى بىلەن پەرقى بولسا كېسەللىك ئېغىرلىشىش ۋە تارقىلىشچانلىقى ئىنتايىن تېز، ئالدىنى ئېلىش تەس،  ۋاكسىنىسى تېخى كەشىپ قىلىنمىدى، ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش دورىسى يوق. بۇ پەرقلەرنىڭ ھەممىسى، بىمارنىڭ تېزلا ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان خەتەرلىك ئامىللاردۇر.

ئەمدىكى مەسىلە، بۇ يېڭى ۋىرۇس بۇرۇن بارمۇ يوق، ئىچىدىكى كورونا  گېنى تەبىئىي ئۆزگەرگەنمۇ ياكى سۈنئىي ئۆزگەرتىلگەنمۇ؟ دۇنيادا بۇنچىۋالا تېز تارقىلىپ، كۆپلىگەن جانغا زامىن بولۇش سەۋەبى نىمە؟ قانداق داۋالاش لازىم؟ قانداق قىلغاندا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ قاتارلىق سوئاللار دۇنيادا كەڭ مۇنازىرە قىلىنىۋاتماقتا.

كورونا ۋىرۇسى كىملەرگە ئاسان يۇقىدۇ؟

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىش، تارقىلىش، ئېغىرلىشىش جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار يەكۈنلىنىپ چىققان. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن كەلگەن دىسەكمۇ بولىدۇ.

مەيلى ۋىرۇس، مەيلى مىكروب ياكى پارازىت بولسۇن، ئىشقىلىپ كېسەللىك ئاۋۋال بەدەن ئىممۇنىتى تۆۋەن كىشىلەرگە يۇقۇملىنىدۇ.

بۇلار كىملەر:

  1. 60 ياشتىن چوڭلار
  2. بەدەندە بۇرۇنلا سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسىلى بارلار
  3. ئۇزۇن مەزگىل ھاراق، تاماكا كەيىپ ساپادا بولغانلار
  4. تۇرمۇش ،ئارام ئېلىش ۋاقتى تەڭپۇڭسىز بولغانلار
  5. زىيادە سېمىزلەر ياكى زىيادە ئورۇقلار
  6. كۈندىلىك ھەرىكىتى ناھايىتى ئاز كىشىلەر
  7. ھامىلىلەر
  8. يېڭى ئوپىراتسىيە بولغان ياكى تۇغۇتتىن يەڭگىگەنلەر
  9. تاماق تاللايدىغانلار
  10. كەيپىياتى دائىم ناچارلار

ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەن بولىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسىلى بارلار دىگىنىمىز

ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى نەپەسلىنىش يولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسىلى بارلار مەسىلەن زىققە كېسىلى، سوزۇلما خاراكتىرلىك ئۆپكە كېسىلى بارلار

بۇنىڭدىن باشقا مۇھىم كېسەللىلەر

  1. قەنت كىسلى
  2. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
  3. ئېغىر قانسىزلىق
  4. ئۆسمە ياكى راك بارلار
  5. بۆرەك زەئىپلىشىش ياكى قان دىئالىزى داۋالىشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار

ھەم باشقا تىلغا ئېلىنمىغان مۇھىم كېسىلى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، باشقا كېسەللىكى بولمىغان، بەدەن ئىممۇنىت كۈچى نورمال بولغان ساغلام كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى مۇ بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە

  1. يۇقۇملانغان بىمار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغانلار
  2. كىشىلەر توپلاشقان يەردە ئىشلەيدىغانلار ياكى ئوقۇيدىغانلار
  3. ساياھەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار
  4. ئايرودرومدا ئىشلەيدىغانلار
  5. ئادەم توشۇش ماشىنىسى شوپۇرلىرى
  6. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغانلار.
  7. ۋىرۇس كەڭ كۆلەمدە تارقالغان دۆلەتتە ياشاۋاتقانلار
  8. شۇ دۆلەتتىن كەلگەنلەر ۋە ياكى شۇ دۆلەتتىكىلەر بىلەن ئۇچراشقانلار

شۇڭا يېقىنقى بۇ مەزگىلدە بۇ جەھەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قويۇش لازىم.

كورونا ۋىرۇسى كىملەرگە ئاسان يۇقمايدۇ؟

بۇ نەچچە ئايلىق ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، ساغلام ياشلاردا، بوۋاق، بالىلاردا، ئۆسمۈرلەرگە ئاسان يۇقمايدىكەن. بەلكىم بۇنىڭ سەۋەبى بۇلارنىڭ بەدەن كېسەلگە قارشى ئىممۇنىت كۈچىنىڭ بىراز يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھەرقانداق ئىش 100 دە يۈز مۇتلەق ئەمەس. شۇڭا ھەر بىر ئادەمگە يۇقۇش ئىھتىماللىقى بار. مەيلى قېرى ياش بولسۇن، باي گاداي بولسۇن ، ئىشقىلىپ ھەممىسىگە يۇقۇش ئىھتىمالى بار. شۇڭا يەنىلا دىققەت قىلىش لازىم.

كورونا ۋىرۇسى قانداق يۇقۇلىنىدۇ ھەم تارقايدۇ؟

ھازىرچە بۇ ۋىرۇس يۆتەلدىن چىققان تۈكرۈكتىن، بەلغەمدىن، ھەتتا نەپەس يولىدىن، قارشى تەرەپكە پۈۋلەش بىلەنمۇ يۇقىدىكەن. ۋىرۇس كېسەل كىشىنىڭ ئاغزىدىن بۇرنىدىن چىققاندىن كېيىن، ھاۋادا ئەڭ ئاز 3 سائەت، باشقا سۈلياۋ، داتلاشماس پولات ۋەيا مىس بويۇملاردا 3 كۈنگىچە ياشىيالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

بۇ خىل ۋىرۇس بەدەنگە يۇقۇملانغاندىن كېيىن، 2 ۋە 14 كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن ۋىرۇس بەدەنگە ئىتتىك  يامرايدۇ. بۇ ۋىرۇس خۇددى باشقا كورونا ۋىرۇسلىرىدەك ئەڭ ئاۋۋال بەدەننىڭ نەپەسلىنىش سىستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

كورونا ۋىرۇسى يۇقۇملانغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

يەنى كۆپلىگەن بىمارلاردا ئاۋۋال كۆرۈلىدىغان ھەم ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈدىغان ئالامەتلەر

  1. نەپەستە قىيلىنىش
  2. قۇرۇق يۆتەل ياكى بەلغەملىق يۆتەل
  3. قىززىتما
  4. ھالسىزلىنىش، بەدەن ئاغرىش
  5. بۇرنى ئېقىش
  6. ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش
  7. بېشى قىيىش

بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

بولۇپ، مەن ئىشلەۋاتقان جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بەزى بىمارلاردا ئاۋۋال ئىچى سۈرۈش بىلەن باشلانغان.

يەنى ۋىرۇس بەدەندە كېسەللىك پەيدا قىلا قىلماستىنلا، بىماردا تېزلا ئۈست نەپەس يولى ياللۇغى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىرلاشقانسىرى ئېغىر ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ، ھەم بۇنىڭدىن كىيىن بەدەندە باشقا كېسەللىكلەرنىمۇ تارتىپ چىقىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بىمارلاردا ئاساسلىقى ئېغىر ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يەنى نەپەس قىسىلىش، تەرلەش، تىترەش، ئېغىر يۆتىلىش، بەلغەم قاتارلىق. بولىدىكەن. ھازىرغا كەلگىچە كۆپىنچە بىمارلارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىمۇ نەپەستە قىسىلىش ئىكەن.

ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىمىزدىن شۈبھىلەنسەك قانداق قىلىشىمىز لازىم؟

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا بولۇڭ ياكى بولماڭ،  يۇقارىدا دىيىلگەن نەپەستە قىيلىنىش، قىززىش، گىلى ئاغرىش، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، يۆتەل، بەلغەم ، توختىماي ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەردىن بىرى ياكى بىر قانچىسى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە پەيدا بولۇپ، تېزلا ئېغىرلىشىپ كەتسە، ئەگەر دوختۇر تونۇشىڭىز بولسا ئاۋۋال تېلىفون قىلىپ بىر سورىۋېتىڭ. ئەگەر دوختۇر تونۇشىڭىز بولمىسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا، بولۇپمۇ ئۇدۇللا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش لازىم.

يەنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ:

قايسى ۋاقىتتا ۋىرۇس يۇقۇملىنىشتىن شۈبھىلىنىمىز؟

  1. نەپەستە قىيلىنىش
  2. قۇرۇق يۆتەل ياكى بەلغەملىق يۆتەل
  3. قىززىتما
  4. ھالسىزلىنىش
  5. ۋىرۇس دىئاگنوز قويۇلغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش
  6. ۋىرۇس بولۇپ قالغانلىقىڭىزدىن شۈبھىلەنگەن بولسىڭىز

بۇ كېسەلگە دوختۇرلار قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

دۇنيا ساقلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، مەيلى بۇ بىمار بەدىنىدە كېسەللىك ئالامىتى بولسۇن بولمىسۇن، كورونا ۋىرۇس قان تەكشۈرۈشى ئەگەر پوزىتىف چىقسىلا، بۇ بىمار كورونا ۋىرۇسى توشۇغۇچىسى يەنى كورونا ۋىرۇسى بىمارى دەپ دىئاگنوز قويىدىكەن.

ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دىئاگنوز قويۇش تەلىپى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كۆپىنچە دۆلەتلەر ئاۋۋال دۇنيا ساقلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىدۇ.

تۆۋەندە دەيدىغانلىرىمىز بىمارلارغا دوختۇرخانىدا دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرىدۇر.

  1. بەدەندىكى ئالامەتلەر ئىپادىسى
  2. بىمارنىڭ كىسەللىك تارىخى تەپسىلى سوراش
  3. تەپسىلى فىزىكىلىق تەكشۈرۈش
  4. قان تەكشۈرۈش
  5. ئۆپكە رىنتىگىنى
  6. CT يەنى كومپىيوتۇرلۇق توموگرافى

ئالدىدا دەپ ئۆتكەن ئالامەتلەر بولغان كىشىلەر ياكى ئالامەتلەر بولماي تۇرۇپ ئەمما ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىدىن شۈبھىلەنگەن كىشىلەر دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇشىغا بارغاندىن كېيىن، بەدەن ئالامەتلىرىگە ئاساسەن قان تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ شۇ ۋىرۇسنىڭ يادرو كىسلاتاسىغا مەخسۇس بولغان قان تەكشۈرۈش قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ مەخسۇس قان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى بەزى دۆلەتلەردە ۋاقچە چىقىشى، بەزىدە خاتا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئادەتتە دوختۇرلار بالدۇر دىئاگنوزنى قويۇپ بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، بىمارنىڭ بەدەن ئالامەتلىرى، بولۇپمۇ قىززىش، نەپەستە قىسىلىش، يۆتەل ئالامەتلىرى بىلەن بىرگە، ئىتتىك قان تەكشۈرۈش، رېنتىگىن تارتىش ئۇسۇللىرى بىلەن دىئاگنوز قويۇشقا تىرىشىدۇ.

بۇ بىمارلارنىڭ ئۆپكە رېنتىگىنى 2-3 كۈن ئىچىدىلا ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. يان تەرەپتە بىمارنىڭ نەچچە كۈن ئىچىدىكى رېنتىگىن ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرەلەيسىلەر.

دوختۇرخانىلاردا، بەدەندىكى ئىچكى ئورگانلارنى، بولۇپمۇ ئۆپكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن تارتىلغان CT يەنى كومپىيوتېر توموگرافىسىىدە، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كۆرۈنۈشلەر كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن بۇ فىلىمنى ئۆزۈم تارتقان. قارا بولغان يەرلەر نورمال ئۆپكە، ئاقۇش بولغان يەرلەر دەل شۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ، كېسەللىك پەيدا بولغان ئۆپكە قىسىملىرىدۇر.

يۇقارقىدىكى ئالامەتلەر، سانلىق ئۇچۇرلار، مەلۇماتلار ھەممىسى مۇشۇ نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋىرۇس يۇقۇملىنىش جەريانىدا توپلىنىپ يەكۈنلەنگەن بولسىمۇ ، ئەمما يۈزدە يۈز توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىگىنىڭ ئېلان قىلىنىشىچە، ۋىرۇس يوشۇرۇن مەزگىلى 14 كۈن ئەمەس ، 40 كۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن دەپ يەكۈنلىگەن، يەنە بەزىلىرى يادرو كىسلاتاغا مەخسۇس بولغان قان تەكشۈرۈشى 4-5 قىتىم قىلىنغان تەغدىردىمۇ خاتا چىقىش مۇمكىنچىلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ ئاساسسىز گەپ قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا يۇقارىدە دىيىلگەن مەزمونلار پەقەت بىر قاراپ چىقىش ئۈچۈن، پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن، ھەرگىزمۇ يۈزدە يۈز توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

https://www.britannica.com/science/virus/
https://www.nasa.gov/feature/ames/could-electricity-producing-bacteria-help-power-future-space-missions
https://www.yulghun.com/tools/convert.html
https://lughet.com/
https://www.nejm.org/doi/full/10.1056/NEJMp030078
https://en.wikipedia.org/wiki/Virus
https://en.wikipedia.org/wiki/Coronavirus
https://www.google.com/
https://www.cdc.gov/coronavirus/2019-ncov/index.html
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-03-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-03-09 / 09:18:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ