كومپيۇتېر بىلەن ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللانغاندا، كۆز زىيادە چارچاپ، كۆزدە يېتەرلىك بولۇشقا تېگىشلىك ۋىتامىنلار خوراپ كېتىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى چوقۇم ۋىتامىن تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ يۇمىلاق ھۈجەيرىسىدە كۆرۈش بىنەپشە پېگىمېنتى ئۇزاق مەزگىل كومپيۇتېرغا تىكىلىپ قارىغانلىقتىن، ئازلاپ كېتىدۇ. كۆرۈش بىنەپشە پېگىمېنتى ۋىتامىن A بىلەن بىرىككەن بولغاچقا، ۋىتامىن A مۇ خوراپ كېتىدۇ. شۇڭا تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان سەۋزە، يېسىۋىلەك، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، چىلان، ئاپېلسىن، كالا سۈتى، تۇخۇم، ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ۋىتامىن B كۆرۈش نېرۋىسىنى ئاسراش بىلەن بىللە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ساقلايدۇ ھەم كۆرۈش نېرۋىسى ناچارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا كۆزگە ئاق چۈشۈش ۋە باشقا كۆز كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
شۇڭا كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى تەركىبىدە ۋىتامىن B تۈرىدىكى ماددىلار كۆپرەك موگو، پۇرچاق، بانان، ھەسەل، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا پايدىلىق.
ۋىتامىنC ، Eلار كۆرۈش تور پەردىسى ۋە كۆز گۆھىرىنى ئاسرايدۇ، يەنە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا تەركىبىدە ۋىتامىن C، E كۆپ مېۋە چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۆرۈش نېرۋىسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆتكۈر ئاچچىق ۋە تەبىئىيتى بەك ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى، مەسىلەن: ئاق ھاراق، قەھۋە، قېنىق چاينى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك.