بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۇ ئۈزۈش نۇرغۇن كىشىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ھەم دائىم ئېلىپ بارىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى، بۇ خىل تەنھەرىكەتنىڭ پايدىسىمۇ ناھايىتى روشەن، ئۇنداقتا، بىر سائەت سۇ ئۈزۈش باشقا تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىلەن قانچىلىك شۇغۇللانغانغا باراۋەر؟
1. بىر سائەت سۇ ئۈزۈش بىلەن باشقا تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
1) بىر سائەت سۇ ئۈزۈش قانچىلىك ۋاقىت يۈگۈرگەنگە باراۋەر؟
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىر سائەت سۇ ئۈزگەندە تەخمىنەن 500-700 كالورىيە ئىسسىقلىق سەرپ بولىدىكەن، بىر سائەت يۈگۈرگەندە تەخمىنەن 600-800 كالورىيە ئىسسىقلىق سەرپ بولىدىكەن بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، سۇ ئۈزۈش بىلەن يۈگۈرۈش بىر قەدەر يېقىن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس.
2) بىر سائەت سۇ ئۈزۈش ۋېلىسىپىت مىنگەنگە قانچىلىك باراۋەر؟
ۋېلىسىپىت مىنىش جەھەتتە، بىز ئوخشاش بولمىغان ۋېلىسىپىت مىنىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، مەسىلەن، تۈپتۈز يەردە ۋېلىسىپىت مىنىش، تاغدا ۋېلىسىپىت مىنىش، مۇقىم ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار. لېكىن، ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىر سائەت سۇ ئۈزۈش بىلەن بىر سائەت ۋېلىسىپىت مىنىش باراۋەر، دېمەك، سۇ ئۈزۈش بىلەن ۋېلىسىپىت مىنىش بىر قەدەر يېقىن.
3) بىر سائەت سۇ ئۈزۈش چېنىقىش ئۆيىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتىغا قانچىلىك باراۋەر؟
چېنىقىش ئۆيىدىكى چېنىقىش ۋاقتىغا نىسبەتەن، بىز يەنە ئوخشاش بولمىغان چېنىقىش تۈرلىرىگە ئاساسەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، مەسىلەن، گانتېل مەشىقى، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، ئارىلاپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىر سائەت سۇ ئۈزۈش چېنىقىش ئۆيىدىكى نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ ۋاقتىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، شۇڭا سۇ ئۈزۈش ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت.
2. سۇ ئۈزۈشنىڭ ئارتۇقچىلىقى
1) ئورۇقلاش
سۇ ئۈزۈش ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش ھەرىكىتى، چۈنكى سۇنىڭ قارشىلىق كۈچى بەدىنىمىزدىكى ماينى تېخىمۇ تېز كۆيدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۈزۈش بىزنىڭ تېخىمۇ چىڭ بەدەن سىزىقلىرىنى يارىتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
2) بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش
سۇ ئۈزۈش بىزنىڭ يۈرەك قان تومۇرلىرىمىزنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىممۇنىتېت كۈچىمىز ۋە مۇسكۇل كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، بەدىنىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ.
3) بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمى
سۇ ئۈزۈش ناھايىتى ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ چىدامچانلىقىمىزنى، ماسلىشىشچانلىقىمىزنى ۋە جانلىقلىقىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، بەدىنىمىزنى تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ ياش قىلىدۇ.
3. قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى سۇ ئۈزگىلى بولىدۇ؟
1) ئەستايىدىل مەشىق قىلىش
سۇ ئۈزۈش تولۇق مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن ئىگىلىگىلى بولىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى، شۇڭا بىز بەلگىلىك مەشىق چاستوتىسىنى ساقلاپ، سۇ ئۈزۈش ماھارىتىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
2) ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تاللاڭ
ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تاللاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، مەسىلەن، بەزى چوڭ تىپتىكى چېنىقىش كۆلچەكلىرىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى ۋە سۇ سۈپىتى ئادەتتە بىر قەدەر ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەخسۇس ترېنېر ۋە ئۈسكۈنىلەر بىزگە ياردەم قىلالايدۇ.
3) ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش
ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، سۇ ئۈزۈش بىر تۈرلۈك جىسمانىي كۈچ ۋە چىدامچانلىقنى خورىتىدىغان ھەرىكەت، مەشىق جەريانىدا بەزى ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز، بىز ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن يۈزلىنىشىمىز كېرەك بۇ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ تەنھەرىكەتنىڭ خۇشاللىقىدىن تېخىمۇ بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەرنى سېلىشتۇرغاندا، سۇ ئۈزۈش ۋە باشقا تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار. لېكىن قايسى ھەرىكەتنى تاللىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، پەقەت توختىماي مەشىق قىلغاندىلا بەدىنىمىز تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/26861839.shtml