ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزداۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل چېنىقىش ئۇسۇلى

داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل چېنىقىش ئۇسۇلى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

چوڭقۇر نەپەس ئېلىش . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە كېلىنىكلىق كۆزىتىش نەتىجىسىدە مۇنداق ئەھۋاللار بايقالدى : يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىكىگە گرىپتار بولغانئاغرىقلار زىيادە چوڭقۇر نەپەس ئالسا ، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىدا يىگىلەش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، جانغا زامىن كېسەللىكلەر ، بولۇپمۇ يۈرەك تىقىلمىسى ، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە باشقا نۇرغۇن تاساددىپىيلىق ئەنە شۇنداق چوڭقۇر نەپەسئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەرگەن:‹‹يۈرەك تومۇرلىرى ، مېڭە تومۇرلىرى كېسەللىكىگە ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى چوڭقۇر نەپەس ئېلىشماھارىتىنى مەشىق قىلمىغىنى تۈزۈك››ئىكەن .

ئارقىچىلاپ مېڭىش . ئارقىچىلاپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈش نورمال ھەرىكەت قىلمايدىغان مۇسكۇللارنى قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، ئادەم تېنىنىڭتەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ، شۇڭا ياشانغانلار ئەتىگەنلىك مەشىقتە ئارقىچىلاپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ . بىراق ياشانغانلارنىڭ يۈرەك تومۇرلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولمايدۇ . ئارقىچىلاپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈشبولسا ، تومۇرلارغا چۈشىدىغان بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ،بويۇننىڭيۆلۈنىشىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ بويۇن غول تومۇرىنى كۈچلۈك بېسىمغا دۇچار قىلىدۇ ، تومۇرنىڭ بوشلۇقىنى تارايتىپ ۋە چوڭ مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ، ھەتتا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يۆلىنىشى ئۆزگەرگەندە ھوشىدىن كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ياشانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، تاسادىپىي پۇرسەتتە بىرەر قېتىم ئارقىچىلاپ مېڭىش سالامەتلىككە زىيان سالمايدۇ ، بىراق دائىم ئارقىچىلاپ مېڭىشتىن ھەزەر ئەيلىگەن ياخشى .

تۇزلۇق سۇ ئىچىش . فىزىئولوگىيەلىك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرستىلگەن:‹‹ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا نەپەس ئالىدۇ ۋە تەرلەپ بەدەندىكى نۇرغۇن سۇنى خورىتىدۇ . سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا قان خېلىلا قويۇق ھالەتتە بولىدۇ ، مۇنداق ھالەتتە تۇزلۇق سۇ ئىچىش سۇسىزلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ–دە ، ئادەم ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئادەم سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ، قان بېسىمى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ ، بۇنداق ۋاقىىتتا تۇزلۇق سۇ ئىچىش قانبېسىمىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىپ ، ساغلاملىققا پايدىسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ . مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ :‹‹سەھەردەئورندىن تۇرغاندا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش ئەڭ توغرا تاللاش ، بۇنداق بولغاندا ، ئاجىرىلىپ كەتكەن سۇتەركىبىنى تولۇقلىغىلى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە قاننى سويۇلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.››

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:01:47

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ