ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى <<بىر ھەپتىدە ئەقىللىق بولالايسىز>> پروگراممىسىدا، تەجرىبە ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك << ساغلام مىڭە مەشغۇلاتى>> توغرىسىدا ئاڭلىتىش بەرگەن.
ئەمەلىيەتتە، << ساغلام مىڭە مەشغۇلاتى>> بەزى ئاددىي تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، كۆزنى يۇمۇپ مۇنچىغا چۈشۈش، سانغا قاراش، يېمەك – ئىچمەك ساغلاملىقى، ھەركەت قىلىش، ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولۇش ھەمدە <<رەقەم>> ئويۇنى ئويناش دېگەندەك.
بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتكەندە، ئەقلىي ئىقتىدار كوئېففىتسېنتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
* شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تەتقىقاتتا 15 ئادەم سىناق قىلىنغان. تەجرىبىدە، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئەقلىي ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش يۆنىلىشىدىكى كۆرسەتمە بويىچە مەشىق ئېلىپ بارغان. بۇ رەقەم ئويۇنى ئويناش، كۆزنى يۇمۇپ ئۆي ئىچىدە مېڭىش ھەمدە ئادەتتە كۆپ ئىشلەتمەيدىغان قولدا مائۇسنى ئىشلىتىش، كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار.
بىر ھەپتە مەشىق ئارقىلىق، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كوئېففىتسېنتى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ %10 يوقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئەڭ يوقىرى بولغاندا %40 دىن ئاشقان.