ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتكېسەللىكلەرزۇكامنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش مەخپىي رىتسىپلىرى

زۇكامنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش مەخپىي رىتسىپلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

•  دورا ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر زۇكامداپ قالغاندا ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاپ بەدەندىن تەر چىققۇچە تۇرۇپ بەرسە، بولسا سۇغا تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، يېنىكزۇكام ساقىيىپ كېتىدۇ.

•  زۇكام بولۇپ باش ئاغرىغاندا، لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ، بوشراق سىقىپ تەكشى قاتلاپ، ئاغرىقنىڭ كۆز، بۇرۇن، باش ۋە بويۇنلىرىغا يەڭگىل بېسىپ بەرگەندە، باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

•  . زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش: ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازاراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە چىلاش، پۇتنى چىلىغاندا زەنجىۋىل سۈيى پۇت قىزارغىدەك ئىسسىق بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

•  زۇكامنى داۋالاش ئۈچۈن، قايناقسۇنى پۇت سەل كۆيگۈدەك تەڭشەيمىز، ئاندىن كىيىن قىلىن كېيىنىپ، پۇتنى تەڭشەلگەن قايناقسۇغا ئاستا-ئاستا چىلايمىز، قىزىقلىققا بەرداشلىق بەرگۈدەك بولغاندا، پۇتنى بىراق چىلاپ بىرپەس تۇرغاندىن كېىيىن، ئادەم چىلىق-چىلىق تەرلەپ ئاراملىق ھېس قىلىدۇ. لېكىن، تەرلىگەندە شامال ئۆتكۈزۈۋېلشىتىن ساقىلىنىش، تەرنى ئېيتىماسلىق كېرەك.

•  زېققە چايلىقى: خەشخاش ئۇرىقى، بىخ بەدىيان، بىخكەرەپشە، بىخسۇس مۇقەششەر، بىخسەۋسەن، ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرامدىن؛ پوستىخەشخاش 15گىرام؛ زۇپا ھىندى 30گىرام؛ پىرسىياۋشىيان 30گىرام؛ نىلوفەر 15گىرام؛ گۈلبىنەپشە 30گىرام ئىلىپ چايلاپ تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قايناتقان چايغا ئىككى قوشۇق قىزىل گۈلقەنت سىلىپ ئىچىلىدۇ. زېققە، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىدىكى ھەر خىل ئىللەتلەر ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.

تەسىرى: ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، دەم سىقىلىش، قىزتما، يۆتەل، زۇكام قاتارلىقلاردا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت بىرىدۇ.

•  بۇرۇن ياللۇقى چېيى: زوپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئەنجۈر قېقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، گاۋزىبان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشە باھار ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بۇرۇن ياللۇقىدىكى بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇن ئۇچى قىزىرىش، چۈشكۈرۈش، تولا زۇكامبولۇش قاتارلىقلاردا مەنپەئىتى بولىدۇ.

•  خام تۇرۇپنى كۈندە ئىككى تالدىن يەپ بەرسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

•  لازىملىق ماتىرياللار :بىر ئىستاكان لىمۇن مىۋىسى شەربىتى، بىر ئىستاكان زەنجىۋىل شەربىتى، بىر ئىستاكان سامساق شەربىتى، بىر ئىستاكان ئالما سىركىسى

ياساش ئۇسولى :سامساقنى پاكىز تازلاپ، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ، مىۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنسىدا شەربىتىنى چىقىرىمىز ياكى ئۇششاق توغراپ داكا رەخىتتە سىقىپ سۈيىنى ئايرىۋالىمىز.

سامساق، زەنجىۋىل شەربىتىنى ساپال قاينىتىش چۆگىنىگە قۇيۇپ، لىمۇن كىسلاتاسى بىلەن ئالما سىركىسىنى ئۈستىگە تۆكىمىز. ئاندىن ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىمىز ئاندىن ئاجىز ئوتتا ئاستا قاينتىمىز، تۇۋاقنى ياپماي سۇنى پارلاندۇرۇپ، يېرىپ سائاتچە قاينىتىپ، تەخمىنەن يېرىم مىقتارىنى قالدۇرىمىز.

ئاندىن سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ئازراق ھەسەل قوشۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئېلىشتۇرىمىز. بۇ شەربەت ئاچچىق بولغاچقا چوقۇم ھەسەل قوشمىساق يۇتۇش تەس بولىدۇ. تەييار بولغان شەربەتنى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، مۇزدەك ساقلايدىغان توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :ھەركۈنى ئەتتىگەن ناشتىدىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئىستىمال قىلىمىز، بۇ ئۇسول بىلەن كۆپ قىسىم قان تومۇر كىسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن ساقايتىلى بولۇدىكەن. يەنە بۇ شەربەتنى ئۇسلۇق ئورنىدا ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان تومۇر كىسەللىكلەردىن مۇداپىيەلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. يەنە زۇكامدىن ئالدىنى ئالىدىكەن. بىمار بىر ئاي ئىزچىل ئىچىپ ئاندىن دوختۇرغا تەكشۈرۈپ باقسا كىسىلىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.

•  سامساق مېيى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:مىكروب ئۆلتۈرۈش، جاراھەتلەرنى تازىلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلشى:زۇكام، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ھەر خىل جاراھەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

•  سامساق

سامساق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە، ئاشقازان، ئۈچەي راكىنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛

ئۇنىڭدىن باشقا، قان تومۇرلىرىنى تازىلاپ، قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

•  زۇكام، باش ئاغرىش

ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە، تۇز ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇلغان ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە پۇت قىزارغىچە چىلىغاندا، سوغۇق شامالدىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىش، يۆتىلىشنى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

•  لازىملىق ماتىرياللار :بىر ئىستاكان لىمۇن مىۋىسى شەربىتى، بىر ئىستاكان زەنجىۋىل شەربىتى، بىر ئىستاكان سامساق شەربىتى، بىر ئىستاكان ئالما سىركىسى

ئۇسۇلى:سامساقنى پاكىز تازلاپ، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ، مىۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنسىدا شەربىتىنى چىقىرىمىز ياكى ئۇششاق توغراپ داكا رەخىتتە سىقىپ سۈيىنى ئايرىۋالىمىز. سامساق، زەنجىۋىل شەربىتىنى ساپال قاينىتىش چۆگىنىگە قۇيۇپ، لىمۇن كىسلاتاسى بىلەن ئالما سىركىسىنى ئۈستىگە تۆكىمىز. ئاندىن ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىمىز ئاندىن ئاجىز ئوتتا ئاستا قاينتىمىز، تۇۋاقنى ياپماي سۇنى پارلاندۇرۇپ، يېرىپ سائاتچە قاينىتىپ، تەخمىنەن يېرىم مىقتارىنى قالدۇرىمىز. ئاندىن سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ئازراق ھەسەل قوشۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئېلىشتۇرىمىز. بۇ شەربەت ئاچچىق بولغاچقا چوقۇم ھەسەل قوشمىساق يۇتۇش تەس بولىدۇ. تەييار بولغان شەربەتنى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، مۇزدەك ساقلايدىغان توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :ھەركۈنى ئەتتىگەن ناشتىدىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئىستىمال قىلىمىز، بۇ ئوسول بىلەن كۆپ قىسىم قان تومۇر كىسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن ساقايتىلى بولۇدىكەن. يەنە بۇ شەربەتنى ئۇسلۇق ئورنىدا ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان تومۇر كىسەللىكلەردىن مۇداپىيەلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. يەنە زۇكامدىن ئالدىنى ئالىدىكەن. بىمار بىر ئاي ئىزچىل ئىچىپ ئاندىن دوختۇرغا تەكشۈرۈپ باقسا كىسىلىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.

•  سوغۇقتىن بولغان زۇكام : زەنجىۋىل، قارا شېكەر، چاينى تەييارلىۋېلىپ، خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ، ئېغىزىنى بەش مىنۇت يېپىپ دۈملەپ، تەمى ياخشى چىققاندا ئىسسىق پېتى ئىچىپ بېرىلسە بولىدۇ.

•  ئىسسىقتىن بولغان زۇكام : گۈرۈچ، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت، ئاچچىقسۇ تەييارلىۋالىمىز، ئاندىن زەنجىۋىل ۋە يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغراپ، گۈرۈچنى مۇۋاپىق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، يۇقىرىدا تەييارلىۋالغان ماتېرىياللارنى سېلىپ، كەينىدىن ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئىسسىق پېتى ئىچىپ، يۆگىنىپ تەرلىنىدۇ. ئاللاھ شىپالىق بەرسە، ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

•  بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان زۇكام. تىل گېزى ئاقىرىش، قىزىش، سوغۇقتىن قورقۇش، باش ئاغرىش، بەدەننى تەر بېسىش، يۆتىلىش، ئاق بەلغەم كۆپىيىش، دەم سىقىلىپ يۈرەك سېلىش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.•

ئىچ مىزاج ئىسسىق تاش مىزاج سوغۇقلۇقتىن بولغان زۇكام: تىل گېزى قېلىنلاپ سارغىيىش ياكى سۇس ئاق رەڭگە كىرىش، سوغۇقتىن قورقۇش، يېنىك قىزىش، تەرلىمەسلىك، باش ئاغرىش، بەدەن ئاغرىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، ئاق بەلغەم تۈكۈرۈش، كېكىردەك قىزىرىپ ئاغرىش، ئۇسسىماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

•  ھۆل ئىسسىقتىن بولغان زۇكام: تىل گېزى سارغىيىپ، تىل قېلىنلاش، يېپىشقاق ياغسىمان شۆلگەي قاپلاش، سوغۇقتىن قورقۇش، قىزىش، باش ئاغرىش، مەيدە سىقىلىش، ئاشقازان-ئۈچەي نورمالسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش، قورساق غۇرۇلداش، ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

•  ئىسسىق يەلدىن بولغان زۇكام: تىل گېزى سېرىق ياكى سۇس ئاق بولىدۇ، سوغۇقتىن قورقۇش، قاتتىق قىزىش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، كېكىردەك قىزىرىپ ئىششىپ قېلىش، قويۇق سېرىق بەلغەم تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

•  سوغۇق يەلدىن بولغان زۇكام: تىل گېزى ئاق بولىدۇ، چىراي تاتىرىدۇ، سوغۇقتىن قورقۇش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، كېكىردەك قىچىشىش، يۆتىلىش، ئاق بەلغەم كۆپىيىش، ئۇسسىماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

•  زۇكام تىگىپ ساقايمىسا پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سۇقۇپ ئۇنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا مەنپەئەت قلىدۇ.

•  چاكاندا، كۆك ماش ھەربىرى 5گىرامدىن ئېلىپ تالقانلاپ، كۈندە بىر قېتىم يەپ ئۈستىدن قايناقسۇ ئېچىپ بەرسە زۇكامغا پايدا قىلىدۇ.

•  كۆك ماش، پىياز، شىكەر ھەر بىرىدىن 15گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە زۇكامغا شىپا بۇلىدۇ.

•  سۇڭپىيازنىڭ ئاق قىسمىدىن 100گىرام ئېلىپ ئۇششاق توغراپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ دەملەپ ئسىسىق ئىچسە ۋە ئېغىز بۇرنىغا ھورىنى ئالسا زۇكامغا شىپا.

•  پىياز يىلىتىزى بىلەن سامساق يىلىتىزىنى سوقۇپ تالقانلاپ قوي يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ ئوتتا كۆيدۇرۇپ ئىسىنى بۇرنىغا ئالسا ھەرقانداق زۇكامغا شىپا.

•  سىياداننى كۈيدۇرۇپ ياكى قەغەزگە ئوراپ تۈتۈنىنى دىماققا ئلسا زۇكامغا شىپا.

•  لىمۇننى قاينىتپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ كۈندە 3قېتىم ئىستىمال قىلسا زۇكام نەزلىگە شىپا بۇلىدۇ.

•  نورمالسىز ھەرىكەتلەر: كىچىك بالىلار ئىسمىداپ قالغان چاغدا تولا يىغلىسا ۋە بېشىنى سىلكىسە، بېشى كەينىگە قاتىيىپ قالسا ياكى گەجگىسى قېتىپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن بىللە قۇسۇش قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ چاغدا سەرسام ( مېڭە پەردىلىرىنىڭ ياللۇغى) ياكى كۇزار ( قاتما ) كېسەللىكلىرىدىن گۇمانلىنىش بىلەن بىللە، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش چارىلىرىنى قوللىنىش كېرەك. بالىنىڭ بۇرنى پۈتۈپ، نەپسى تېزلىشىپ ئاغزىدىن تىنىپ قالسا، زۇكام، نەزلە ۋە باشقا كۆكرەك كېسەللىكلىرىدىن گۇمان قىلىش بىلەن ئەتراپلق تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك.

•  زۇكام ۋە ئۆتكۇر بۇرۇن ياللۇغى : زۇكام ۋە ئۆتكۇر بۇرۇن ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە بۇرۇندىن ئاققان پوتلا پۇتۇنلەي سۇغا ئوخشاش بولۇپ، بۇرۇن ئىچى قۇرغاقلىشىپ ئىچىشىدۇ، بۇرۇن پۇتۇش، چۇشكۇرۇش، پۇتۇن بەدەن يىقىمسىزلىنىش، قىززش ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئوتتۇرا باسقۇچقا كەلگەندە بۇرۇن ئاجرالىمىلىرى تېخىمۇ كۆپۇيۇپ سۇ ھالەتتىن تەدرىجى يىرىڭغا ئوخشاش قويۇق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. بۇ مەزگىلدە مۇۋاپىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلسا تەخمىنەن 1 ھەپتە ئىچىدە ئەسلىگە كىلىدۇ، ئالدىنى ئىلىش تەدبىرى قوللانمىغاندا ئاسانلا ئوتتۇراقۇلاق ياللۇغى، بۇرۇن يان كاۋاك ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، سوزۇلما بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.

•  زۇكام تىگىپ ساقايمىسا پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سۇقۇپ ئۇنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا مەنپەئەت قلىدۇ.

•  ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقلىرى، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

•  توخو گۆشى شورپىسى ھەقىقەتەن ياللۇغ قايتۇرۇپ زۇكامنى داۋالايدۇ.

•  زۇكامغا 120گرام ئامۇت، 15گرام خام زەنجىۋىل، 15گرام سۇڭپىياز ئېقى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن سۇغا ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى چېقىپ سېلىنىدۇ. بۇ دورىنى قىزىق پېتى ئىستېمال قىلىپ بولۇپ تەرلىنىش لازىم.

•  زۇكامغا30گرام ئاق قىچا ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بېرىش كېرەك.

•  زۇكامغا توخۇ تۇخۇمىنى سۇغا سېلىپ، سۇنى قىزدۇرۇپ، سۇ قولنى كۆيدۈرگۈدەك بولغاندا تۇخۇمنى سۈزۈپ ئېلىپ كېسەلنىڭ قورساق، دۈمبە، پۇت- قوللىرى ئۈستىدە تېزلىك بىلەن ئون مىنۇت ئايلاندۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى بىر قېتىم ئىشلەنسە بولىدۇ.

•  15گرام سامساقنى ئادالاپ سوقۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، 15مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە ئۈگرىگە تېتىغۇدەك سېلىپ، ئۈگرىنى قىزىقىدا ئىچىپ، يېتىپ تەرلىنىش كېرەك. بۇ ئادەتتىكى زۇكامغا باب كىلىدۇ.

•  250گرام تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا بىرنەچچە سائەت چىلاپ قويغاندىن كېىيىن بىر كۈندىلا تۇرۇپنى يەپ، ئاچچىقسۇنى ئىچىپ بولۇش كىرەك. بۇ دورا تارقىلىشچان زۇكامغا باب كېلىدۇ.

•  يۇقۇملۇق زۇكام: بۆلجۈرگەن، تاۋۇز، كۇلى بىھىسى، ئەنبەھ (ماڭگۇ).

•  زۇكام شوۋىگۈرۈچى

گۈرۈچكە قارائۈرۈك ۋە گۆشنى قىيما قىلىپ قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ، تۇز تەمى تېتىلىپ، يۇمغاقسۈت سېلىپ ئېچىلىدۇ.

•  ئەگەر بۇرنىڭىزدىن سۇ ئېقىپ، چۈشكۈرۈپ، زۇكام ناھايىتى تىز بىئارام قىلغان بولسا سامساقنى پىشۇرۇپ يىسىڭىز يېرىم سائەتتىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى : باش سامساقنى پارچىلاپ، قازاندا قورىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىۋاسىتە ئوتقا قاقلاپ( گاز ئوچاقتا بولسىمۇ بولىدۇ) پۇشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چوغقا كۆمۈپ پۇشۇرسىڭىز تېخى ياخشى. پىشقاندىن كېيىن سامساقنىڭ ئاچچىقى يوقايدۇ. كۆيگەن پوستىنى سويىۋېتىپ يىسىڭىز تەملىك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: گاز ئوچاقتا پۇشۇرسىڭىز بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. گېلىڭىز ئاغرىپ ياكى قىززىپ قالغان بولسىڭىز ئىستېمال قىلماڭ.•

بىر دانە نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن بىللە ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئازراق ناۋات قوشۇپ يېسە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.

•  بىر دانە نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن بىللە ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئازراق ناۋات قوشۇپ يېسە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.

•  پىياز-زەنجىۋىل سۈيىگە پۇت چىلىسا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىياز ئېقى ۋە زەنجىۋىلنى تەڭ مىقداردا ئېزىپ داسقا سېلىپ 1500 مىللىلىتىر قايناقسۇ قۇيۇمىز، بەش مىنۇتتىن كېيىن ( پۇت كۆيمىگىدەك بولىشى كېرەك ) پۇتنى داستىكى سۇغا چىلاپ 5-10 مىنۇت ئولتۇرۇمىز، ئاندىن پۇت ئالقىنىنى 2-3 مىنۇت ئۇۋۇلىساق، ئۈنۈملۈك ھالدا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

•  بەش ئەزا سەزگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

1. كۆز تۇيۇقسىز نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش. بۇ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى.

2. پۇراش سەزگۈسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىش. بۇ، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، مەسىلەن، زۇكام بولغاندا بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى پۇرىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ئۆپكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.

3. كالپۇك سەزگۈسى گاللىشىپ قېلىش. بۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئاشقازان زەخمەتكە ئۇچرىغاندا، كالپۇك قۇرۇش، يېرىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

4. قۇلاق ئېغىرلاپ قېلىش. بۇ، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى، كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردە بۆرىكى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئىبارەت ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، شۇڭا قادىلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.

5. تەم سەزگۈسى گاللىشىش. بۇ، يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئېغىز قۇرۇغان، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى بىلەلمىگەن چاغدا، يۈرەكتە كېسەل ئالامىتى يۈز بېرىشكە دىققەت قىلىش لازىم.

•  ئاچچىقسۇ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ئاچچىقسۇنى %5-%10 لىك نىسبەت بويىچە قاينىتىلغان ئىلمان قايناقسۇغا قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 4-5 قېتىم، ھەر قېتىمدا 2-3 تىمىمدىن بۇرۇنغا تىمىتىپ بەرگەندە، يۇقۇملۇق زۇكامنى داۋالايدۇ. بولۇپمۇ، زۇكامنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشىدا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، ئاچچىقسۇنىڭ باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس قاتارلىقلارنى تورمۇزلاش ۋە ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپ، بۇرۇن بوشلىقىدىكى زۇكام ۋىرۇسلىرىنى يوقاتقانلىقتىن، زۇكام تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە بۇرۇنغا تىمىتسا، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئۈنۈملىك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاچچىقسۇ بىلەن ھورلاش ئارقىلىق زۇكامنى داۋالاشقىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا، 100 گىرام ئەتراپىدىكى ئاچچىقسۇنى سىرلىق قاچىغا قۇيۇپ، مەش ئۈستىگە قويۇپ قايناتقاندا، ھورى ئۆي ئىچىدىكى ھاۋاغا تارقىلىپ، زۇكام ۋىرۇسلىرىنى يوقىتىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

•  زۇكامنى داۋالاش:

ئەگەر بۇرنىڭىز چىڭىشىش، گېلىڭىز ئاغرىش، قىزىتمىڭىز ئۆرلەش، كۆزىڭىز قىزىش، ئۇستىخانلىرىڭىز ئاغرىش، باش ئاغرىش دېگەندەك ئالامەتلەر بولسا شاتۇت كونسېرۋاسى ئىستېمال قىلىڭ. تېزلا ئۈنۈمى بولىدۇ. (تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ)

ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: ئاسان ئىچى سۈرىدىغانلار 100 گىرام ئەتراپىدا، ئىچى سۈرمەيدىغانلار 200 گىرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىڭ.دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قان بېسىمى زىيادە تۆۋەنلەر ئىھتىيات قىلىڭ.

•  زۇكامنى ئاددىي ئۇسۇلدا داۋالاش: ئەگەر بۇرنىڭىزدىن سۇ ئېقىپ، چۈشكۈرۈپ، زۇكام ناھايىتى تېز بىئارام قىلغان بولسا سامساقنى پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېرىم سائەتتىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى: باش سامساقنى پارچىلاپ، قازاندا قورىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىۋاسىتە ئوتقا قاقلاپ (گاز ئوچاقتا بولسىمۇ بولىدۇ) پىشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چوغقا كۆمۈپ پىشۇرسىڭىز تېخى ياخشى. پىشقاندىن كېيىن سامساقنىڭ ئاچچىقى يوقايدۇ. كۆيگەن پوستىنى سويۇۋېتىپ يېسىڭىز تەملىك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: گاز ئوچاقتا پىشۇرسىڭىز بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. گېلىڭىز ئاغرىپ ياكى قىزىپ قالغان بولسىڭىز ئىستېمال قىلماڭ.

•  بىر قىسىم سالامەتلىكى ناچار قىزلار سوغوق سۇدا يۇيۇنسا بولمايدىكەن. سالامەتلىكى ئەسلىدىلا ناچار ئادەم سوغوق سۇدا يۇيۇنسا ئاسانلا زۇكام بۇلۇپ قالىدىغان ياكى بولمىسا قىزىپ قالىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدىكەن. لېكىن دائىم سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېرىنى تېخىمۇ سىلىق قىلىش بىلەن بىرگە زۇكامبولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

•  كەتىرا قوي گۆشى شورپىسى

رېتسىپ: دارچىن 10 گرام، ئاق چوغلۇق 15 گرام، زەنجىۋىل 10 گرام، چىلان 10 گرام، چۈچۈكبۇيا 6 گرام (قۇرغاق)، قوي گۆشى 250 گرام.

تەسىرى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

داۋالاش دائىرىسى: سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىش، پۇت – قوللىرى تېلىپ ئاغرىش، بەل – تىزلىرى ماغدۇرسىزلىنىش، كەچتە كىچىك تەرەپ كۆپ بولۇش.

كىشىلەر يۇقارقى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، زۇكامداپ قىزىش، ياكى مەنپىيىلىك زەئىپلىششتىن قىزىغاندا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

•  زەنجىۋىل ئۇۋىقىنى ئاغرىغان جايغا سۈرسە، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، زەنجىۋىل ياپراقچىسىنى قۇياش پەللىسىگە چاپلاپ بەرسە، باش ئاغرىشنى توختىتىشتا ئۈنۈمى ياخشى. زەنجىۋىل شورپىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تۆت پەسىلدە زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

•  گېلىڭىز ئاغرىسا قاتكۆك قايناتمىسى ئىچىڭ، چۈنكى قاتكۆكنىڭ باكتېرىيەگە قارشى ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار؛ ئەگەر زۇكام بولۇپ قالسىڭىز، يەنىلا قاتكۆك قايناتمىسى ئىچىڭ، چۈنكى ۋىتامىن C زۇكامنى پەسەيتىپ، چارچاشنى يوقىتىدۇ.

•  زۇكامغا 10 گىرام ئەنجۈرنى 15 گىرام قۇرۇق ئۈزۈم، بەش گىرام چۈچۈكبۇيا بىلەن قاينىتىپ ئېچىش كېرەك.

•  زۇكامغا 15 گىرام قارا شىكەرگە 15 گىرام خام چاشكا قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.

•  زۇكامغا ئون گىرام شاپتۇم مىغىزىنى سۇغا چىلاپ، يۇمشىغاندا 100 گىرام گۈرۈچ قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.

•  30 گىرام گۈلسامساقنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە 20گىرام ناۋات قوشۇپ، كۈندە بىر قېتىم ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچسە زۇكامغا داۋا بولىدۇ.

•  خام زەنجىۋىلدىن ياڭاق چوڭلۇقىدا غولپىيازدىن ئالتە تال تۇرۇپتىن بىر تال تەييارلاپ ئالدى بىلەن تۇرۇپنى توغراپ بىرچىنە سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا زەنجىۋىل بىلەن غولپىيازنى توغراپ سېلىپ قاينىتىپ سۇزۇپ ئىلمان ھالەتتە ئىچكەندە زۇكامغا شىپا بۇلىدۇ.

•  ئەينولادىن بەش تال قارائۇرۇكتىن بەش تال يۇمغاقسۇت كۇكىدىن بىرسىقىم چىلاندىن يەتتە تال تەييارلاپ كاشكاپ قىلىپ ئىچكەندە زۇكامغا ئالاھىدە مەنپە ئەت قىلىدۇ.

•  بىر باش سامساقنى ئىزىپ ئۇنىڭ سۇيىگە يېرىم پىيالە قايناق سۇ قۇشۇپ ئىچىپ بەرگەندە قىززىتما قايتۇرىدۇ بەلغەم بوشىتىدۇ زۇكامغا ياخشى مەنپە ئەت قىلىدۇ.

•  بىر سىقىم ئاق قىچىنى سۇقۇپ بىر تال تۇخۇم ئېقىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بەرگەندە زۇكامغا شىپا بۇلىدۇ.

•  بەش سىقىم ئارپىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە زۇكام ۋە نەزلىگە ياخشى مەنپە ئەت قىلىدۇ.

•  بىھىنى قوقاسقا كۇمۇپ پۇشۇرۇپ يىسە زۇكام ۋە يۇتەلگە مەنپە ئەت قىلىدۇ.

•  زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىقى، بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش، مۇزلاش، قىزىشقا سامساقنى سوقۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ ئون ھەسسە سۇ قوشۇپ، بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم بۇرۇنغا تېمىتسا بولىدۇ. ياكى 10 گرامدىن سامساق، سۇڭپىيازنى ئېزىپ، قايناق سۇغا قارا شىكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىقىدا ئىچسە بولىدۇ.

•  زۇكامغا ئىسسىق توخۇ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. توخۇ شورپىسى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

•  مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە زۇكام ئالامەتلىرىنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ.

•  زۇكام يېڭى تەگكەندە بەش مىسقال زەنجىۋىلنى بىر تال غولپىياز (يىلتىزى بىلەن) بىلەن قاينىتىپ، قارا شېكەرنى مۇۋاپىق سېلىپ، قىزىقىدا ئىچىپ يېتىپ تەرلىسە، زۇكامغا شىپا بولىدۇ.

•  تۆت مىسقال زەنجىۋىل، بىر باش سامساق ۋە ئازراق قارا شېكەر تەييارلاپ قاينىتىپ، ئىسسىقىدا ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

•  ئەگەر كىمىكى تۇمۇ « زۇكام » تېگىپ ساقايمىسا، پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سوقۇپ ئۇنىنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا، ھەرقانداق تۇمۇ « زۇكام » غا پايدا قىلىدۇ.

•  سىياداننى چالا سوقۇپ پات–پات پۇراپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغىرىش ۋە زۇكامغا شىپا قىلىدۇ.

•  بەش مىسقال زەنچىۋىلنى يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچكۈزسە، بوۋاقلارنىڭ زۇكامى ئىككى كۈندە ساقىيىدۇ.

ئىزدىنىش تورى، بىلگە تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-05 / 08:46:59

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ