مۇتەخەسىسلەر ئانىسىنى ئېمىۋاتقان ياكى سۈت پاراشوكى ئىچىۋاتقان بالىلارغا كالىتسىي تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان كالىتسىي ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى ئارقىلىق تامامەن تولۇقلىنىپ بولىدىكەن شۇڭا بوۋاقلارغا كالىتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋىتامىن D بېىرىلسىلا كۇپچيە قىلىدىكەن

بوۋاقلارغا ۋىتامىن D نى زىيادە كۆپ بېرىشتوغرا ئەمەس
بالىغا ئۇزۇن مەزگىل ۋىتامىن D بېرىلسە ، ئىشتىھاسىزلىق ، كۆڭلى ئېلىشىش ، ئورۇقلاپ كېتىش ، ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە بالىنىڭ بۆرەك ، مېڭە . يۈرەك ،ئۆپكىلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ . بىرقىسىم بالىلاردا يەنە كالىتسىي تولۇقلاش زىيادە بولغانلىقتىن سەتلىشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
ئانىسىنى ئېمىۋاتقان ياكى سۈت پاراشوكى ئىچىۋاتقان بالىلاردا كالىتسىي يېتەرلىك بولىدۇ
ئادەتتە ، چوقۇم كالىتسىي تولۇقلاشقا تېگىشلىك بولغان بوۋاقلار بالدۇر تۇغۇلغان ياكى زىيادە چوڭ تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ ، نورمال بوۋاقلارغا ئەمەلىيەتتە مەخسۇس كالىتسىي تولۇقلاشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق . ئەگەر تولۇقلاش توغرا كەلسە ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك .
قۇياش نۇرى بىلەن ھەرىكەت بوۋاقلارنىڭ كالىتسىي تولۇقلىشىغا پايدىلىق
بالىنى ئاپتاپ كۆرسىتىپ ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئەڭ ياخشى تەبىئىي بولغان كالىتسىيتولۇقلاش ھېسابلىنىدۇ . چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىكى قۇياش نۇرى بالىلارغا كالىتسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت . ئەلۋەتتە ، يازنىڭ تومۇز كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .