ئانا سەھىپەكېسەللىكلەريۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئارتېرىيە قېتىش كېسىلىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتى داغ پارچىلىرى بولۇپ، ئارتېرىيە داغلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىقلار، داغ پارچىلىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، داغ پارچىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئاسانلا قان تومۇرلار تارىيىپ ياكى توسۇلۇپ قېلىپ، مۇناسىپ رايونلاردا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ داغ پارچىلىرى چۈشۈپ كېتىش خەتىرى بار، داغ پارچىلىرى چۈشۈپ كەتسە، سالامەتلىككە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا داغ پارچىلىرى چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئالدى بىلەن داغ پارچىلىرىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ باقايلى؟

يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا تاماكا چېكىش قاتارلىق كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، قان تومۇرنىڭ ئىچكى پەردىسى زەخىملىنىدۇ، زەخىملەنگەندىن كېيىن، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ھۈجەيرىلەر قان تومۇرغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ چۆكۈشى قان تومۇر ئىچكى پەردىسى ئاستىدا قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قان تومۇر ئىچكى پەردىسى ئاستىدا تالالىشىش ياكى كالتسىيلىشىش پەيدا بولىدۇ، مانا بۇ داغنىڭ شەكىللىنىشىدۇر.

ئەمەلىيەتتە قان تومۇر ئىچىدىكى داغ پارچىلىرى تېرىدىكى تارتۇققا ئوخشاش، قان تومۇر ھۈجەيرىلىرى زەخىملەنگەندىن كېيىن، قان تومۇر ئىچكى تېرىسىدە پەيدا بولغان بىر قىسىم كىچىك يېرىقچىلاردۇر.

 

ئۇنداقتا داغ پارچىلىرى چۈشۈپ كەتسە قانداق زىيىنى بار؟

داغ پارچىلىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن ئېلىۋېتىش ناھايىتى تەس، گەرچە داغ پارچىلىرى چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋالنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

كۆپ ساندىكى داغ پارچىلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى يۇقىرى قان قەنتى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ قوش تەسىرىدىن كېلىپ چىققان يېرىلىش بولۇپ، يېرىلغاندىن كېيىن قاندىكى قان پلاستىنكىلىرى ئۇيۇشۇپ قان نوكچىسى شەكىللىنىدۇ، قان نوكچىسى قان بىلەن بىللە بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاقىدۇ، شۇڭا قان نوكچىسى شەكىللەنگەندىن كېيىن تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.

قان نوكچىسى كۆپەيگەندىن كېيىن، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سالامەتلىككە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا داغ پارچىلىرى بايقالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئارىلىشىپ، داغ پارچىلىرى چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 

قايسى كىشىلەر داغ پارچىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

يۇقىرى قان بېسىم ۋە قان شېكىرى يۇقىرى بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى بەدەن ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش، قان بېسىمى ۋە قان شېكىرىنىڭ چوڭ داۋالغۇشىدىن ساقلىنىش، داغ چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداقتا كونكرېت قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

1. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

بۇ ئىككى خىل بىمارلار ھەر كۈنى ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، تۈنىمەسلىكى، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر قوپۇشى، ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، مۇۋاپىق ھەرىكەت بەدەندىكى قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ئۆزىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قان بېسىمى، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقىمۇ ناھايىتى پايدىلىق.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى خىل بىمارلار ھەر كۈنى قان بېسىمى ۋە قان شېكىرىنى ئۆلچەش كېرەك، بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ناشتىدىن بۇرۇن ئۆلچىسە بۇ ۋاقىت بىر قەدەر ئۆلچەملىك.

2. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەش

بۇ ئىككى خىل بىمارلار كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشىشى كېرەك، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، مايلىق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشى كېرەك، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەر قان بېسىمىنى غىدىقلاپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەندە، كەيپىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

قان شېكىرى يۇقىرى بىمارلار ھەر كۈنى ئىمكانقەدەر يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى، ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېمىسە، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، داغنىڭ شەكىللىنىشى كۈندىلىك ناچار ئادەتلەر ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، داغلار شەكىللەنگەندىن كېيىن، بەدەنگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، داغنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپىمۇ بار، ئەگەر چۈشۈپ كەتسە، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ، شۇڭا چوقۇم داغنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/04/26423508.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-24 / 11:12:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ