ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
جەمئىيەتنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، زىلۋا بەدەن شەكلى ۋە ياخشى تاشقى قىياپەتكە ئىگە بولۇش ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسىغا ئايلاندى. شۇڭا، ئورۇقلاشمۇ دەۋرىمىز كىشىلىرنىڭ ئادەت سۆزى بولۇپ قالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئورۇقلاش بىزنى مۇكەممەل بەدەن شەكلىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە تاشقى ئوبرازىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ ساغلام بەدەنگە ئىگە قىلىدۇ.
بىراق، ئورۇقلاش ھەممە ئادەمگە نىسبەتەن ئوخشاشلا ئاسان ئىش ئەمەس، بەزىلەر ئادەتتە ناھايىتى ئاز يېسىمۇ يەنىلا ئوڭاي سەمىرىپ كېتىدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەر ھەرقانچە جىق يېسىمۇ سەمرىپ كەتمەيدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ نۇرغۇن كىشىلەر سېمىزلىك بىرخىل ئېرسىيەت، ئۇ گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.
ئالىملار قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىنىڭ ئورۇق-سېمىزلىكىنىڭ قان تىپى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئوخشاش بولمىغان قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ تەن ساپاسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغان.
A قان تىپىدىكىلەر:
ئادەتتە، A قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك بىرقەدەر ئاجىز بولۇپ، كۆپ ساندىكى A قان تىپىدىكى كىشىلەر ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، A قان تىپىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مېتابولىزم ئۈنۈمى تۆۋەن، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىلدىكى كىشىلەر تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەكنى تىزگىنلەشىكە ئەھمىيەت بەرمىسە، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
شۇڭا، A قان تىپىدىكى كىشىلەر ئەگەر ئورۇقلىماقچى بولسا، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن: گۆش، تۇزلانغان يېمەكلىك ۋە مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك قاتارلىقلار. ئىمكانقەدەر ۋىتامىن بىرقەدەر مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق ئاشقازان، ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈشى ۋە ھەزىم قىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك.
B قان تىپىدىكىلەر:
B قان تىپىدىكى كىشىلەر بارلىق قان تىپى ئىچىدە ئەڭ ئاسان سەمرىپ كېتىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. B قان تىپلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، ئەگەر B قان تىپىدىكىلەر يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلمىسا، ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە، B قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولغاچقا، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا B قان تىپىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئورۇقلىماقچى بولسا، چوقۇم تاماقنى كونترول قىلىشىڭىز كېرەك. ئۆزىنىڭ ئىشتىھاسىنى كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە گۆشنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش، كۆكتات ۋە قارا ئاشلىقنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك يېيىش كېرەك. بۇ قان تىپىدىكىلەر يېمەكلىكنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
AB قان تىپىدىكىلەر:
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، AB قان تىپىدىكى كىشىلەر ئاساسەن بىرقەدەر ئورۇق كېلىدۇ. بۇ ئاساسلىقى AB قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاشقازان قۇۋۋىتى يېتەرسىز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، كۆپ ساندىكى AB قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، دائىم تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتە يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئورۇقلاشقا توغرا كەلگەن ھالەتتىمۇ ۋىتامىن ۋە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئارقىلىق توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
O قان تىپىدىكىلەر:
O قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاسان سەمىرىپ كەتمەيدۇ، O قان تىپىدىكىلەر ئادەتتە گۆش ۋە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئاساس قىلسىمۇ سەمىرىپ كەتمەيلا قالماستىن، ھەتتا بۇ يېمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ.
بىراق، ئىزچىل گۆشلۈك غىزالىنىشمۇ بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز، شۇڭا O قان تىپىدىكىلەر ئاسان سەمرىپ كەتمىگەن ھالەتتىمۇ ئادەتتە يېمەكلىك تاللىغاندا گۆشلۈك، گۆشسىز تاماقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.
قىسقىسى، سېمىزلىك بىلەن قان تىپىنىڭ مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇناسىپ ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى تاللىشىمىز كېرەك، شۇندىلا ساغلام، ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/01/20023322.shtml