كۆپ ساندىكى كىشىلەر كالتسىي يېتىشمىگەندە سۆڭەك مادىسى شالاڭلىشىش ۋە بوۋاقلاردىكى راخت كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنىلا بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىن كالىتسىي يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، يەنە تۆۋەندىكىدەك تۈرلۈك ئىپادىلەر بار.
زىيادە سەزگۈرلۈك: كالىتسى يېتىشمىگەندە توقۇلما، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ. ئورگانىزىمدا كالىتسىي يېتىشمىسە، زىيانلىق ماددىلار توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەر ئارقىلىق ھۈجەيرە ئارىلىقىغا كىرىپ، ئاسانلا ئېشەك يېمى، زىققە قاتارلىق زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ.
قان بېسىمى ئۆرلەش: كالتسىي قان تومۇرلارنى جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك قىسقىرىشتىن توسۇپ، ئېلاستىكلىقىنى ياخشىلايدىغان بولغاچقا، كالىتسىي يېتىشمىگەندە يۇقىرى قان بېسىمىنى قوزغايدۇ. بولۇپمۇ كېڭىيىش بېسىمىنى يۇقىرىلىتىدۇ.
چارچاش: ئادەم بەدىنى ھەرىكەتتىن كېيىن، ماددا ئالمىشىش تۈپەيلىدىن كۆپ مىقداردا سۈت كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ماددا بەدەندە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ ئادەمنى چارچىتىپ باشنى قايدۇرىدۇ. كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، كالتسىي بۇ كىسلاتالىق ماددىلارنى تېزلا نورمال ئىشقارلىق مۇھىتقا ئايلاندۇرۇپ چارچاشنى تۈگىتىدۇ.
دېققىتى چېچىلىش: كالىتسىي ئىئونى نېرۋا ھۈجەيرىلىنىڭ نورمالسىز قوزغىلىشىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. بولۇپمۇ بوۋاقلاردا كالتسىي يېتىشمىسە كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش، تېنىمسىزلىق، تەپەككۇرى ۋە دىققىتى چېچىلىش، خاتىرىسى ئاجىزلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ فۇنكسىيىسى تۆۋەنلەش:كالىتسىي ئىئونى يۈرەك مۇسكۇلىنى كۈچەيتىش فۇنكىسىيىسىگە ۋە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە. كالىتسىي يېتىشمىسە بۇ خىل فونكسىيە تۆۋەنلەيدۇ.
كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش: كالىتسىي ئىئونى ئۇرۇقنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئويناپ، ھەرىكەتسىز ئۇرۇقنى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. كالىتسىي يېتىشمىسە بۇ خىل تەسىر تۆۋەنلەپ ئاسان ئۇرۇقلانمايدۇ.
ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆپىيىش: يېمەكلىكلەردىكى ياغلار ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن بوغماق ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىگە زەھەرلىك تەسىرى بولغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ئۆت كىسلاتاسىنى پەيدا قىلىدۇ. كالىتسىي بۇ ئىككى خىل ماددىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاسان ئېرىمەيدىغان بىرىكمىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ-دە، تەرەت بىلەن چىقىپ كېتىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەلۇم ئالامەت كۆرۈلسە، كالىتسىي يېتىشمەسلىك دەپ مۇئەييەنلەشتۇرۇپ، ئۆز ۋاقتىدا كالىتسىي تولۇقلاش كېرەك. كالتسىينى يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىغان ياخشى، سۈت، ئۆرۈك مېغىزى، تۇرۇپ، ئورۇق گۆش، سۆڭەك شورپىسى، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، چىڭسەي قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كالىتسىي نىسبەتەن مول بولۇپ، مۇۋاپىق يېسە بولىدۇ، ئەگەر يېمەكلىك بىلەن تولۇقلاش يېتەرسىز بولغاندا، كالتسىي تابلېتكىسى ۋە ۋىتامىنD ئىچسە، زۆرۆر تېپىلغاندا مۇسكۇل ۋە ۋىنا (كۆك تومۇر) دىن كالتسىي دورىسىنى ئوكۇل قىلىپ كىرگۈزسىمۇ ساقىيىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى