سالامەتلىككە پايدىلىق سەككىز خىل ھەرىكەت

0
1041
سالامەتلىككە پايدىلىق سەككىز خىل ھەرىكەت

كۈندە پېشانىنى ئوڭ-سول ، يۇقىرى -تۆۋەن يۆنىلىشتە 50 قېتىمدىن سىلاپ بەرسە چوڭ مېڭە سەگەكلىشىپ ، قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

ھەر كۈنى قولنىڭ دۈمبە ئالقىنىنى بىر-بىرىگە 50 قېتىمدىن قول قىزارغىچە سۈركىسە ، چوڭ مېڭە ۋە بەدەننى جانلاندۇرۇپ ، قولنىڭ ئىلاستىكىلىقى ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، قولنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ .

ھەر كۈنى ئىككى قولنىڭ بىگىز بارمىقى ئارقىلىق قاڭشارنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە دىماقنى راۋانلاشتۇرۇپ، زۇكام ۋە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

ھەر كۈنى قۇلاقنى يۇقىرى-تۆۋەن يۆنىلىشتە 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ، قۇلاقتىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ ، سالامەتلىكنى ياخشىلىغىلى ھەمدە ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .

ھەر كۈنى ئوڭ ۋە سول بېقىننى 50 قېتىمدىن ئۇۋۇلىسا ۋە دائىم كۆكرەكنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ، يۈرەكنى تىنچلاندۇرۇپ ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

ھەر كۈنى قورساقنى 50 قېتىمدىن ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلىغىلى ، تاماق سىڭمەسلىك ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

ھەر كۈنى بەلنى 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرسە ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، بەلنى ساغلاملاشتۇرغىلى ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

ھەر كۈنى سول قولدا ئوڭ پۇتنىڭ تاپىنىنى ، ئوڭ قولدا سول پۇتنىڭ تاپىنىنى 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرسە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى جانلاندۇرىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here