ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە بەلگىلىك قانۇنىيەت بولىدۇ، لېكىن جىنس پەرقى تۈپەيلىدىن، ئۆسۈشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە ئەڭ تېز ئۆسۈش باسقۇچى ئوخشاش بولمايدۇ.
قىزلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى
قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشى ئادەتتە بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن بۇرۇن تېزلىشىشكە باشلايدۇ، بۇ باسقۇچ تەخمىنەن 10 ياشتىن 12 ياشقىچە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يۇقىرى پەللىسى ئادەتتە تۇنجى ئادىتى (تۇنجى ھەيز) نىڭ ئالدى – كەينىدە كۆرۈلىدۇ، تۇنجى ئادىتى ئادەتتە 12 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بولىدۇ. تۇنجى ھەيز كەلگەندىن كېيىنكى بىر – ئىككى يىل ئىچىدە، قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ، كۆپ ساندىكى قىزلارنىڭ 15 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا بوي ئېگىزلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەڭ ئاخىرقى ئېگىزلىككە يېتىدۇ. گەرچە بۇ ۋاقىتتا يەنىلا ئازراق ئۆسۈش بولسىمۇ، بىراق كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا توختاپ قالدى.
ئوغۇل بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى
ئوغۇللارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى قىزلارغا قارىغاندا سەل كېچىكىپرەك باشلىنىدۇ، ئۇلار ئادەتتە 12 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا تېز ئۆسۈش مەزگىلىگە كىرىدۇ. ئوغۇللارنىڭ ئۆسۈشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئادەتتە 14 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈش سۈرىتى ئەڭ تېز بولىدۇ. ئوغۇللارنىڭ ئۆسۈشى ئادەتتە 17 ياشتىن 19 ياشقىچە داۋاملىشىدۇ، بەزى ئوغۇللارنىڭ بۇ ياش باسقۇچىدىكى بوي ئېگىزلىكى يەنە داۋاملىق ئازراق ئۆسىدۇ.
يېتىلىش مەزگىلىدىكى پەرق
ئوغۇل قىزلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللە ۋاقتى ۋە سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ. قىزلار ئادەتتە ئوغۇللارغا قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كىرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى نىسبەتەن قىسقا بولىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئوغۇللارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يۇقىرى پەللىسى كېيىنرەك كېلىدۇ، لېكىن داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى بوي ئېگىزلىكى ئادەتتە قىزلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
ياش بالىلارنىڭ بوي ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
جىنسىدىن باشقا، بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشى يەنە ئىرسىيەت، ئوزۇقلۇق، ھەرىكەت ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. ئىرسىيەت ئامىلى : ئاتا – ئانىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بالىنىڭ ئاخىرقى بوي ئېگىزلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىرسىيەت ئامىلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
2. ئوزۇقلۇق ئەھۋالى : تەڭپۇڭ بولغان يېمەك – ئىچمەك بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئاقسىل، كالتسىي، ۋىتامىن D قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى.
3. بەدەن چېنىقتۇرۇش : مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن:سەكرەش، يۈگۈرۈش ۋە سۇ ئۈزۈش سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
4. ئۇيقۇ سۈپىتى:يېتەرلىك ئۇخلاش ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بەدەننىڭ نورمال يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ياش – ئۆسمۈرلەر ھەر كۈنى سەككىز سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
5. سالامەتلىك ئەھۋالى:ياخشى بولغان سالامەتلىك ئەھۋالى بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ياكى ئۇزاق مەزگىللىك بەدەن بىئارام بولۇش ئۆسۈش سۈرىتى ۋە ئاخىرقى بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.