ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتكېسەللىكلەرئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى كېسىلى

ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى كېسىلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۆپكە توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ، توقۇلمىلارنىڭ نېكروزلىنىشى بىلەن ئۆپكىدە يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللىنىپ، كلىنىكىدا يۇقىرى قىزىتما بولۇش، يۆتىلىش، كۆپ مىقداردىكى يىرىڭلىق بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئۇيغۇرچە: ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى كېسىلى
ئىنگىلىزچە: Lung abscess
خەنزۇچە: 肺脓肿
تۈركچە: Akciğer absesi

سەۋەب

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن
ھەرخىل جاراسىملار بىلەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى غىدىقلاپ، يۇقۇملاندۇرۇپ تەدرىجىي يىرىڭلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن
بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئۆپكىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ ۋە يەرلىك ئورۇندىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەبىئىي قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، سىرتقى مۇھىتتىن ھەرخىل جاراسىملارنىڭ كىرىشىگە ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلايدۇ ياكى غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، ياللۇغلۇق نېكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نەپەس يوللىرىدىكى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن
نەپەس يوللىرىدىكى كېسەللىكلەر يەنى بۇرۇن يان كاۋىكى ياللۇغى، بادامسىمان يەر ياللۇغى، چىش مىلكى ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلاردا ھاسىل بولغان ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار ۋە كانايچە كېڭىيىشتىكى يىرىڭلىق ئاجرالمىلارنىڭ ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى غىدىقلىشى ۋە ياللۇغلاندۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا ياللۇغلۇق نېكروزلىنىش بولۇپ، تەدرىجىي ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىدا ئايلىنىدۇ.

بەدەننىڭ باشقا قىسمىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن

1. جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى جىگەرنىڭ ئۈستى قىسمىدا بولسا، دىئافراگما تەرەپكە تېشىلىپ دىئافراگمىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي دىئافراگما تېشىلىپ يىرىڭلىق ئىشىشقىنىڭ ئۆپكىگە تەسىر قىلىش بىلەن ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.تېرىدىكى ھەرخىل جاراھەتلىك ۋە يىرىڭداش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مەسىلەن: تېرىدە يۈز بەرگەن غەلۋىرەك، چىيقان قاتارلىقلاردا ھاسىل بولغان يىرىڭ ۋە ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلارنىڭ قان ئايلىنىشى ئارقىلىق ئۆپكە توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى غىدىقلىشى ۋە يۇقۇملاندۇرۇشى بىلەن ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.كۆكرەك زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كۆكرەك ياللۇغلىنىپ، ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار ئۆپكىگە تەسىر قىلىشى بىلەن ئۆپكىدە ياللۇغلۇق نېكروزلىنىش بولۇپ، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى

دەسلەپتە يۆتىلىش، كۆكرەك ئاغرىش بولۇپ، ئاز مىقداردا يېپىشقاقلىق يىرىڭلىق بەلغەم تۈكۈرىدۇ. تەخمىنەن 15~5 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يىرىڭلىق ئىششىق ئۇشتۇمتۇت كانايچە ئىچىگە قاراپ يېرىلىپ، بىرقانچە يۈز مىللىلىتىر سېسىق پۇراقلىق بەلغەم تۈكۈرىدۇ. بەزىدە قان يىپچىلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە توڭۇپ تىترەش، يۇقىرى قىزىتما بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃39 – 40 غا چىقىدۇ. كۆپىنچە بوشاشتۇرغۇچى قىزىتما بولىدۇ. ئۆتكۈر باسقۇچىدا ئۈنۈملۈك داۋلاىغاندىن كېيىن قىزىتما، بەلغەم مىقدارى، كۆكرەكتىكى ئاغرىش قاتارلىقلار بارا-بارا يەڭگىللەپ ئاخىرىدا يوقىلىدۇ. ئەگەر سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىپ كەتسە يۆتىلىش، شىلىمشىق بەلغەم تۈكۈرۈش بولۇپ، قىزىتمىسى مۇقىم بولمايدۇ. بەزىدە قان تۈكۈرىدۇ، بەلغىمى سېسىق پۇراقلىق بولمايدۇ.

ئاقىۋىتى

يىرىڭلىق ئىششىق كانايچە ئىچىگە يېرىلىپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق كانايچە بوشلۇقى ئىچىگە يېرىلماي ۋاقتىدا جىددىي ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، يىرىڭداش خاراكتېرلىك ھاۋالىق كۆكرەك، ئۆپكە توقۇلمىلىرى نېكروزلىنىش، مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەللىك ئۆزگىرىشى

كانايچە مەنبەلىك يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىنچىكە كانايچىنى يۇقۇملانغان ئاجراتما ماددىلار توسىۋالغانلىقتىن، ئۇنىڭ يىراق ئۇچىدىكى ئۆپكە بۆلىكىدە ئۆپكە ئېچىلالمالسىق، ئۆپكە پۈۋەكچىسىگە قان تولۇپ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە نىتروفىل ھۈجەيرىلەر يامراپ، نېكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياللۇغلىنىش تېزدىن ئەتراپتىكى ئۆپكە بۆلەكلىرىگە كېڭىيىپ، كېسەللىك ئوچىقى ۋە ئەتراپتىكى قان تومۇرلاردا ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توقۇلمىلارغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي ئوكسىگېن خالىمايدىغان جاراسىملارنىڭ ئۆسۈشىگە شەرت ھازىرلاپ نېكروزلىنىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاتۇرۇۋېتىدۇ. جاراىسم ۋە ئۆلگەن ئاق قان ھۈجگيرىلىرى ئۆزىدىن ئاقسىل ئېرىتكۈچى فېرمېنت چىقارغانلىقتىن، نېكروزلانغان توقۇلما سۇيۇقلىنىپ يىرىڭ ھاسىل قىلىش بىلەن ي ىرىڭ بوشلۇقىغا يىغىلىدۇ. يىرىڭ يىغىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە كانايچىغا قاراپ تېشىلىپ كۆپ مىقداردا يىرىڭلىق بەلغەم تۆكۈرىدۇ. كېسەللىك ئورنى كۆكرەك پەردىسىگە يېقىن ئورۇندا بولسا، چەكلىك تالالىق كۆكرەك پەردە ياللۇغىنى پەيدا قىلىش بىلەن ئەزا ۋە دىۋار قەۋەت كۆكرەك پەردىلىرىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۆپكە يىرىڭلىق ئىشىشقى قان ئارقىلىق تارقالغان بولسا سۇيۇقلۇق يۈزى بولغان بىرقانچە كىچىك يىرىڭلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرۈپ ئۆپكىدە ھاۋالىق خالتىلىق ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ.

دىئاگنوزى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن
يۇقىرى قىزىتما بولۇش، جۇغ-جۇغ، توڭۇپ تىترەش، يۆتىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، كۆپ مىقداردىكى سېسىق پۇراقلىق بەلغەم تۈكۈرۈش، چەكلىك ئورۇندىن بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى بادامسىمان بەز ياللۇغى، بۇرۇن يان كاۋىكى ياللۇغى، چىش مىلىكى ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى، كانايچە كېڭىيىش، كۆكرەك قىسىم زەخىملىنىش، جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن
1. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش: ① قان تەكشۈرۈش: ئۆتكۈر دەۋرىدە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ 30000-40000 غا يېتىدۇ.

(20~30×109/L)، نىترال دانچىلىق ھۈجەيرىلەر سانى %90دىن يۇقىرى بولىدۇ. سوزۇلما خاركتېرلىك ئۆپكە يىرڭىلىق ئىشىنچى بۇلغۇچىلاردا ئاق قان ھۈجەيرىلەر سانى نىسبەتەن يۇقىرى ياكى نورمال بولىدۇ. قىزىل قان ھۈجگيرىسى ۋە قان قىزىل ئاقسىلى تۆۋەن بولىدۇ. ② بەلغەمنى تەكشۈرۈش: كۆپ مىقداردا يېرىڭلىق بەلغەم تۆكۈرىدۇ. دەسلەپتە سېسىق پۇراقلىق بولۇپ، ئەينەك شېشىگە ئېلىپ قويغاندا ئۈچ قەۋەتكە بۆلىنىدۇ. ئۈستۈنكى قەۋەتتە كۆپۈك، ئوتتۇرا قەۋەتتە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، ئاستىنقى قەۋەتتە يىرىڭ ۋە نېكروزلانغان توقۇلمىلار بولىدۇ. بەلغەمدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە ھەرىخل جاراسىملار تېپىلىدۇ.

2.رېنتگېنلىق تەكشۈرۈش: ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يەنى يىرىڭلىق ئىششىق يېرىلىشتىن بۇرۇن مەركىزىنىڭ زىچلىقى تەكشى، ئەتراپى تۇتۇق بولغان سايە كۆرۈلىدۇ. دائىرىسى كىچىك بولغۇچىلاردا پەقەت بىر-ئىككى ئۆپكە ئوچاستىكىسىغا تەسىر يېتىدۇ، سۇيۇقلۇق يىرىڭ چىقىرىلىشى بىلەن كاۋاك پەيدا بولغۇچىلاردا سۇيۇقلۇق يۈزى تەكشىلىكى كۆرۈنىدۇ.

سوزۇلما ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىدا يىرىڭ بوشلۇقى دىۋارى قېلىنلاپ ئەتراپتىكى ياللۇغلىنىش ئازىيىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تالالاشقان ئۆپكە ۋە يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ قېلىن دىۋارىلىق كاۋىكى ئىگىللەيدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپ قىرلىرى تۇتۇق بولىدۇ. چوڭ يالپاق زىچ سايە پەيدا بولىدۇ. يىرىڭ بوشلۇقى بولمايدۇ.

سوزۇلما ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى ئۆتكۈر ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى

سېلىشتۇرما دىئاگنوزى

1. ئۆتكۈر ئۆپكە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

دات رەڭلىك بەلغەم تۈكۈرۈش، ئېغىز كالپۇك ئەتراپىغا قوقاق چىقىش، ئىككى مەڭزى قىزىرىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. كانايچە ئۆپكە راكىغا قوشۇمچە ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى قوشۇلۇپ كېلىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

مەركەز تىپلىق ئۆپكە راكىدا كانايچە تارىيىىپ توسۇلۇپ قالغانلىقتىن، قوشۇمچە ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئۆپكە راكىنىڭ بار-يوقلۇقىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك، پەرقلەندۈرۈش يىرىڭلىق بەلغەمنىڭ مىقدارى ئاز، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە كاۋاكنىڭ ئورنى بىر يانغا ئېغىپ كەتكەن بولۇش، ئۇنىڭ ئىچكى دىۋارى ئېگىز-پەس بولۇش بىلەن كاۋاك ئەتراپىدا ياللۇغلىنىش روشەن بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. كاۋاكلىق ئۆپكە سىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆپكە سىلىدىكى كېسەللىك باشلىنىشى ئاستا بولۇش، پۈتۈن بەدەنلىك ئىپادىسى روشەن بولماسلىق، سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى روشەن بولۇش، بەلغەم مىقدارى ئاز ۋە پۇراقسىز بولۇش، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە ئۆپكىدە چېكىتسىمان، تاناپسىمان ۋە شەكلى ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئوچاقلىرى بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇش، كاۋاكتا سۇيۇقلۇق يۈزى بولماسلىق، بەلغەمنى تەكشۈرگەندە سىل جاراسىمى تېپىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

4. كانايچە كېڭىيىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولۇش، كۆپىنچە بالىلىق دەۋرىدە نەپەس يولى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، رېنتگېندە يۆگىمەچ ياكى چاچقا ئوخشاش ھالقىسىمان سۈزۈك سايە كۆرۈنۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

 

داۋالاش پىرىنسىپى

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. دورا بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمىسە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن ئەرقىشاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن، ئەرقى مۇسەففى خۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن، چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، شاھتەررە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، ؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھە رقېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال ىلىشقا بېرىلىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن زۇپا، ئەنسىل، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈم ، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلاردىن زۇپا، ئەنسىل، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈم، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن، 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن، ئەرقى نېلۇپەر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن، نېلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، ئەينۇلا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، زۇپا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، ئەنسىل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، شەربىتى پەريادەيدۇس كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، مەجۇنى زۇپا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، لوئوقى چىلغوزا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، لوئوقى بادام كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، لوئوقى كەتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، ھەببى غارىقۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئەگەر كېسەللىك سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىپ كېتىپ، دورا ئۈنۈم بەرمىسە، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يېرىڭلىق ئىششىق كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈچىنى ئاشۇرۇش ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدەت خەيىرى مەرۋايىت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۈنى داۋائى مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئامىلە نوشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، مايلىق، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ۋە زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. زۇكام ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، زۇكام بولۇشتىن، ھەرىكەت قىلىشتىن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تۇيۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، زىيادە چارچاش، ئاچچىقلىنىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەكلىك مۇھىتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يېتىپ ئارام ئېلىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.تەكرارلاش سوئاللىرى ۋە مۇھاكىمە

مەنبە:

ئۇيغۇر ئارخىپ تورى
https://uyghur-archive.com/wiki-izde/wiki-izde/indexa520.html

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=801

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-20 / 07:06:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ