ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ھورمۇندىن ئايرىلماڭ

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ھورمۇندىن ئايرىلماڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بىز بۇرۇن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ھورمۇندىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدۇق، ھالبۇكى، ئۇ ئىزچىل تۈردە تېنىمىزدە ساقلىنىپ تۇرۇپ بىزنى ئاياللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىپ كەلگەن ئىكەن قارىغاندا ئۇنىڭدىن قاچماي ھورمۇننىڭ رولىنى تەپسىلىي چۈشىنىپ باققىنىمىز دۇرۇستەك قىلىدۇ

مۇرەككەپ رىستىپلىق ھامىلدارلىقتىن ساقىلىنىش تابلىتكىسىنى ئىچىش ھەم تونۇش ھەم ئۈنۈملۈك بولغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئاياللاربىر قەدەر كۆپرەك قوبۇل قىلغان ھەم ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا نىسبەتەن كەڭ تارقالغان ئۇسۇل. لېكىن جۇڭگۇدا بۇ خىل ئۇسۇلدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تېخى كەڭ قۇبۇل قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلغا بولغان تونۇشمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئىچىدە ھورمۇن بار دەپ قارالغاچقا كۆپلىگەن كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە ھەتتا قۇرقۇنىچ پەيدا بوپ قالغان. ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداق قورقۇنۇچلۇقمۇ؟

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ھورمۇندىن ئايرىلماڭ

بىرىنچى خاتا كۆز قاراش: ھورمۇن راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.

مەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تەركىبىدىكى ھورمۇننىڭ تۇخۇمدان راكى، بالياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. بىر خىزمەتدىشىم بالياتقۇ راكى بولۇپ قاپتۇ، ئۇ ئەسلىدە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگەن ئىدى. شۇڭا يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن.‹‹دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر›› دەپتىكەن، تېخى ئۇنىڭدا ھورمۇن بار دەڭە !

ۋۇچىڭ( 33 ياش، ياپۇنىيە شېرىكچىلىكىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ بوغالتىرى )

ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، مۇرەككەپ رىستىپلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ساقلىنىش دورىلىرى تېخى راك كىسىلىنىڭ خەۋىپىنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ. 2005-يىللىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، مۇرەككەپ تەركىبلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەپ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۈۋەنلىتىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئانىلىق ھورمۇن ئاز مىقداردا ئىشلىتىلسە، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئارتۇقچە ئۆسۈشىنى كونتىرول قىلىپ، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ رېتىملىق تۆكۈلىشى،تۇخۇم ئاجىرىتىپ چىقىرىشغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىچكى پەردىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەيىز مىقدارىنىڭ قانۇنىيەتسىز بولۇشى قاتارلىقلارنى تۈزەش رولىنى ئوينايدىكەن.ھامىلىدارلىق ھورمۇنى ھەتتا ئىچكى پەردىنى ياخشىلاپ، ئاياللارنىڭ بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى بولۇش خەۋىپىنى تۈۋەنلىتىدۇ.

ئىككىنچى خاتا كۆز قاراش: ھورمۇن ئادەمنى سەمىرتىۋىتىدۇ.

ھورمۇن ئىستىمال قىلسا ئادەمنى سەمىرۋەتمەمدۇ؟ ھورمۇن ئىستىمال قىلىپ سەمىرىپ كەتسەم، ئورۇقلىمىقىم تەس بولارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن

جىياجىيا (27 ياش، يۇگا گۇمپا ئۇستىسى )

ئەمەلىيەتتە، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىدىكى ئانىلىق ھورمۇن ۋە ھامىلدارلىق ھورمۇنى ئادەم بەدىنىدىكى ماينىڭ مىتابولىزىمغا قەتئىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. پەقەت ئانىلىق ھورمۇن ئادەم بەدىنىدىكى سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپەيتىپ قويىدۇ. يەنى، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ تۇرغان نەرسە ماي ئەمەس بەلكى ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلاردا توختاپ قالغان سۇ. ھورمۇن ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بۇ سۇ تەركىبلەر كۆپىيىدۇ، نەتىجىدە كۆپلىگەن كىشىلەردە، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگەندىن كېيىن سەمىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. لېكىن بۇ مەسىلە ئاللىقاچان ھەل قىلىنىپ بولدى. يېقىندا چىققان يىڭى تىپتىكى تۆتىنچى ئەۋلاد مۇرەككەپ رىستىپلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى چىققان بولۇپ،ئۇ ئادەم بەدىنىدە سۇ تەركىبىنىڭ كۆپيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئادەمنى سەمىرىتىۋىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

ئۈچىنچى خىل خاتا قاراش : ھورمۇن تېرىدە داغ پەيدا قىلىدۇ.

ئاڭلىسام ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچسە، ئادەمنىڭ تېرىسىگە زىيان قىلىپ يۈزىگە ھامىلىدارلىق دېغىدەك سېرىق داغلارنى پەيدا قىلارمىش. مەنغۇ كۆرۈپ باقمىدىم، لېكىن سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن.

گەن تىيەن (25 ياش تىجارەتچى )

ئەمەلىيەتتە،4-ئەۋلاد ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تەركىبىدە ئاتىلىق ھورمۇن يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە،بۇ ھورمۇنلار ئاتلىق ھورمۇنلارغا قارشى بولۇپ، دانخۇرەكنى يوقىتىدۇ، تېرىنى پاقىرىتىدۇ.

تۆتىنچى خاتا كۆز قاراش: ھورمۇن بىز ھامىلدار بولماقچى بولساق ۋاقتىدا ھامىلدار بولۇشىمىزغا توسالغۇ بولىدۇ.

ھورمۇن تەركىبى بار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يەۋەرسە بولماس، ئەگەر ھامىلدار بولماقچى بولساق، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى توختىتىپ تۇرۇپ خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار بولسا بولىدىكەن. بىز موشۇ يازلىق تەتىلدە بالىلىق بولۇشنى ئويلاشقانىدۇق، شۇڭا يېنىكلىك بىلەن دورا يېسەك بولماسمىكىن دەيمىز.سىزچە قانداق قىلساق بولار؟

مورۇ ( 29 ياش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى )

ئەمەلىيەتتە، مۇرەككەپ رىستىپلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچىشنى توختاتقان ھامان كۆپىيىش سېستىمىسى نورماللىشىدۇ. 2007-يىلى ياۋرۇپادا بىر قېتىملىق 60مىڭ نەپەر ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگەن كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ كۈزەتكەندە، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىڭدىن ئارتۇق دورىنى ئىچىشنى توختاتقان ئاياللار ئىچىدە دورىنى ئىچىشنى توختىتىپ بىر ئايدىن كېيىن % 21.2 ئايال ھامىلدار بولغان، بىر يىل ئىچىدە ھامىلدار بولغانلار %79.4 بولغان بولۇپ، بۇ نىسبەت ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستىمال قىلمىغانلارنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتى بىلەن ئوخشاش دىگۈدەك چىققان. مۇرەككەپ رىستىپلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىستىمال قىلىش كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

بۇلارنىڭ ئىسمى ئاياللىق ھورمۇن دەپ ئاتىلىدۇ.

ھازىر، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاياللىق ھورمۇن ۋە ھامىلىدارلىق ھورمۇنىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئاجىرىتىپ چىقىرىشتىكى تەبئىي ھورمۇنى شۇنداق ئوخشىشىدۇ.ئانىلىق ھورمۇن، ھامىلىدارلىق ھورمۇنى ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ساقىلىنىدىغان ھورمۇنلاردىن ئىبارەت بولۇپ ئۇلار ‹‹ ئاياللىق ھورمۇن ›› دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر دائىم تىلغا ئالىدىغان ‹‹ ئاياللىق پۇراق ››،‹‹ئاياللىق خۇسۇسىيەت›› كۆپ نۇقتىلاردا دەل مۇشى ئىككى ھورمۇننىڭ تەڭشىشىدە بولىدۇ.

ئاياللىق ھورمۇن ئاياللىق خاراكتېرنىڭ ئىپادىلىنىشىدە مەسىلەن، كۆكسىنىڭ تەرەققىياتى، ھەيىزنىڭ نورماللىقى، ئاياللارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بەدەندىكى مايلارنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئۆزگەرتىش، تېرىنى پاقىراق، سىلىق قىلىشتا كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدارلىق ھورمۇنى بولسا، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىسېتىمىسىدا ھالقىلىق رول ئويناپ، ئانىلىق ھورمۇن بىلەن بىرلىكتە، جىنسىي يول ۋە ئەمچەك بەزلىرىنى بىر قەدەم ئىلىگىرىلىگەن ھالدا يېتىلدۈرۈپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلىش، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنى بىرىكتۈرۈش مۇھىتىنى ھازىرلاپ، ھامىلىدار بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ ئىككى خىل ھورمۇن بىرلىكتە رول ئوينىسا، تۇخۇم ئاجىرىتىپ چىقىرىشنى توسۇپ، بالياتقۇ بوينى سۇيۇقلىقىنى تەڭشەپ، ئۇرۇقنى ئۆتكۈزمەي، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئۇنى ئىچكەندە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش نىسبىتى %99دىن يۇقىرى بولىدۇ.

‹‹ئائىلە دوختۇرى›› ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 9-سانىدىن ئېلىندى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-01 / 07:08:59

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ