21 ترىزومى (دوۋن يىغىندى ئالامىتى)
21 ترىزومى (دوۋن يىغىندى ئالامىتى)
Trisomy 21 (down’s syndrome)
唐氏综合征
مەزكۈر كېسەللىك، 21.نومۇرلۇق خروموزوم (بويالغۇچى تەنچە) جۈپىدە بىر ئارتۇقچە خروموزوم پەيدا بولۇپ قېلىش سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدۇ. 21 ترىزومى كېسىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى دوۋن يىغىندى ئالامىتى بولۇپ، ترىزومى كېسەللىكلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىرسى ھىساپلىنىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا ھەر 800 بوۋاقنىڭ ئىچىدە 1 بوۋاق بۇ تۇغما كېسەللىك بىلەن تۇغۇلۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆرۈلگەن بىمارلار بالدۇر بايقىلىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلسە ئۇزۇن ئۆمۈر ياشاش پۇرسىتى بولىدۇ.
دوۋن كېسىلى بىمارى