ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇققانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقنى ئىلمىي كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقنى ئىلمىي كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟

كاربون سۇ بىرىكمىسى (ئۇن، گۈرۈچ): بىر مۇشتۇمچىلىك بولۇش. مۇشتۇمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بىر ۋاق يەيدىغان يېمەكلىك مىقدارىنى تاللاش. مەسىلەن: موما، خۇاجۈەن، گۈرۈچ تامىقى قاتارلىقلار. مېۋىنىڭ بىر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى بىر مۇشتىنىڭ چوڭلۇقىغا تەڭ كەلسە بولىدۇ.

ئاقسىل: ئالىقانچىلىك بولۇش. 50 گىرام ئاقسىل (تۇخۇم، كالا گۆشى، راك قاتارلىقلار)ئالىقاننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، كىچىك بارماقنىڭ قېلىنلىقىغا تەڭ كەلسە بولىدۇ. ھەر كۈنى 50 گىرامدىن 100 گىرامغىچە ئاقسىل ئىستېمال قىلغاندا، بىر كۈنلۈك ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقنى ئىلمىي كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟

كۆكتات: ئىككى تۇتام بولۇش. ئىككى تۇتام كۆكتات مىقدارى 500 گىرامغا تەڭ كېلىدۇ، ھەر كۈنى 500 گىرامدىن 1000 گىرامغىچە كۆكتات ئىستېمال قىلسا ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىك كۆكتاتلار. مەسىلەن: يېشىل پۇرچاق، دوۋيا، چېچەكسەي قاتارلىقلار.

ياغ: باش مالتاقچىلىك بولۇش. ياغ (سېرىق ماي، ئۆسۈملۈك مېيى)غا چەك قويۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى پەقەت باش بارماقچىلىكلا ئېستىمال قىلىش كېرەك.

ئورۇق گۆش مىقدارى: بىر بارماق قېلىنلىقتا، ئىككى بارماق كەڭلىكتە بولۇش. كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ قېلىنلىقى بىلەن ئىككى بارماقنىڭ (كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماق بىرلەشتۈرۈلگەن) ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ئوخشاش بولغان قارا گۆش 50 گرامغا تەڭ بولۇپ، بىر كۈنلۈك ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

تۇز، جياڭيۇ قاتارلىق تېتىتقۇلارنىڭ تەركىبىدە ناترىي ئىئونى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن، ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى كۈنىگە ئالتە گىرام ئىچىدە چەكلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە تۇز بولغان يېمەكلىكلەرمۇ چەكلىنىدۇ. مەسىلەن: تېتىتقۇ، جياڭيۇ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك، تەم تەڭشىگۈچ قاتارلىقلار.

يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى سۇدىن باشقا، ھەر كۈنى 1500 – 2000 مىللىلىتىر ئىلمان قايناقسۇ (6-8 ئىستاكان سۇ) ئىچىشىمىز كېرەك. ئاقسىللىق يېمەكلىكلىرىنى كۆپ ئېستىمال قىلغاندا، چېنىقىش كۆپ بولغاندا، تەر كۆپ چىققان ئەھۋال ئاستىدا سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.

مەنبە: 乌鲁木齐维吾尔语广播

ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/2yie2pgUAJAnDnY3V3GrFA

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-24 / 09:36:20

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ