كۆپىنچە كىشىلەر ئىچى سۈرگەندە تاماقنى ئاز يېيىش كېرەك، بولمىسا كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپكېتىدۇ، دەپ قارايدۇ، ھەتتا بەزىلەر ھېچنىمە يېمەي، ئىچى سۈرۈشنى توختاتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ
ئەمەلىيەتتە، بۇ قاراشلار ئىلمىي ئەمەس، چۈنكى ئىچى سۈرگەندە ئىستېمال قىلغان سۇ ۋە يېمەكلىكلەر تولۇق ھەزىم بولمايلا چىقىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا چوقۇم سۇ ۋە ئېنېرگىيە تولۇقلاش كېرەك، بولمىسا سۇسىزلىنىش ۋە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىچى سۈرگەندە سۇ، قەنت ۋە باشقا ئاسان ھەزىم بولىدىغان قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.
سۈت ئىچمەسلىك. سۈت ئىچكەندە، ئىچى سۈرۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
قەھۋە ئىچمەسلىك. قەھۋە ئۈچەينىڭھەرىكىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ، نورمال ئەھۋالدا ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئىچى سۈرگەندە قەھۋە ئىچسە ‹‹تېزلىتىش›› رولىنى ئويناپ، ئېنېرگىيەنىڭ زور دەرىجىدە خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆكتات قايناتمىسى ئىچمەسلىك. چۈنكى كۆكتات قايناتمىسىمۇ قەھۋەگە ئوخشاش ‹‹تېزلىتىش››رولىنى ئويناپ، پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاسان ھەزىم بولىدىغان تۇرۇپ قايناتمىسى، پۇرچاق قايناتمىسى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.