ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىققۇياشقا قاقلىنىش بىلەن D ۋىتامىن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت

قۇياشقا قاقلىنىش بىلەن D ۋىتامىن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت

سىز بەلكىم دائىم ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلايسىز «ئاداش، كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەر، د ۋىتامىنى تولۇقلايسەن، كالتسىي تولۇقلايسەن ئاداش..». بۇ ئاپتاپقا قاقلىنىش بىلەن بەدەن ئىچىگە د ۋىتامىن سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ قېنى تۆۋەندە مۇشۇ توغرىلىق ئاز تولا پاراڭلىشىپ باقايلى.

ئاپتاپقا قاقلىنىش بەدەندىكى ۋىتامىن D نىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ قۇياش نۇرى ئىچىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر B ( UVB ) رادىياتسىيەسىنىڭ رولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

قۇياشقا قاقلىنىش بىلەن D ۋىتامىن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت

1. ۋىتامىن D شەكىللىنىشى

تېرە قۇياش نۇرى ئاستىدا، بولۇپمۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇر B نىڭ ( UVB ) تەسىرى ئاستىدا، تېرىدىكى بىر خىل خىمىيەلىك ماددا – 7 – ھىدروگېنسىزلانغان خولېستېرىن ( 7 – dehydrocholesterol ) ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ۋىتامىن D3 ( خولېكالتسىفېرول ) غا ئايلىنىدۇ. بۇ ۋىتامىن D3 بەدىنىمىزدىكى ۋىتامىن D نىڭ بىر خىل مەۋجۇت شەكلى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە جانلىق بولمىغان شەكىلدە بەدەندە جۇغلىنىپ تۇرىدۇ.

2. D ۋىتامىن ئاكتىپلىشىشى

بايا جۇغلانغان D3 ۋىتامىن تېرە ئارقىلىق قانغا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن جىگەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ يەتكۈزۈلگەن ۋىتامىن جىگەردە 25 – گىدروكسى ۋىتامىن D يەنى ( 25 – hydroxyvitamin D ) غا ئايلىنىدۇ . بۇ يېڭى شەكىلدىكى ۋىتامىن قىسقارتىلىپ 25(OH)D دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل شەكىلدىكى ۋىتامىن، بەدىنىڭىزدىكى D ۋىتامىننىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن ،25 ( OH ) D بۆرەككە يەتكۈزۈلىدۇ ،بۆرەكتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 1 ،25 – دىگىدروكسى D ۋىتامىن [ 1 ،25 ( OH ) 2D ] غا ئايلاندۇرۇلىدۇ ، بۇنى بەزىلەر ئاكتىپ ۋىتامىن D دەپمۇ ئاتايدۇ . بۇ خىل ئاكتىپ شەكىلدىكى ۋىتامىن D ئۆزىنىڭ بىئولوگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

مانا يۇقارقى ئىككى باسقۇچتا، قۇياش نۇرىغا قاقلىنىش ئارقىلىق بەدەندىكى ۋىتامىن د نىڭ يۇقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى باسقۇچتىكى ماددىلارنىڭ نامى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، نورمالدا خەلق ئارىسىدا قىسقارتىپلا، قۇياشقا قاقلانساڭ بەدىنىڭدە د ۋىتامىن كۆپىيىدۇ، كالتسىي كۆپىيىدۇ ، بەدىنىڭگە پايدىلىق دەپ تارقالغان.

3. ۋىتامىن D رولى

ئاكتىپ ۋىتامىن بەدەندە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش، سۆڭەكنىڭ مىنېراللىشىشى ۋە ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوللاش ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن D كەمچىل بولسا سۆڭەك شالاڭلىشىش، راخىت كېسىلى قاتارلىق سۆڭەك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

4. ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى

يېمەكلىك تەركىبىدە تەبىئىي ۋىتامىن بولغان D نىڭ كېلىش مەنبەسى چەكلىك بولغاچقا، ئاپتاپقا قاقلىنىش كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ D ۋىتامىنغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالغان. مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلانغاندا بولۇپمۇ ھەر كۈنلۈك ئاپتاپقا قاقلانغاندا ۋىتامىن D نىڭ بىرىكىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە، كۈندە 10 – 30 مىنۇت قۇياش نۇرىدا قاقلىنىپ تۇرۇش ( كونكرېت ۋاقتى تېرىنىڭ تىپى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ھاۋا رايى ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ ) ئارقىلىق بەدەننىڭ ۋىتامىن D غا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

5. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋىتامىن D ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، قۇياش نۇرى ئاستىدا، بولۇپمۇ كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئاستىدا زىيادە ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە ، تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا، مۇۋاپىق بولغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش زۆرۈر.

ئاپتاپقا قاقلىنىش ، B تىپلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئارقىلىق تېرىدىكى 7 – ھىدروگېنسىزلانغان خولېستېرىننىڭ ۋىتامىن D3 غا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەر ۋە بۆرەكتە ئاكتىپ D ۋىتامىنىغا ئايلىنىپ، مۇھىم فىزىيولوگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. مۇۋاپىق قۇياش نۇرى ، بەدىنىمىزگە كېرەكلىك بولغان ۋىتامىن D سەۋىيىسىنى تەڭپۇڭ ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئوينىماقتا.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-13 / 11:02:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ