تاماق يەپ بولۇپلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ

0
1395
تاماق يەپ بولۇپلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ

بەزى كىشلەر تاماق يەپ بولۇپلا ياكى تاماق يەۋېتىپ چاينىڭ ئورنىدا سوغۇق ئىچىملىك (كولا ، گازلىق سۇ) ئىچىدۇ . بۇ ناچار ئادەت بولۇپ ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا زىيانلىق . تاماق يېگەن چاغدا يېمەكلىكنىڭ غىدىقلاش تەسىرىدە ئاشقازان كۆپلەپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ .

تاماق يەپ بولۇپلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ

ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە ، سوغۇق ئىچىملىك تەركىبىدىكى كاربوناتلىق بىرىكمىلەر ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بىرلىشىپ كۆپلەپ كاربون تۆت ئوكسىد ھاسىل قىلىپ ، ئاشقازاننى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ ۋە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا ، ئاشقازان كېسلىنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا ، تاماق يەپ بولۇپلا ياكى تاماق يەۋېتىپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك ، زۆرۈر بولسا چاي ياكى قايناقسۇ ئىچىش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here