ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارتېبابىتىمىزدىكى مەجۇنات دورا رېتسىپلىرى

تېبابىتىمىزدىكى مەجۇنات دورا رېتسىپلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مەجۈنى ئازاراقى 1

تەركىبى : ئازاراقى مۇدەببەر 18 گرام ، گاۋزىبان گۈلى ، زۈرۈنباد ، ئۈستىقۇددۇس ، كەتىرا، نارجىل ، چىلىغوزا، شاقاقۇل ، لاچىندانە 6 گرامدىن ، ئاق سەندەل ، قەلەمپۇر 3 گرامدىن ، ئامىلە قارا ھېلىلە 15 گرامدىن ، ھەسەل 3 ھەسسە .

تەييارلىنىشى : كۆرسىتىلگەن دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ،تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلسا بولىدۇ،تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق .

تەسىرى : پەي – مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، بەدەننى قۇرۇتۇش ، ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئاغرىق پەسەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە .

ئىشلىتىلىشى : پالەچ ، لەقۋا، مۇپاسىل، بەل ئاغرىقلىرى ، بۇۋاسىر كىسەللىكلىرىگە ، ھۆل مىجەزلىك كىشىلەرگە بېرىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : چوڭلارغا كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ 2-5گرام بېرىلىدۇ .

مەجۈنى ئازاراقى (2)

تەركىبى : زەنجىبىل ، قەلەمپۇر ، دارچىن ، جۇيۇز ، لاچىندانە، قارىمۇچ، پىلپىل ، سىيادان ، ئارپىبەدىيان ، خولىنجان بىر ھەسسىدىن ، مۇدەببەر قىلىنغان كۇچۇلا ھەممە دورا مىقدارى بىلەن تەڭ ، ھەسەل جەمئىي دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك .

تەييارلىنىشى : دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، كۈپۈكى ئېلىنغان ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق .

تەسىرى : پەي – مۇسكۇللارنى چىڭىتىش ، بەدەننى قۇرۇتۇش ، ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئاغرىق پەسەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە .

ئىشلىتىلىشى : پالەچ ، لەقۋا ، مۇپاسىل ، بەل ئاغرىقلىرى ، بۇۋاسىر، بەدەن ئاجىزلىق كىسەللىكلىرىگە ، ھۆل مىجەزلىك كىشىلەرگە بېرىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 10 ياشتىن تۆۋەنلەرگە بېرىلمەيدۇ ، 10 ياشتىن چوڭلارغا بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ 1-2گرام ھەركۈنى ناشتىدا ئاچ قورساق ئىچىشكە بېرىلىدۇ . كۆپ يىسە بولمايدۇ .

مەجۈنى ئەقرەب

تەركىبى : چايان كۈل 10 گرام ، جىنتىيانا 5 گرام ، زەنجىۋىل 3 گرام ، قارىمۇچ 6 گىرام ، كاكىنەچ 17 گرام ، قۇندۇز قەھرى 12 گرام ، ھەسەل 3ھەسسە .

تەييارلىنىشى : چىڭسەي ئۇرۇقى سۈيى بىلەن ھەب قىلىنىدۇ .
تەسىرى : بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى ئېرىتىدۇ .
ئىشلىتىلىشى : بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدىكى ھەر خىل تاشلارنى ۋە دوۋساقتىكى تاشنى ئېرىتىپ چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 6 گرامدىن كۈندە ئۈچ ۋاخ بېرىلىدۇ .

مەجۈنى ئۇد

تەركىبى : ئۇد، ئەنبەر ، ئىپار، پارپا 3گىرامدىن ، دارچىن ، قارىمۇچ ، قەلەمپۇر 5 گرامدىن ، بادرەنجبۇيا ، گاۋزىبان ، ئارپىبەدىيان ، چىڭسەي ئۇرۇقى ، سۇمبۇل ئاپلىسىن پوستى 6گرامدىن ، ھەسەل ئىككى ھەسسە .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:11:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ