توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۈيدۈك يولى ياللۇغىنى داۋالاش ۋاقتىنى بىمارنىڭ ئەمەلىي كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش كېرەك.

ھەر بىر بىمارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، داۋالاش ۋاقتىدىمۇ پەرق بولىدۇ.
سۈيدۈك يولى ياللۇغى ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشتۇر، مەسىلەن، سۈيدۈك يولى سىرتقى يارىسى، يات ماددىلارنىڭ غىدىقلىشى، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش، ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىماردا پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، قان سىيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
بىمار مۇنتىزىم داۋالاش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا دورا ئىشلىتىپ داۋالاش، داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دورا مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كېسىلى يېنىك بىمارلار 2-3 ھەپتە داۋالىنىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بىمارلارنىڭ داۋالىنىش ۋاقتى 3-4 ھەپتە بولىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر بىمارلارنىڭ داۋالىنىش ۋاقتى 1-2 ھەپتە ئۇزارتىلىدۇ.
داۋالاش مەزگىلىدە بىمار دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىشى، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، دورا مىقدارىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17874024.shtml


