تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار بالا ئىمىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ:
1.ئۆپكە سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار بالىلىرىنى ئېمىتسە بولمايدۇ . بولمىسا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يېتىپلا قالماي ،يەنە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ پايدىسىز .
2. ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار .چۇنكى بالا ئېمىتىش جەريانىدا ئانىلار يۈرىكىنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ .
3.بۆرەك زەئىپلىشىش كۆرۈلگەن ۋە ئاكتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئانىلار .
4. تۇتقاقلىق كېسىلى بار ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم تۇراقسىز تۇتقاقلىق تارتىشىش كۆرۈلىدىغان، تۇتقاقلىقى سەللىمازا ساقيالمىغان ئانىلار .
5.جىگەر يۇقۇملۇلق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار .جىگەر كېسىلى بار ئانىلار بالا ئېمىتكەندە ،بىر تەرەپتىن ،كېسەللىك بالا تېنىگە كىرىدۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن ،ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق .بۇنداق ئانىلار بالىلىرىنىڭ سالامەتلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنى سۆيمەسلىكى ۋە تاماقنى ئاغزىدا چايناپ بەرمەسلىكى لازىم .
6.دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە قاندىكى قەنت مىقتارى تۇيۇقسىز يۇقىرىلاپ تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشەلمىگەن ئانىلار .بۇنداق ئانىلار كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقىچە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك .
7.قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن ئانىلار .بۇنداق ئانىلار دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك .
8.ئېغىر سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار .
9.جىددىي خارەكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار .ئۇلار بەزى سۈتتىن بوۋاققا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتسە بولمايدۇ .
10.گالاكتوزىلىق قان ياكى فېنىل كېتون سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئانىلىرى بالا ئېمىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك .
11. پىسخىكا كېسىلى بار، دورا ئىستىمال قىلىۋاتقانلار، بوۋاقلارغا زىيان يەتكۈزۈش خەۋپى بولغان ئانىلار.
يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىر كىسەللىكلەر كۆرۈلگەن كۆپىنچە ئانىلار ئەمدۈرۈلۈشى تەۋسىيە قىلىنمىسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان ئانىلارنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەل ئىپادىسى بولىدۇ. شۇڭا تەپسىلاتىنى يەنە شۇ بىمار ئانىغا مەسئۇل بولغان دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ يۈزتۇرانە مەسلىھەت ئالسا ئەڭ توغرا بولىدۇ.