يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رايونىمىزدا قەنت كېسىلى مەنبەلىك يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە بۆرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىغان، پۇت – قوللىرى يىگلەپ قالىدىغان، ياللۇغلىنىپ چىرىپ كېتىدىغانلار كۆپىيىپ، كىشىلەرنى ئەنسىزچىلىككە سېلىپ قويدى ئىگىلىنىشىچە، ھازىر دۇنيادا قەنت (ئوپقان) كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلار 350 مىليون كىشىدىن ئاشىدىكەن
دۆلىتىمىزدە بولسا قەنت كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلار 50 مىليون كىشىدىن ئاشىدىكەن. دۆلىتىمىزدە 80 – يىللارنىڭ بېشىدا كىشىلەرنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %0.3 بولغان بولسا، 2011 – يىلىغا كەلگەندە %9.7 كە يېتىپ، 32 ھەسسە ئاشقان. نۆۋەتتە، بۇ كېسەل ياشانغانلاردىن ئوتتۇرا ياش، ياشلارغا، ھەتتا بالىلارغا، شەھەرلەردىن يېزىلارغا قاراپ كېڭىيىۋېتىپتۇ. بۇ كېسەل قانداق كېسەل، قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ؟ قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات مۇدىر ۋىراچ ئادىلجان سەمەت بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.مۇخبىر: قانداق كېسەلنى قەنت كېسىلى دەيمىز؟ ئۇنىڭ ئالامەتلىرى قانداق؟
ئادىلجان سەمەت: ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراپ، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان بىرخىل جاھىل خاراكتېرلىك ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش كېسىلى. ئۇنىڭ ئادەتتە ئاسان چارچاش، تاماقنى كۆپ يېيىش، سۇنى كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش، تېز ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلىرى بار.
مۇخبىر: قەنت كېسىلىنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟ قانداق ئەگەشمە كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
ئادىلجان سەمەت: قەنت كېسىلى ئادەتتە، بىرىنچى تىپلىق، ئىككىنچى تىپلىق، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قەنت كېسىلى ۋە ئالاھىدە تىپلىق قەنت كېسىلى دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ كېسەل ۋاقتىدا بايقىلىپ، ياخشى كونترول قىلىنمىسا، قەنت كېسىلى مەنبەلىك يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىرى، قەنت كېسىلى مەنبەلىك قان بېسىمى، بۆرەك كېسىلى، ئەتراپ تېرە ياللۇغى، تېرە يارىسى، كۆرۈش تور پەردە ياللۇغى، جاراھەت ئېغىزى پۈتۈلمەسلىك، قەنت كېسىلى مەنبەلىك نېرىپ كېسىلى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت كېسىلى قورقۇنچلۇق ئەمەس، بىراق، ئەگەشمە كېسەللىرى قورقۇنچلۇق.
مۇخبىر: بۇ كېسەل قانداق كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟
ئادىلجان سەمەت: ئائىلىسىدە ئاتا – ئانا، قېرىنداشلىرىدا قەنت كېسىلى بارلار، يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى قەنت تەركىبى بار يېمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلار، يۈرەك تاجىسىمان كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى بارلار، يېشى 45 تىن ئاشقان ئەر – ئاياللار، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆت كىلوگىرامدىن ئېغىر بوۋاق تۇغقان ئاياللار، ھاراق – تاماكىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان، زىيادە سېمىزلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق كىشىلەر سالامەتلىكىنى دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، يېمەك – ئىچمەك، ھاراق – تاماكا، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى، ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشى كېرەك.
مۇخبىر: قەنت كېسىلىنى قانداق ئۇسۇللاردا داۋالايدۇ؟
ئادىلجان سەمەت: ھازىرچە قەنت كېسىلىنى تەل – تۆكۈس داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما، ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاپ كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئادەتتە، قەنت كېسىلى بارلارنى كېسەل ئەھۋالىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ، تەشۋىق – تەربىيە، ئوزۇقلۇق، ھەرىكەت، دورا ئارقىلىق داۋالاش، تۇرمۇش جەريانىدا ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈش، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا قەنت كېسىلى بارلار ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە داۋالىنىشى، ئوزۇقلىنىشى، كۈتۈنۈشى كېرەك ھەم ئۇزاق مۇددەت ئىلمىي داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىقى بولۇشى كېرەك.
مۇخبىر: قەنت كېسىلى بارلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئادىلجان سەمەت: ئۇلار ئالدى بىلەن مۇشۇ كېسەل ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە مۇنتىزم داۋالىنىشى، ئۆزى بىلگەنچە دورا يېمەسلىكى، ئۇ يەر – بۇيەردە خالىغان دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن، بىھۇدە چىقىملاردىن ساقلىنىشى كېرەك. قەنت كېسىلى بارلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يېقىن كىشىلىرىمۇ قەنت كېسىلى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، ئاغرىققا داۋالىنىش، ئوزۇقلىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتلەردە كۆپرەك كۆيۈنۈشى كېرەك. كەيپىياتىنىڭ مۇقىم، خۇشال، ئۈمىدۋار بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا كېسەلنى ئۇزاق مۇددەت ياخشى كونترول قىلغىلى، باشقىلارغا ئوخشاش نورمال تۇرمۇش كەچۈرگىلى، مېيىپ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مۇخبىر: بۇ كېسەلنى داۋالاشتا دۆلەتنىڭ قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار؟
ئادىلجان سەمەت: ئادەتتە، 2A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا قەنت كېسىلى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېزا نوپۇسىدىكى قەنت كېسىلى بارلار يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، بۇنداقلارغا داۋالىنىشتا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىلىدۇ ھەم داۋالىنىش راسخوتى ۋە دورا پۇلىنىڭ كۆپ قىسمى ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ.