ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقجىنسى كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز

جىنسى كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

جىنسىي  يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئاساسەن جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدىغان ( قىسمەن  چاغلاردا باشقا يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ ) باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ،  مىكوپلازما، خلامىدىيە، تامچە قۇرت قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ  يۇقۇملاندۇرۇشىدىن پەيدا بولىدىغان ھەرخىل جىنسىي يول كېسەللىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ

بۇ كېسەللىكلەر كۆپ ئەھۋاللاردا جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئايرىم ئەھۋاللاردا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا يۇقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسەللىكى ( AIDS ) ئىنسانلارغا ئېغىر تەھدىت تۇغدۇرىۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىراجىتىنىڭ غايەت زور بولۇشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ ماقالىمىزدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش ئەھۋالى، تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ ئۆتمەكچىمىز.

1. ئەيدىزنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى

ئىنسانلار يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۆپ قىسىم جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بەزى دۆلەتلەردە ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. شۇنداقتىمۇ دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ كەڭ دائىرىلىك تارقىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئىلگىرىكى ئەيدىزنى ئوڭاي يۇقتۇرىۋالمايدىغان كىشىلەر توپى بۈگۈنكى كۈندە ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ، بۇ ئىككى توپنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەيدىزنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، قىيىنلىشىپ كەتتى.

1. ئەيدىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىشىلىشى

جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئوڭاي يۇقتۇرۋالىدىغان كىشلەر توپى بىلەن ئوڭاي يۇقتۇرۋالمايدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز كېسەللىكى ئادەتتىكى كىشىلەر بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىغا يەتكەن قىز- ئاياللار ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالماقتا. بۇ خىل ئەھۋال تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە نىسبتەن ئېغىر بولماقتا. مەسىلەن، تانزانىيىنىڭ داررۇلئىسلام رايونىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئامبولاتورىيە بىمارلىرى ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار %16.9 گە، سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى ياكى خلامىدىيىسىدىن يۇقۇملانغانلار %8.2 گە، تامچە قۇرت ياكى تەسۋىيسىمان زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغانلار %27.2 گە يەتكەن. لېكىن كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلاردا روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن. بۇ خىل ئەھۋال تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تەدھدىتىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

2 . ئەيدىزنىڭ ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تارقىلىشى

ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپى ئاساسلىقى STD گە قارىتىلغان بولۇپ، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەنلەر ياكى يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ئاساسەن جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار، ھەمجىنىسۋازلار ( 恋性同 ) ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يۇقۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، زەھەرنى تومۇرغا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق چېكىدىغانلار ۋە دائىم قان ساتقۇچىلارمۇ ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپىغا كىرىدۇ. شۇڭا، ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

3. ئەيدىزنىڭ ئوڭاي يۇقتۇرۋالمايدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تارقىلىشىئىلگىرىكى كۆزقاراشلاردا، ھامىلىدار ئاياللار ئوڭاي يۇقتۇرىۋالمايدىغان كىشىلەر توپىغا تەۋە، دەپ قارىلاتتى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن ئەمەسكەن. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن كەلگەن 24 ~ 15 ياشلىق قىز- ئاياللارنىڭ ئىچىدە، خلامىدىيىدىن يۇقۇملانغانلار %14.5 ~ %3.7 نى، سۆزنەك شارچە پاكتېرىيىسىدىن يۇقۇملانغانلار %4.7 ~ % 0.9 نىئىگىلىگەن.

ياش-ئۆسمۈرلەر دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 5/1 قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. دۇنيا بويىچە ھەريىلى 20 ياشقا توشماي تۇرۇپ بالىلىق بولىدىغان قىزلار 15 مىليۇنغا يېتىدىكەن. نۆۋەتتە ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش كەچۈرمىشى بارلارنىڭ نسىبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاش يۆنۈلىشىدە بولۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماستىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغانلار ۋە سودا خاراكتېرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشىنى تېزگىنلەش ۋەزىيىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملنىش ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ئوڭاي يۇقتۇرۋالمايدىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

2. ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار

جىنسىي يول يوقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئاساسەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. قىسمەن ئەھۋاللاردا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا يۇقىدۇ. شۇڭا، يۇقۇش يوللىرى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئەڭ مۇھىم يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، باشقا يۇقۇش يوللىرىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىدە كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بەزىلىرىدە روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ. كىلىنىكىلىق ئالامەت كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ كېسەل يۇقتۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. كىلىنىكىلىق ئالامەت كۆرۈلمىگەن بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يوشۇرۇن، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولغاچقا، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە بولغان تونۇشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئاجىز بولۇشى، دائىم قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماسلىق ۋە ۋاقتىدا داۋالانماسلىق قاتارلىق ئامىللار جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مىكرو ئامىللاردۇر. شەخسنىڭ ئاڭلىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۇ ئامىللارنى ئۆزگەرتىپ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك تېزگىنلەش تامامەن مۇمكىن.

بىر دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى، سىياسىي-ئىقتىسادىي، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇرۇش ۋە نامراتلىق قاتارلىق ئامىللار جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماكرو ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئامىللارنى شەخسنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ ئامىللارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىپ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك تېزگىنلەشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئۇزاق ۋاقىت بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدىكى ھەرخىل ئامىللارنى ئازايتىش بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى تېزگىنلەشتىكى مۇھىم ھالقىدۇر.

2. مىكرو ئامىللار

(1) خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت: خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپ ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماسلىق، تۇنجى قېتىملىق جنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزش يېشى بەك كىچىك بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەرخىل جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، جىنسىي جۆرىسى كۆپ بولۇش جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش نۆۋەتتە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، سودا خاراكتېرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتلەردە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش كۆپ ھاللاردا ئەرلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا.

نۆۋەتتە، تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش يېشىنىڭ بەك كىچىك بولۇشى يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى بىلەن جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. ياش- ئۆسمۈرلەر فىزىئولوگىيە ۋە پسىخولوگىيە جەھەتلەردىن تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە قارىتا تونۇش كەمچىل بولغانلىقتىن، ئوڭايلا جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدۇ.

(2) جىنسىي جۆرىسىنىڭ خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى: جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى جىنسىي جۆرىسىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. شۇڭا، جىنسىي جۆرىسىنىڭ خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىشىمۇ بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئامىل ئادەتتىكى ئاياللار توپىنىڭ جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.

ھامىلىدارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىلىرىنى قوللىنىش: بەز ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تابلېتكا دورىلىرى زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنى قايتا قوزغىشى مۇمكىن. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۈزۈك سالدۇرغان ئاياللارغا قارىغاندا ئۈزۈك سالدۇرمىغان ئاياللارنىڭ زەمبۇرۇغ، باكتېرىيە ۋە شورىغۇچسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملاردىن يۇقۇملىنىش نىبسىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ خىل يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنىڭ تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغانلىقىدا ئىكەن.

ماكرو ئامىللار

ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك: ئەرلەر ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان جەمئىيەتتە، ئاياللار مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق جەھەتلەردە مەلۇم كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدۇ. ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئەرلەردىن ئومۇميۈزلۈك ھالدا نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەرلەرگە بېقىنىدىغان بولىدۇ. كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئەرلەر ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدىمۇ ئەلەرنىڭ ئىرادىسى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇلار دائىم بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تەھدىتىگە زور دەرىجىدە ئۇچرايدۇ.

ئىجتىمائىي پسىخىكا: كىشىلەر ئادەتتە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا نىسبەتەن كەمسىتىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. شۇڭا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، تەكشۈرۈنۈپ-داۋالىنىشى پسىخىكا جەھەتتىن مەلۇم توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى ۋە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

( 3) جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلىرى تېخى بارلىققا كەلگىنى يوق. ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى ۋە ياكى ئەيدىز ۋاكسىنىسى تەتقىقاتلىرىدا تېخى بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋاپپەقىيەتلەر قازىنىلمىدى. ۋىرۇستىن بولىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپمۇ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق. كېسەللىكنىڭ يۇقۇشىدىن ساقلىنىشتىكى بەزى تەدبىرلەر مەسىلەن، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش جەھەتتە قىيىنچىلىقلار يەنىلا كۆپ.

3. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش

ئەيدىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشى ئاۋام خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغان، نوپۇس قۇرۇلمىسى-سۈپىتى، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئاممىۋىي گېگىنا قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسلىلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر. شۇڭا، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر. شۇنىڭدەك خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە چوڭ تىپتىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنى بۇ ساھەگە كۈچ چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان مەنبەلەردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. بۇ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى.

تېببىي خادىم ۋە تېببىي ئەسلىھە ئامىلى

خادىملارنىڭ جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلاشقان زور بىر تۈركۈم تېببىي پەن قوشۇنى بەرپا قىلىش جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىلدۇر. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە تېببىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش تولىمۇ مۇھىم. جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاشمۇ مۇھىم بولۇپ، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ داۋالاشقا كېتەرلىك ئۈسكۈنە ۋە دورىلار كەمچىل بولىۋاتىدۇ. كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈنۈپ داۋالىنالمايدىغان ياكى دوختۇرغا كۆرۈنگەن بىمارلار ئۆز ۋاقتىدا توغرا دىئاگنوزلىنىش ۋە داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد. شۇڭا، بۇنداق رايونلاردا بەلگىلىك دائىرىدە ئومۇميۈزلۈك نىشانلىق تەكشۈرۈش، داۋالاش ئېلىپ بېرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

3 . تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش

تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىق- تەربىيىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىشىنى تېزگىنلەش بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقىدۇر. شۇڭا، ياش-ئۆسمۈرلەر، ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار كىشىلەرگە قارىتا جىنسىي ساغلاملىق تەشۋىق-تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى پۈتۈن جەمئىيەتكە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-31 / 08:03:48

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ