ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقتەرەت تۇڭىدىنمۇ مەينەت نەرسىنى ھەر كۈنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيسىز

تەرەت تۇڭىدىنمۇ مەينەت نەرسىنى ھەر كۈنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيسىز

تېڭشۈن تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى

مەينەتچىلىك ئۈستىدە توختالغاندا، بىز باكتېرىيە بىلەن قاپلانغان تەرەت قاچىسىنى، ئەخلەت بىلەن تولۇپ كەتكەن ئەۋرەز يولىنى، چىۋىن، ئەخلەت دۆۋىلىرىنى ئويلايمىز، لېكىن بىزنىڭ يېنىمىزدا ھەر كۈنى ئىشلىتىدىغان بىر نەرسە تەرەت قاچىسىدىنمۇ مەينەت بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز، ھەتتا تاماق يېگەندىمۇ ئۇنى قۇچاقلاپ تاماق يەيمىز، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق نەرسە؟

تەرەت تۇڭىدىنمۇ مەينەت نەرسىنى ھەر كۈنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيسىز

سىرتقا چىققاندا چوقۇم ئېلىپ چىقىمىز، تەرەت قىلغاندىمۇ ئايرىلالمايمىز، تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەندە چوقۇم لازىم بولىدۇ، توغرا، ئۇ دەل بىزنىڭ يانفونىمىز، بەزىلەر «يانفون قانچىلىك مەينەت بولماقچىدى؟» دەيدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىر تەجرىبە ئىشلەپ، ھەر خىل كەسپىي خادىملارنىڭ يانفونىنى يىغىپ، تەرتىپكە تىزىپ مىكروسكوپ ئاستىدا كۆزەتكەن، 24 سائەت ئىچىدە مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆزەتكەندە، يانفوندىكى باكتېرىيە كولونىيىسى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان؛ بەزىلەر «يانفونۇم ئۇنچە مەينەت ئەمەس، ھەر كۈنى ئىسپىرتلىق پاختا بىلەن يانفونۇمنى سۈرتىمەن» دەيدۇ، بۇ قاراشمۇ تەجرىبىگە كىرگۈزۈلگەن، نەتىجىدە باكتېرىيە مىقدارى ھېچقانچە ئازايمىغان، ئوخشاش تەجرىبىدە، تەرەت تۇڭىمۇ سېلىشتۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان، تەتقىقاتچى خادىملارنى ھەيران قالدۇرغىنى، يانفوندىكى باكتېرىيە تەرەت تۇڭىدىكى باكتېرىيەدىنمۇ كۆپ بولغان، دېمەك، بىزنىڭ يانفونىمىز ئەمەلىيەتتە تەرەت تۇڭىدىنمۇ مەينەتكەن.

ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئاساسەن يانفوندىن ئايرىلالمايدۇ، ئىشقا چىققاندا، ئىشتىن چۈشكەندە، كۆكتات سېتىۋالغاندا، بازار چۆگىلىگەندە، ھەتتا تاماق يېگەچ قىسقا فىلىم كۆرىدۇ، ھەتتا ئۇخلايدىغان چاغدا، يانفون كارىۋات بېشىغا قويۇلغان، ئەگەر بىر كۈندىكى قايسى ۋاقىتتا يانفوننىڭ كېرىكى يوق دېيىلسە، ئۇ چاغدا چوقۇم يۇيۇنىدىغان ۋاقىت بولىدۇ، يۇقىرى چاستوتا، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىش باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىدىغان جايى، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ ئەڭ ياخشى تارقىلىش يولى بولۇپ قالىدۇ. بىر مىكرو بىلوگدا مۇنداق دېيىلگەن: ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بارمىقىنىڭ ھەر كۈنى يانفوندا سىيرىلغان ئۇزۇنلۇقى سىزنىڭ بىر كۈندە ماڭغان يولىڭىزدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.

دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى، تازىلىق مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى، شۇڭا ئادەتتە يانفوننى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشىمىز، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قولنى يۇيۇپ دېزىنفىكسىيە قىلىشىمىز، تاماق يېگەچ يانفون ئوينايدىغان ئادەتنى قەتئىي ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن يانفونىڭىزنى قويۇپ قويدىڭىزمۇ؟

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/7275020.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-18 / 10:50:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ