ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرى

ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرى

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش ئەندىزىسىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن تۆۋەندە مەن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىر قىس

تېرىگە ئېلىش ئۇسۇلى

ئاياللار تۇغۇت جەريانىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇدا خۇن توختاپ قېلىش ، ئۇمۇرتقىلىرىئاجراش ، زەخمىلىنىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ . بۇ خىل كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن دورا ئىچىشتىن باشقا تېرىگە ئېلىپ داۋالىغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش ، نېرۋىنى روھلاندۇرۇش ، بەدەننى جاللاندۇرۇش ، ئاغرىقنى توختۇتۇش ، زەخمىلەنگەن ، سۇنغان ، ئاجراپ كەتكەن ئورۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ۋە شۇ ئورۇندا توختاپ قالغان قان ، زەردابنى تارتىش خۇسۇسىيتى بار .

تېرىگە ئېلىشتا ھامىلدار ئايال بوشىنىپ 20 كۈن بولغاندا تېرىگە ئېلىندۇ . بۇنىڭدا تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقان ساغلام قوي ياكى ئۆچكە ئۆلتۈرلۈپ ، تېرىسى تىز سۈرئەتتە ئاجرىتىلىدۇ . ئاقمۇچ ، قارمۇچ ، ئاپىبەدىيان ، ئەمەن ئۇرۇقى ، زەنچىۋىل، قۇۋزاق داچىن ، سېرىق چېچەك ئۇرىقى ، مۇزا ، قەلەمپۇر ، پىلپىل قاتارلىق ئىسىقلىققا مايىل دورا – دەرمەكلەرنى يۇمشاق سوقۇپ ، تېرە يۈزىگە تەكشى سېپىلىدۇ . ئاندىن تۇغۇتلۇق ئايال يالىڭاچلىنىپ ئىسسىق تېرىگە ئېلىنىپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇلدۇ . ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا تېرىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەم تاشقى سەۋەبلىك مۇسكۇل ، سۈڭەكلىرى زەخمىلەنگەن ، كۆك چۈشكەن ، ئىششىغان بىمارلارنى تېرىگە ئېلىپ داۋالاش مەقسىتىگە يەتكەن .

تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تېرىگە ئېلىنىپ سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلمىيلىكىگە ئىگە بولۇپ ، ساپ ، تەبئىي داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

كاللا – پاقالچەك پىشۇرۇپ يىگۈزۈش ئۇسۇلى

كاللا – پاقالچەكنىڭ تەبئىتى سوغوققا مايىل بولۇپ ، ئۇنى پاكىزلاپ پىشۇرغاندا ئۇنىڭدىن بىرخىل يېپىشقاق شىلىمسىمان سۇيۇقلۇق ئاجىرلىپ چىقىلىدۇ . بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجىرغان ئۇستىخاننى ھىملەشتۈرۈش رولى بار . ھامىلدار ئاياللار تۇغۇپ بىر ھەپتە بولغاندا كاللا – پاقالچەك يېگەندە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق . چۈنكى تۇغۇت جەريانىدا بەزى ئۇستىخانلىرى ئاجىرايدۇ ، زەخىملىنىدۇ . تۇغۇتلۇق ئايالغا كاللا – پاقالچەك پىشۇرۇپ بەرگەندە تۇغۇت سەۋەبىدىن ئاجىرغان ئورۇنلارنىڭ تىز ئەسلىگە كېلىشىگە ئالاھىدە ئۈنۈمى بولىدۇ . ئۇيغۇرلار كاللا – پاقالچەكنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ئۇسۇلىنى خېلى بۇرۇنلا بايقىغان بولۇپ ، ھېلىھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالماقتا .

كاللا – پاقالچەك سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ تەرلىتىش ئۇسۇلى

ئاياللار تۇغۇتلۇق جەريانىدا سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن ئاسانلا يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋالدا كاللا – پاقالچەك سۆڭەكلىرىگە ئاقمۇچ ، پىلپىل ، قەلەمپۇر قاتارلىق بىر قىسىم دورىلارنى سېلىپ قاينىتىپ ، ھورىدا تەرلەنگەندە بالىياتقۇ ئىچىدە توختاپ قالغان قان ، يۇقۇملىنىش ، مىكروبلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ .

بۇ خىل ئۇسۇل مۇنداق ئېلىپ بېرىلدۇ ؛ قاينىتىلغان سۇنى داسقا قۇيۇپ، داسنىڭ ئۈستىگە ئىككى تاختاينى قويۇپ ، تۇغۇتلۇق ئايال يالىڭاچ ھالدا تاختاي ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ . بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمى مەھكەم ئوراق قويىلىدۇ . بىرەر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ ئۆزىنى ناھايتى يېنىك ، روھلۇق ، جۇشقۇن ھىس قىلىشقا باشلايدۇ . بۇنداق قىلغاندا تۇغۇت جەريانىدا بەدەندە ئۇيۇپ قالغان خۇن بەدەندىن ئاجىراپ چۈشىدۇ ، مىكروبلار ئۆلىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇل بىخەتەر ، ئىلمىي بولۇپ ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىدە ئالاھىدە پايدىسى بار . ئۇيغۇرلار ناھايتى بۇرۇنلا كاللا – پاقالچەك سۆڭىكىنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رولى بارلىغىنى بايقاپ ، بۇ ئارقىلىق تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كۆرۈلدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتقان . بۇ ئۇسۇل ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلماقتا .
ئۇچاق قىزىلىدا تەرلىتىش ئۇسۇلى

ئادەتتە شورنى ئاساس قىلىپ سېلىنغان تونۇرنىڭ كېرەكتىن چىققان خىش پارچىسىنى كىشىلەر يەرلىك تىلدا << ئۇچاق قىزىلى >> دەپ ئاتايدۇ . تەرلىتىش ئۇسۇلى كاللا – پاقالچەك سۆڭىكىدە تەرلىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ . ئۇچاق قىزىلىنىڭ تەبئىيتى ئىسسىق بولۇپ ، ئىسسىق مىجەزلىك ئاياللارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تەرلەتسە ھامىدار بولۇشنى ئاسانلاشتۇرغىلى بولىدۇ . ئەكسىچە سوغوق مىجەزلىك ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ .

بۇ خىل تەرلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىگى شۇكى ، بالىياتقۇ ئېغىزىنى قورۇش خۇسۇسىيتى بار . ناۋادا كاللا – پاقالچەك سۆڭىكىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىگە ئۇچاق قىزىلىنى سېلىۋەتسە ئۇنىڭ تەبىئيتى مۆتىدىلگە ئايلىندۇ . بۇ خىل سۇنىڭ تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كۆرۈلدىغان مىجەز سۇسلىشىشى ، روھسىزلىنىش ، كۆپ ئۇخلاش ، ھورۇنلۇق ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق تۇغۇتتىن كېيىنكى روھىي ھالەتنى تەڭشەش خۇسۇسىيتى بار .

گەرچە ھازىر زامانىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن يۇقۇردا تۇنۇشتۇرغان ئۇسۇللارمۇ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان تەجىربىدىن ئۆتكەن ۋە ئەمەلىي قوللىنىپ ، ئۈنۈم بەرگەن داۋالاش ئۇسۇلىدۇر .

<< پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۈرنىلى دىن ئېلىندى<

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:09:05

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ