يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە. ئەمما، قەنت كېسىلى بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىشى يېتەرسىز بولۇشى سەۋەبلىك قەنت كېسىلىگە قارىتا خاتا چۈشەنچىلەر بولۇۋاتىدۇ. تۆۋەندىكىلەر ئىلمىي يەكۈنلەر ئاساسىدا رەتلەنگەن كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەردۇر.
1.قەنت كېسىلى ئېغىر كېسەللىك ئەمەس، ئەنسىرەش ھاجەتسىز
بەزىلەر قەنت كېسىلى پەقەتلا ئادەتتىكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك، ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ. ئېلىمىز تەتقىقاتچىلىرى 2013 – يىلى ‹‹ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە تەخمىنەن %70 قەنت كېسىلى ئاغرىقى ئۆزىنىڭ مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، شۇنداقلا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان قۇرامىغا يەتكەن قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى ئىچىدە قان شېكىرىنى كونترول قىلىش نىسبىتى %40 كە يەتمەيدىكەن، كىشىلەرنىڭ قەنت كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىلىرى ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرسىز ئىكەن.
ئەگەر قەنت كېسىلىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا كور بولۇپ قېلىش ۋە پۇت – قوللىرى كېسىلىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 6 – ئاپرېل ئېلان قىلىنغان ‹‹دۇنيا قەنت كېسىلى دوكلاتى››دا كۆرسىتىلىشىچە، 2012 – يىلى قەنت كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر 1مىليون 500 مىڭغا يەتكەن، قان شېكىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر 2 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن.
2.‹‹يەپ تاپقان كېسەل››نى ‹‹يەپ چىقىرىۋېتىش››كە بولامدۇ؟
بەزى تەشۋىقاتلاردا قەنت كېسىلىنى ‹‹يەپ تاپقان كېسەل››، پەقەت يېمەك – ئىچمەككە تايىنىپلا ‹‹ساقايتقىلى بولىدۇ›› دەپ قارايدۇ، ھەتتا مەلۇم خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ‹‹داۋالاش ئۈنۈمى›› نى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ قەنت كېسىلىنى ‹‹يىلتىزىدىن تۈگىتىدۇ›› دەپ تەشۋىق قىلىدۇ.
قەنت كېسىلى،Ⅰتىپلىق قەنت كېسىلى ۋەⅡ تىپلىق قەنت كېسىلى دەپ ئىككى خىل ئاساسىي تىپقا ئايرىلىدۇ. ئالدىنقىسىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بولمايدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلىمۇ بولمايدۇ، كېيىنكىسى كۆپ ئۇچرايدىغان قەنت كېسەللىكى بولۇپ، ئۆزى يېتەرلىك ئىنسۇلىن ھاسىل قىلالمايدۇ ياكى ھاسىل قىلغان ئىنسۇلىندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايدۇ، لېكىن، يېمەك – ئىچمەكنى كونترول قىلىش ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە چېنىقىش ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بىراق، ھەر ئىككى خىل قەنت كېسىلىنى ھازىرچە يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.Ⅱتىپلىق قەنت كېسىلىنى داۋالاشتا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش داۋالاشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قان شېكىرىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش ۋە زۆرۈر بولغان دورىلار ئارقىلىق كونترول قىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ۋە يىلتىزىدىن ساقايتىش دېگەندەك ساختىلىقلارغا ئىشەنمەسلىك كېرەك.
3.قەنتتىن يىراق تۇرۇش كېرەكمۇ؟
يېمەك – ئىچمەك مەسىلىسىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خاتالىق شۇكى، كىشىلەر قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى ھەرقانداق شەكىلدىكى قەنتلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا قەنت كېسىلى بارلار چوقۇم يېمەك – ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوزۇقلۇقتا بەلگىلىك نىسبەتنى ساقلىشى كېرەك. مەسىلەن، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى %50 %60لىك نىسبەت بويىچە ئىستېمال قىلىنمىسا ئېھتىمال ياغلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاندىكى كېتوننىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىشى، ھەتتا كىسلاتادىن زەھەرلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ تاماق مىقدارى ئادەتتە 150 گىرامدىن 200 گىرام ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك.
گۆشنى زىيادە ئاز يېيىشمۇ سالامەتلىككە پايدىسىز. چۈنكى، ئادەم ئورگانىزىملىرىغا ئاقسىل يېتىشمىگەندە ئادەمنىڭ كېسەللىككە بولغان قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مېۋىلەرنىڭ تاتلىق تەمى ئاساسلىقى فرۇكتوزا (مېۋە شېكىرى) دىن بەلگىلىنىدۇ، بىراق، فرۇكتوزا مېتابولىزمى ئىنسۇلىنغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. ئەگەر، تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى ئوندىن تۆۋەن بولسا ئازراق مېۋە يېسە بولىدۇ، مېۋىنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى قېتىملىق تاماق ئارىلىقىدا يېگەن تۈزۈك.
بۇلاردىن باشقا، قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشى ئىلمىي، ئىزچىل، مۇقىم بولۇشى، ‹‹مەجبۇرىي شېكەر تۆۋەنلىتىش››كە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئادەم بەدىنىدىكى قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلىشى بەك چوڭ، سۈرئىتى بەك تېز بولغاندا شېكەر ئۆرلەش رېفلىكىسى پەيدا بولىدۇ، يەنى ئادەم بەدەنىدىكى قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش ھورمۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تېز ئۆرلەپ كېتىدۇ. قان شېكىرىنى مەجبۇرىي تۆۋەنلىتىش ئادەم بەدىنىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغاچقا، ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.