1. مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت : سەكرەش ، بىنالارنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ – چۈشۈشكە ئادەتلىنىش .
2 . ئادەمنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ،كىلىتلارنى ياشارتىدىغان ھەرىكەت : تېز مېڭىش ، يۈگۈرۈش ، تانسا ، ئۇسۇل ئويناش ، ئات چاپتۇرۇش .
3 . كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغانھەرىكەت : تىكتاك توپ ئويناش .
4 . يۇقىرى قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدىغان ھەرىكەت : پىيادە سەيلە قىلىش ، ۋېلسىپىت مىنىش .
5 . ئورۇقلىتىدىغان ھەرىكەت : سۇ ئۈزۈش ، چاڭغا تېيىلىش ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش .
6 . بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت : پىيادە تېز يول مېڭىش ، ئاستا يۈگۈرۈش
7 . بەدەننى گۈزەللەشتۈرىدىغان ھەرىكەت : گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناش ، قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش .
8 . يۈرەكنى ساغلام قىلىدىغان ھەرىكەت : مەنزىرىلىك ، ھاۋالىق جايلاردا سەيلە قىلىش .
9 . ئادەمنى تېز قېرىتىدىغان ئامىل : ھورۇنلۇق ، چېچىلاڭغۇلۇق ، قالايمىقان خام خىيالنى كۆپ قىلىش .
10 . ئادەمنى كېسەل قىلىدىغان ئامىل : چارچاش ، روھىي چۈشكۈنلۈك ، ئۇيقۇسىزلىق ، تاماقنى ۋاقتىدا يېمەسلىك .
11 . كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان ئامىل : ئاچ كۆزلۈك ، تاماقنى بەزىدە كۆپ ، بەزىدە ئاز يېيىش ، كېسەلگە نېمىنىڭ زىيانلىقلىقىنى بىلمەسلىك .
12 . قان بېسىمنى جىددىي ئۆرلىتىۋېتىدىغان ئامىل : تولا ئاچچىقلىنىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، زىيادە چارچاش .
13 . ئادەمنى زىيادە سەمرىتىۋېتىدىغان ئامىل : كۆپ يېيىش ، ئاز ھەرىكەت قىلىش ، كۆپ ئولتۇرۇش .