مەزى بېزى بولسا ئەرلىك كۆپىيىش ئەزاسىدىكى ئەڭ چوڭ قوشۇمچە جىنسىي بەز. ئۇ ئاجراتقان مەزى بېزى سۇيۇقلىقى ئىسپېرمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. مەزى بېزى بەدەندىكى باشقا ئەزاغا ئوخشاش كېسەل بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى.
كىلېنىكىدا ئىسپاتلىنىشىچە، %25-%50 ئەرلەر بۇ كېسەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەزى بېزىنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن ئەرلەر تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك:
مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
1. جىنسىي مۇناسىۋەت مۇۋاپىق بولۇش.
2. ھاراق ئىچمەسلىك ۋە كۆپ مىقداردا ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق.
3. ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ۋېلىسپىت مىنمەسلىك.
4. يەرلىك ئورۇنغا سوغۇق ئۆتكۈزمەسلىك.
5. بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش.
6. ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك.
7. يەرلىك ئورۇننىڭ زۆرۈر بولمايدىغان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇزماسلىق.
8. ياخشى بولغان قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش.
9. مەزى بېزى ياللۇغىغا ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش.
10. مەزى بېزى ياللۇغى تولۇق ساقايغاندىن كېيىن بىمارنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش.
11. كېسەلدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كەيپىيات يېتىلدۈرۈش. ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ساقايمايدىغان كېسەللىك ئەمەس، پەقەتلا كېسەللىك جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋە ئاسان قايتىلىنىدۇ، لېكىن ھەر تەرەپلىمىلىك داۋالىغاندا تولۇق ساقىيىدۇ.
12. يېتىپ قوپۇشقا دىققەت قىلىپ، ياخشى بولغان تۇرمۇش ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش، زىيادە چارچاش، زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تاماكا، ھاراقتىن يىراقلىشىپ، زىيادە ئاچچىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، ۋېلىسپىتقا ئاز مىنىپ، نەم يەردە ئولتۇرماسلىق كېرەك. ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا دىققەت قىلىپ، بەك كۆپ بولماسلىقى ياكى مەجبۇرىي چەكلىمەسلىكى لازىم.
13. ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى بايقاپ چىقىپ، مۇۋاپىق ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزىنىڭ روھىي بېسىمىدىن دىققىتىنى بۇراش كېرەك. تەشۋىشلىنىشنى تۈگۈتۈپ، روھى ئالامەت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.