بۈگۈنكى تېز سۈرئەتلىك تۇرمۇشتا، پائال ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش ھەر ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم بولۇپ قالدى. تەنھەرىكەت – جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى. لېكىن، شۇنچە كۆپ تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغىنىنى قانداق تاللايسىز؟ بۇ جەھەتتە سىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز ھەر خىل تەنھەرىكەت ۋە چېنىقىش پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپلىق بىر تىزىملىك تەييارلىدۇق. بۇ تىزىملىكنى ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، توپ تۈرىدىكىلەر، يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈستى ھەرىكەتلىرى، گىمناستىكا ۋە كۈچ مەشىقى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىپ چىقتۇق ۋە ئۈچ خىل تىلدا تەرجىمىسىنى تەمىنلىدۇ. قېنى، بىرلىكتە تەنھەرىكەت دۇنياسىغا سەپەر قىلايلى!
توپ تۈرىدىكى تەنھەرىكەتلەر (Ball Sports, 球类运动)
- پۇتبول (Football / Soccer, 足球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- ۋاسكېتبول (Basketball, 篮球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- ۋالىبول (Volleyball, 排球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- ساھىل ۋالىبولى (Beach Volleyball, 沙滩排球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- قول توپ (Handball, 手球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- چويلا توپ / تېننىس توپ (Tennis, 网球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- تىك-تاك توپ (Table Tennis, 乒乓球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- پەي توپ (Badminton, 羽毛球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- گولف توپ (Golf, 高尔夫球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- كالتەك توپ (Baseball, 棒球) – تونۇشتۇرۇلۇشى
- قورغان توپ (Softball, 垒球)
- رېگبى / ئەنگىلىيە زەيتۇن توپ (Rugby, 英式橄榄球)
- زەيتۇن توپ / ئامېرىكا پۇتبولى (American Football, 美式橄榄球)
- مۇز توپ (Ice Hockey, 冰球)
- ئات توپ (Polo, 马球)
- پالاق توپ (Cricket, 板球)
- سۇ توپى (Water Polo, 水球)
- بولىڭ توپ (Bowling, 保龄球)
- بىللىيارد توپ (Billiards / Snooker, 台球 / 斯诺克)
- ئوتلاق توپى (Lawn Bowls, 草地滚球)
- ئۇزۇن خوككىي توپ (Lacrosse, 长曲棍球)
يېنىك ئاتلېتىكا (Athletics, 田径运动)
- يۈگۈرۈش (Running, 跑步)
- ئاستا يۈگۈرۈش (Jogging, 慢跑)
- توساقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش (Hurdles, 跨栏跑)
- توساقلىق يۈگۈرۈش (Steeplechase, 障碍赛跑)
- ئېگىزگە سەكرەش (High Jump, 跳高)
- يىراققا سەكرەش (Long Jump, 跳远)
- ئۈچ ئاتلاپ يىراققا سەكرەش (Triple Jump, 三级跳远)
- تىرەك بىلەن سەكرەش (Pole Vault, 撑竿跳高)
- نەيزە ئېتىش (Javelin Throw, 掷标枪)
- دىسكا ئېتىش (Discus Throw, 掷铁饼)
- چويۇن توپ ئېتىش (Shot Put, 推铅球)
- زەنجىر توپ تاشلاش (Hammer Throw, 掷链球)
- دالا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى (Orienteering, 定向越野)
گىمناستىكا ۋە كۈچ مەشىقى (Gymnastics & Strength Training, 体操与力量训练)
- گىمناستىكا (Gymnastics, 体操)
- پىلاتىس (Pilates, 普拉提)
- يوگا (Yoga, 瑜伽)
- تەيجى گۇمپىسى (Tai Chi, 太极拳)
- كېرىلىش مەشقى (Stretching, 拉伸运动)
- ئۆز بەدەن ئېغىرلىقىدا چېنىقىش (Calisthenics, 徒手健身)
- يەر بېغىرلاش / يەر تىرەپ كۆكرەك كېرىش (Push-up, 俯卧撑)
- ئولتۇرۇپ قوپۇش (Squat, 深蹲)
- تورنىك تارتىش (pull-ups 引体向上)
- ئېغىرلىق كۆتۈرۈش (Weight lifting, 举重/力量训练)
- گانتېل مەشقى (Dumbbell training, 哑铃训练)
- شتانگا مەشقى (Barbell training, 杠铃训练)
- ئۆي ئىچى ئورۇندا دەسسەش ماشىنىسى (Elliptical trainer, 椭圆机训练)
- قۇلۋاق ھەيدەش ماشىنىسى (Rowing machine, 划船机训练)
- پەلەمپەيدە يۈگۈرۈش (Stair climbing, 爬楼梯)
- پەشتەق گىمناستىكىسى (Step aerobics, 踏板操)
- ئارغامچا سەكرەش (Rope skipping, 跳绳)
- تاخلىغۇچ سۇپىسىدا سەكرەش (Trampoline, 蹦床)
- يۇقىرى شددەتلىك ئارىلىق مەشىقى (High-Intensity Interval Training, HIIT, 高强度间歇训练)
- چاتما چېنىقىش (CrossFit, 混合健身)
- قورساق ئاتلاش (Sit-ups 仰卧起坐)
سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى (Water Sports, 水上运动)
- سۇ ئۈزۈش (Swimming, 游泳)
- كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش (Butterfly stroke, 蝶泳)
- چالكامچىلاپ ئۈزۈش (Backstroke, 仰泳)
- پاقىچىلاپ ئۈزۈش (Breaststroke, 蛙泳)
- ئەركىن ئۈزۈش (Freestyle, 自由泳)
- سۇغا سەكرەش (Diving, 跳水)
- سۇغا شۇڭغۇش (Scuba diving, 水肺潜水)
- لەيلەش، سۇ يۈزىدە ئۈزۈش (Snorkelling, 浮潜)
- دولقۇن يېرىش (Surfing, 冲浪)
- يەلكەنلىك كېمە (Sailing, 帆船)
- قۇلۋاق ھەيدەش (Rowing, 赛艇)
- يالغۇز كىشىلىك قېيىق (Kayaking, 皮划艇)
- سۇ ئىچى گىمناستىكىسى (Water aerobics / Aqua aerobics, 水中有氧操)
- سۇدا يۈگۈرۈش (Water jogging, 水中慢跑)
ئېلىشىش تەنھەرىكەتلىرى (Combat Sports, 搏击格斗运动)
- بوكس (Boxing, 拳击)
- قۇم خالتا ئۇرۇش (Punching bag training, 击打沙袋)
- ئەركىن ئۇرۇش (Sparring, 实战对练)
- چېلىشىش (Wrestling, 摔跤)
- جۇدو (Judo, 柔道)
- تايكۋوندو (Tae Kwon Do, 跆拳道)
- كاراتې (Karate, 空手道)
- جىيۇجىتسۇ (Jujitsu, 柔术)
- ئەركىن چېلىشىش (Kickboxing / Sanda, 自由搏击/散打)
- قىلىچۋازلىق (Fencing, 击剑)
قىشلىق تەنھەرىكەت (Winter Sports, 冰雪运动)
- قار تېيىلىش (Skiing, 滑雪)
- مۇز تېيىلىش (Ice skating, 滑冰)
- چاقلىق كانكى (Rollerblading / Rollerskating, 轮滑)
- چانا تېيىلىش (Sledding / Tobogganing, 雪橇)
- تاختاي تېيىلىش (Skateboarding, 滑板)
ئۇسسۇل تۈرلىرى (Dancing, 舞蹈类)
- ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇلى (Uyghur Folk Dance, 维吾尔族舞蹈)
- بالېت ئۇسسۇلى (Ballet, 芭蕾舞)
- جاز ئۇسسۇلى (Jazz dance, 爵士舞)
- ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى (Modern dance, 现代舞)
- قورساق ئۇسسۇلى (Belly dance, 肚皮舞)
- ئېغاڭلىما ئۇسسۇل (Swing dance, 摇摆舞)
دالا پائالىيەتلىرى ۋە باشقىلار (Outdoor & Other Activities, 户外及其他运动)
- ۋېلىسپىت مىنىش (Cycling, 自行车/骑行)
- ئات مىنىش (Horseback riding, 骑马)
- تاغقا يامىشىش (Rock climbing, 攀岩)
- تاغدا پىيادە مېڭىش (Hiking, 徒步远足)
- سەيلە قىلىش (Walking, 散步)
- بېلىق تۇتۇش (Fishing, 钓鱼)
- ئوۋچىلىق (Hunting, 狩猎)
- ئۇچارتەخسە ئويناش (Frisbee, 飞盘)
- دالا موتوسىكلىتى (Motorcross, 越野摩托)
- ياغاچچىلىق (Carpentry, 木工)
يۇقىرىدىكى بۇ ئەتراپلىق تىزىملىكتىن كۆرۈۋالغىنىڭىزدەك، تەنھەرىكەت دۇنياسى ھەقىقەتەن مول ۋە رەڭدار. ئەڭ مۇھىمى – ھەرىكەتنى باشلاش. مۇكەممەل بولۇشنى ئويلىماي، ئۆزىڭىز قىزىققان بىرەر پائالىيەتنى تاللاپ، ئۇنى داۋاملىق قىلىپ تۇرۇش ساغلاملىققا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. يۇقىرىدا بېرىلگەن ئىسىملەر ئارقىلىق تور دۇنياسىدا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەزمۇنلارنى ئاسانلا تاپالايسىز. بىزمۇ كېيىنكى ماقالىلىرىمىزدە، بۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى بىر-بىرلەپ مول ئۇيغۇرچە مەزمۇنلار، رەسىملىك، ۋىدىئولۇق تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ھەرىكەتنى تېپىپ، ساغلام ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز!