ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ھەققىدە ھىكايە ۋە ئىبرەتلەرئەيدىزنىڭ «پۇشايمان دورىسى»نى ئىستېمال قىلمىغان ئايال

ئەيدىزنىڭ «پۇشايمان دورىسى»نى ئىستېمال قىلمىغان ئايال

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ليۇ يۈلەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 50 ياشقا كىرمەيلا موما بولىدىغان بولدى، بۇ ئەسلىدە باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كېلىدىغان ئىش ئىدى، لېكىن بۇ ئائىلە ۋىرۇس بىلەن ئورالغان ئەنسىز تۇرمۇشقا پېتىپ قالدى.

ئەسلىدە ليۇ يۈلەننىڭ قىزى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قورسىقىدىكى يېڭى ھاياتنى ئالدۇرۋەتمەكچى بولغان، لېكىن بالا چۈشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي، بۇ بوۋاق يەنىلا دۇنياغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن شياۋفېڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قىز بوۋاق تۇغۇلۇپلا ئەيدىز كېسىلى بىمارى بولۇپ قالغان.

شياۋفېڭ ئىسىملىك بالدۇر تۇغۇلغان بۇ بوۋاقتا 10 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ يۆتىلىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئوكۇل سېلىپ، دورا ئىچىپ داۋالانغاندىن كېيىن يەنىلا قايتا-قايتا تەكرارلانغان، كېيىن شياۋفېڭنىڭ ئېغىز بوشلۇقى زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىپ تاماق يېيەلمەيدىغان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ يول ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، ليۇ يۈلەن ئاندىن ئىشنىڭ ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق شياۋفېڭنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، بۇ چاغدا ليۇ يۈلەن قىزىنىڭ ئ‍ەيدىز كېسىلى بىمارى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. بۇ چاغدا قىزىنىڭ سالامەتلىكىمۇ بارغانسېرى ناچارلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋفېڭنىڭ دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەچكە، ليۇ يۈلەن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان.

ليۇ يۈلەن شياۋ فېڭنى ئېلىپ چېڭدۇدىكى ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتكەن، لېكىن دوختۇر: «ۋاز كېچىڭ، بۇ بالىنى قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ، قۇتۇلدۇرساقمۇ ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ، بالا جاپا تارتىپلا قالماي، ئەڭ ئاخىرىدا سىزمۇ پۇلىڭىزدىن قۇرۇق قالىسىز» دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ليۇ يۈلەن ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن يەنىلا داۋالاشنى قارار قىلغان.

جىگەر تال لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ كەتكەچكە، شياۋفېڭنىڭ قورسىقى يوغىناپ كەتكەن، ليۇ يۈلەن ئۇنى پايتەخت تېببىي داشۆسى بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان. شياۋفېڭنىڭ بۇ ئەھۋالىغا قارىتا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لياڭ ليەنچۈن مۇنداق دېگەن: «بالىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشى كۆپىنچە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىق بىلسە ھەمدە دوختۇرغا ۋاقتىدا ئېيتسا، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشتە دوختۇر دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە توغرا داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، شۇنداقلا ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ».

بۇنىڭدىن باشقا، لياڭ مۇدىر يەنە ئەگەر ئەر-ئ‍ايال ئىككى تەرەپ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، لېكىن ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى توسۇش خاراكتېرلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بولسا، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش نىسبىتى %99تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ليۇ يۈلەننىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولغان ۋە قىزىدىنمۇ ئاغرىنغان، ئۇ قىزىنىڭ ئەينى چاغدا ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن نەۋرىسىگە يۇقۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.

ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئەھۋالدىمۇ، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە ھامىلىدار بولغان جەريانىدا ئ‍ۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، ساغلام بالا تۇغۇشقا تامامەن بولىدۇ، ليۇ يۈلەننىڭ قىزى مۇناسىپ تەدبىر قوللانمىغانلىقتىن ئۆزىگە ۋە شياۋفېڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئەسلىدە ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك بولغان ليۇ يۈلەننىمۇ قاتتىق چارچىتىپ قويغان.

ليۇ يۈلەننىڭ ھېكايىسى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ شۇنداقلا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ توسقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەيدىزنى توسقۇچى دورىسى ئەيدىزنىڭ «پۇشايمان دورىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

دۇڭگۈەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې سۇڭمېي مۇنداق دېدى: بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە ئەگەر دورا ئىچسە، ئەيدىز ۋىرۇسى قانغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، توسۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %99كە يېتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى توسۇش دورىسىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 72 سائەت ئىچىدە ئىچىش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەر-ئ‍ايال ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى دوختۇرغا ئۇقتۇرۇپ قويسىلا، توسۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرمىگەن ھامىلىنى تۇغۇپ، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭى دورىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەيدىز كېسىلىمۇ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۇقۇمغا ئايلاندى، ھەر بىر ئادەم ئەيدىز كېسىلىنى توغرا تونۇشى ھەمدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-29 / 03:26:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ