ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرجىددىي قۇتقۇزۇشسالجا چېقىۋالسا قانداق چىقىرىش كېرەك؟

سالجا چېقىۋالسا قانداق چىقىرىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سالجا يەنە كانا (كەنە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدە پارازىت ياشايدىغان كىچىك تىپتىكى بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. ئۇلار ھاشارات ئەمەس، بەلكى ئۆمۈچۈك سىنىپىغا تەۋە ھايۋان. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا يېزا قىشلاقلاردا، ئورمانلىقلاردا بولىدۇ. سالجا كۆپ خىل بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى تۈرلىرى كېسەللىك تارقىتىشى مۇمكىن، مەسىلەن، لىمې كېسىلى، مېڭە ياللۇغى ۋە باشقا ھاياتقا تەھتىت سالغان كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سالجا چېقىۋېلىشى خەتەرلىك ھەم جىددىي تىببىي ھادىسە ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا بەدەننى چېقىلۋالغان ھاشارەتنىڭ سالجا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش، ئەگەر ھەقىقەتەن سالجا بولسا، ئۇنى ئۇيغۇن ئەسۋاپ ۋە ئۇسۇلدا چىقىرىش ۋە داۋالاش كۈزىتىش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. كىچىك بالىلاردا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۇيغۇرچە ئىسمى: سالجا، كانا
ئىنگىلىزچە ئىسمى: ticks and mites
خەنزۇچە ئىسمى: 蜱螨
تۈركچە ئىسمى: Kene

سالجا چېقىۋېلىپ بېشىنى تېرە ئىچىگە تىقىۋالسا ھەرگىزمۇ سىقماڭ

سالجا چېقىۋالغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش:
ئەگەر يېزىدىن قايتقاندا سىزنىڭ ۋەيا يېقىنىنىڭ بەدىنىدە سالجا چېقىۋالغانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇرۇپ قاقماڭ ياكى تارتىپ چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنماڭ. ئىمكانىيەت بار بولسا، ئەڭ يېقىندىكى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىڭ. تىببىي خادىم مەخسۇس ئەسۋاپ بىلەن چىقارسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

2. قول بىلەن بىۋاسىتە تارتماسلىق كېرەك:
گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر قول بىلەن سالجىنى بىۋاسىتە تارتىش كېرەك دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بۇنداق قىلغاندا سالجىنىڭ باش قىسمى تېرىدە قېلىپ، زەھىرى بەدەنگە ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە بۇ سەۋەپلىك يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

3. قوللىنىدىغان قورال ئەسۋاپ:
ئىنچىكە ئۇچلۇق موچىن ياكى مەخسۇس سالجا ئامبۇرى ئارقىلىق سالجىنى ئالغىلى بولىدۇ. سايمانلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىنغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئىمكانقەدەر تېرىگە يېقىن جايدىن سالجىنىڭ باش قىسمى ياكى ئاغزىنى تۇتۇش كېرەك.

4. سالجىنى سىقىشتىن ساقلىنىش:
سالجىنى ئالغان چاغدا، ئۇنى سىقىش ياكى قىسىش ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى سىقىلغاندا بولۇپمۇ قورساق قىسمى سىقلغاندا سالجىنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ بەدەنگە كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. چېقىۋالغان ئورۇننى تازىلاش:
سوپۇن ۋە سۇ بىلەن چېقىۋالغان ئورۇننى يۇيۇپ، ئاندىن ئىسپىرت ياكى باشقا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى سۈركەش كېرەك.

6. كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش:
كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، ھەر قانداق ئالاھىدە كېسەللىك ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، قىزىش، مۇسكۇللار ئاغرىش، چارچاش ياكى ئەسۋە. ئەگەر بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

7. قان تەكشۈرۈش:
ئەگەر بالىلارنى چېقىۋالغان بولسا ، ئۈنۈملۈك چىقىرىلغان بولسۇن بولمىسۇن، شۇ كۈنى ۋە 3 كۈندىن كېيىن قان تەكشۈرۈش قىلىشى تەۋىسيە قىلىنىدۇ.

7. يەنە بىر قېتىم چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش:
سىرتتا ھەرىكەت قىلغاندا، ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم، ئۇزۇن ئىشتان كىيىش ھەمدە ئۈنۈملۈك تەركىبلەر بولغان مەددە چۈشۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلىتىش لازىم. ئېگىز ئوت – چۆپلەر ياكى چاتقاللىق ئىچىدە مېڭىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

سالجا قانداق چىقىرىۋېتىلىدۇ؟

1. مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سالجا ئامبۇرى ياكى ئىنچىكە ئۇزۇن موچىن.
2. تېرىگە يېقىن جايدا سالجىنىڭ بېشىنى چىڭ تۇتۇڭ.
3. مۇقىم، تەكشى ھالدا تاكى تولۇق چىقىرىۋالغۇچە سىرتقا تارتىڭ. بەزىدە پۇتى ياكى چىشى ئىچىدە قېلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ.
4. ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يارا ئېغىزى ۋە قولنى پاكىز تازىلاپ، ئاندىن دېزىنفېكسىيە قىلىڭ.
5. چىقىرىلغان سالجىنى ساقلاپ قويۇڭ، ئەگەر زۆرۈر بولسا دوختۇرخا كۆرسىتىسىز.

ئومۇملاشتۇرغاندا، گەرچە كۆپ ساندىكى سالجىلار چېقىۋالسا ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن بەزى سالجىلار كېسەللىك ئېلىپ يۈرۈشى مۇمكىن، شۇڭا سالجا چېقىۋېلىشى ھەر زامان جىددىي تىببىي ھادىسە ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ يېقىن بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش، مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-23 / 10:43:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ